مۇسۇلمانلارغا قىممەتلىك نەسىھەت

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇسۇلمانلارغا قىممەتلىك نەسىھەت
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 17/12/1430ھـ 2009-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمان بارلىق ئىشلىرىدا مۇناسىپ سەۋەپلەرنى تاللاش بىلەن بىرگە، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش لازىملىقى، دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بارلىق ئىشلىرىنى (يەنى مۇسىبەت ۋە خوشاللىقلىرىنى) ئىدارە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئېشىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى قاتارلىق ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان قىممەتلىك نەسىھەتلەر سۆزلەندى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-12-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/259858
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇسۇلمانلارغا قىممەتلىك نەسىھەت
324 KB
: مۇسۇلمانلارغا قىممەتلىك نەسىھەت.doc
2.
مۇسۇلمانلارغا قىممەتلىك نەسىھەت
148.1 KB
: مۇسۇلمانلارغا قىممەتلىك نەسىھەت.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇسۇلمانلارغا قىممەتلىك نەسىھەت

 

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "مۇسۇلمانلار ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ۋە ئاللاھقا ھەقىقى تۈردە تەۋەككۇل قىلىشى لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! بارلىق ئىشلىرىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار. ئاللاھغا ھەقىقى تۈردە تەۋەككۇل قىلىڭلار. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان كىشىگە ئاللاھ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ ۋە ئۆز رازىلىقى بىلەن جەننەتكە يەتكۈزىدۇ. ئىشلىرىڭلاردا شەرىئەت بېكىتكەن توغرا سەۋەپلەرنى قىلىڭلار. دۇرۇس بولغان تەجرىبە ساۋاقلار بويۇنچە ئەمەل قىلىڭلار. بارلىق ئىشلىرىنى شەرىئەت ھۆكمى بىلەن ئىلىپ بارغان كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپقۇچىلاردىن بولىدۇ. قۇرئان-ھەدىسنىڭ روھىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن بارلىق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەقدىرنى بىكىتىۋەتكەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەقدىرىنى بېكىتكەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ. [ئىمام تىرمىزى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ۋە خالىغان ئىشلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. رەھمىتى ھەممىگە ئورتاق بولىدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا قايتۇرۇلىدۇ. مەخلۇقاتلار قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن سۇئال قىلىنىدۇ، ئەمما ئاللاھ قىلغان ئىشلىرىدىن سورالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھاياتلىق دۇنياسىنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بىر دۇنيا قىلىشنى ئىرادە قىلدى. كىشىلەر كائىناتتىكى ئىلاھى قانۇنىيەتنى كۆرىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە قۇدرەتلىك زات ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىنى مەلۇم مۇددەت ياشايدىغان قىلىپ ياراتتى.

ئاللاھ كائىناتتا ھاياتلىقنى-ئۆلۈمنى، ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى، ياخشىلىقنى-يامانلىقنى، خۇرسەنلىك، غەم-قايغۇنى، ساقلىق ۋە كېسەللىكنى، تىنچلىق، بالا-مۇسىبەتنى، ئىتائەت-ئاسىيلىقنى، قىيىنچىلىق-ئاسانلىقنى، كامالەت-نۇقسانلىقنى بېكىتىشى، كىشىلەرنىڭ بۇ كاتتا كائىناتنى ياراتقان  بارلىق كەمچىللىكتىن خالى بولغان، يەككە-يىگانە بىر ياراتقۇچىسى بار ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە ئۇ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىلىشى، دۇنيا-ئاخىرەتتە بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى جانابى ئاللاھنىڭ كونتۇرۇللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىنساننىڭ بېلىشى ۋە ئىمان ئېيتىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشقا قادىردۇر ۋە كۈچى يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا،يالغۇز ئاللاھدىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر». [سۈرە يۇنۇس 107-ئايەت].

ئاخىرەتتە ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى ۋە نېمەتلەر جەننەتتە بولىدۇ. بارلىق يامانلىق ۋە تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتلەر دوزاختا بولىدۇ. جەننەتكە كىرگەن كىشى بىئارام بولمايدۇ، دۇنيادا قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلىرىگە پۇشايمان قىلمايدۇ، يەتكەن مۇسىبەتلەرگە ھەسرەتلەنمەيدۇ. دوزاخقا كىرگەن كىشىگە دۇنيادا توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا ئالى نېمەت ئىچىدە ياشاپ، ئاخىرەتتە دوزاخقا چۈشكەن كىشىنى دوزاخنىڭ ئازابىغا بىر چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن كىيىن: ئى ئادەم بالىسى! دۇنيادا بىرەر ياخشىلىق كۆردۈڭمۇ؟بىرەر نېمەتتىن بەھرىمەن بولدۇڭمۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇ: ياق ئى رەببىم! مەن دۇنيادا ھېچقانداق بىر ياخشىلىق ۋە نېمەت كۆرمىدىم دەيدۇ. دۇنيادا قاتتىق قىيىنچىلىق تارتىپ جەننەتكە كىرگەن بىر كىشىنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىگە بىر چۆمۈلدۈرۈپ: ئى ئادەم بالىسى!دۇنيادا بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىڭمۇ؟ جاپا-مۇشەققەت تارتتىڭمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ياق ئى رەببىم! مەن دۇنيادا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىدىم ۋە جاپا-مۇشەققەتمۇ تارتمىدىم دەيدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

دۇنيادا ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ۋە تەقدىر قىلىنغان جاپا-مۇشەققەتلەر ئىمان بىلەن ئىسلام بۇ كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشى، سەبرى قىلغانلىق ۋە شۈكۈر ئېيتقانلىقنىڭ بەدىلىگە كاتتا ساۋاپ ۋە بۈيۈك نېمەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىغا كېپىل بولىدۇ. سالمان رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىننىڭ ئىشلىرىدىن ئەجەبلىنىمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىلىقتۇر. بۇ ئىش مۆمىندىن باشقىغا مەنسۇپ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە ئاللاھغا شۈكرى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە بۇنىڭغا سەبرى قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر». [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

كېسەللىك بولسا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى سىنايدىغان بىر ئامىل بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى سەۋەب بىلەن ياكى سەۋەبسىزلا پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا خالىغان كىشىلەرگە مەلۇم سەۋەپ بىلەن ياكى سەۋەبسىزلا شىپالىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر، خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە بۇرج 15-16-ئايەتلەر]. كىمكى بىرەر كېسەللىك بىلەن ئاللاھنىڭ سىناقلىرىغا دۇچ كەلسە، ئۇنىڭغا سەبرى قىلىپ، ئاللاھ دۇرۇس قىلغان نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى لازىم.

مۇسۇلمان بارلىق ئىشلىرىدا سەۋەب قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھقا يېلىنىشى ۋە مەزكۇر ھاجەتنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « كىمكى ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ.» [سۈرە تالاق 3-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

دۇئا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ۋە چۈشۈرۈلمىگەن ھەممە نەرسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. دۇئا بارلىق ياخشىلىقنىڭ ئەمەلىيەلىشى ۋە بارلىق يامانلىقتىن مۇداپىئە قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن». [ سۈرە غاپىر 60-ئايەت].  

(دېمەك؛ ھەرقانداق بىر مىللەت ياكى شەخس بىشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە قايغۇ ھەسرەتنىڭ، خوشاللىق ۋە خاتىرجەملىككە ئايلىنىشى ئۈچۈن سەۋەپ قىلىشى، بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى قوللىنىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر ئىشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇسىبەتكە مۇپتىلا قىلغۇچى ئاللاھقا يېلىنىشى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىشى، رەسۇلۇللاھنىڭ شەرئىي پرىنسىپلىرىنى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەرساھەسىدە ئەمەلىلەشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە نۇسرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەتلىنىش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى.-مۇھەررىر-)    

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top