ھەجنىڭ پەزىلىتى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھەجنىڭ پەزىلىتى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ3/12/1430ھـ2009-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھەج ئىبادىتىنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابى، بۇ پائالىيەت جەريانىدا قىلىنىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر، ئېھرام كىيىملىرى ئىنسانغا كىپەنلىكنى ئەسلەتسە، ھاجىلارنىڭ ئەرەپات مەيدانىغا بىر ۋاقىتتا بىر ماكانغا جەم بولىشى مەھشەرگاھنى ئەسلىتىدىغانلىقى، بۇنىڭدا ئاللاھنى يادلاندۇرىدىغان مۆجىزىلەر ۋە ئىبرەتلىك نەسىھەتلەر بارلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-11-23
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/253727
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھەجنىڭ پەزىلىتى
309.5 KB
: ھەجنىڭ پەزىلىتى.doc
2.
ھەجنىڭ پەزىلىتى
158.8 KB
: ھەجنىڭ پەزىلىتى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھەجنىڭ پەزىلىتى

 

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھنى مەدھىيىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ھەجنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك  پايدىسى ۋە ھەج قىلىشتىكى مەقسەت، ھەج كۈنلىرىنىڭ پەزىلىتى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئېسىل ۋاقىت، شەرەپلىك ئورۇنلاردا بولىدىغان ياخشىلىق مەۋسۇملىرى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلمەكتە. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ھەر كۈنى زېمىندا ئىبادەت قىلىشنىڭ سىمۋولى بولغان ئاللاھنىڭ بەيتىگە تەلپۈنمەكتە. ئاللاھنىڭ «نامازدا يۈزۈڭنى مەسجىدىل ھەرام تەرەپكە قىلغىن»، دېگەن سۆزى بۇنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز نۇرى ۋەز-نەسىھەتلەر يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مۇبارەك ئورۇنغا تىكىلىدۇ. ئاللاھنىڭ «ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر بار »دېگەن سۆزىمۇ شۇ مەنانى ئىپادىلەيدۇ. ھەرەمنىڭ ئىچىدە ئاللاھ تەرەپتىن بولغان تىنچ-خاتىرجەملىك بار، ئاللاھنىڭ «بەيتۇللاھغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ» دېگەن سۆزى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. زېمىننىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئۈچۈن ھەج پائالىيەت جەريانىدا تۈرلۈك ماددى ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن». ئۇلارنىڭ رىزقلىرى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئەتراپىنى ھەرتۈرلۈك نېمەتلەر ئوراپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنى بىز تىنچ ھەرەمگە ئورۇنلاشتۇرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ.»

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەج ئۆمەكلىرى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى ئۈمىت قىلىپ، كاتتا ساۋابقا ئېرىشىشنى غايە قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ۋە ئىبادەتلەرنىڭ كاتتىسى بولغان ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەم- بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلمەكتە.

ھەرەم- بەيتۇللاھ ھەج قىلىش ئارقىلىق گۇناھ-مەسىيەتلەردىن پاكىزلىنىدىغان مۇبارەك زېمىندۇر. مەشھۇر ساھابىلەردىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:«بىلگىنكى! شۈبھىسىزكى، ئىسلام بۇرۇنقى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ، ھىجرەتمۇ بۇرۇنقى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ، ھەجمۇ بۇرۇنقى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ.» ھەج قىلىش بىلەن خاتالىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ كىرلىرى يۇيۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېدەل-ماجرا قىلماستىن، پىسق-پۇجۇر سادىر قىلماستىن ھەج قىلغان كىشى يىڭى دۇنياغا كۆز ئاچقاندەك گۇناھتىن پاك بولىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «تولۇق ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدۇ».

ھەجنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى، تەۋھىد ئەقىدىسىنى تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە، ئىبادەتتە ھېچ قانداق شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش، ھەجنىڭ بارلىق شوئارلىرى، پائالىيەتنىڭ باشلىنىشى ئاللاھنى بىر بىلىش، بۇيرۇقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىشنى ئىپادىلەيدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن ئىلىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەڭ ئالى بۇيرۇقى تەلبىيەنى ئاللاھنىڭ يەككە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن باشلاشتۇر. ئۇ بولسىمۇ دىننىڭ ئەسلى ۋە ئاساسى بولغان، ئەمەللەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ شەرتى بولغان تەۋھىد سۆزىنى ئىقرار قىلىش، ئاللاھنىڭ ھەقىقى نېمەت بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەش بىلەن نېمەت ئاتا قىلغۇچىنى ماختاش ۋە بەرگەن نېمەتلەرنى ئاللاھ رازى بولىدىغان يوللارغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ھاجىلارنىڭ يىڭنىدە تىكىلگەن كىيىملەرنى كەيمەستىن ئاددى رەختلەرگە ئورىنىشى ئۇلارغا ئاخىرەتكە يۈزلەنگەندە كىيىدىغان كىپەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىبىرىنى تاشلاپ، كەمتەرلىك، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھغا تايىنىپ، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئىبادەتكە ئاتلىنىدۇ، بەيتۇللاھنى كۆرۈش بىلەن بارلىق ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشنىڭ كۆرۈنىشى ھاسىل بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئېسىل جاينى ئىككى كاتتا پەيغەمبەر بىنا قىلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلغان: « ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ : پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، نىيىتىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن.»

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۆمىن كىشى خەير-ئېھسان بىلەن مېھرى-شەپقەتنى خاراكتېرىگە مۇجەسسەملەشتۇرىدۇ. مۇناپىقلار بولسا خاتىرجەملىك بىلەن ئەسكىلىكنى ھاياتىدا ئابىدە تىكلەيدۇ. ھەقىقى ئىخلاسمەن كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىدۇ. بۇ ئىشى ئارقىلىق، رىياكارلىق، پەخىرلىنىش، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن بىرگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ئىبادەتكە ياردەم بېرىشنى سورايدۇ.

تىنچلىققا تولغان ئاللاھنىڭ بەيتى كەبىنىڭ ئەتراپىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە بىر خىل ھەيۋەت ۋە ئىمانى سېھرى كۈچ پەيدا بولىدۇ. مۇسۇلمان ئۈچۈن زېمىندا تاۋاپ قىلىپ ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان كەبىنىڭ ئەتراپىدىن باشقا ئورۇن يوق. ھەجەر ئەسۋەدتىن ئىبارەت بولغان قارا تاشنى سۆيۈش بىلەن گەرچە بۇنىڭ ھېكمىتى بىلىنمىسىمۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە گۈزەل بىر شەكىلدە بويسۇنۇش ئىپادىلىنىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەجەر ئەسۋەدكە خىتاب قىلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن سىنىڭ كىشىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ سېنى سۆيمەيتتىم» دەيدۇ. ساپا-مەرۋىنىڭ ئارىسىدا مېڭىش كىشىلەرگە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ھېچقانداق زىرائەت ۋە سۇ بولمىغان بىر جىلغىدا  ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا كىچىك پەرزەنتى ئۈچۈن سۇ ئىزدەپ ماڭغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئاللاھدىن بىر نەرسە ئۈمىت قىلغان كىشىنىڭ ئىشەنچىسى يوقالمايدۇ. زەمزەم بولسا ھاجەر ئانىمىزنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ كىيىنكى كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.

مۇسۇلمانلار ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەج پائالىيەتلىرىنى مەندىن ئۈگۈنۈڭلار» دېگەن چاقىرىقى بويۇنچە سۈننەتكە مۇۋاپىق ئادا قىلىشى، ھەرقانداق ئىبادەت ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزىدىن مېڭىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار».

ئەرەپات كۈنى بىر مۇبارەك كۈن بولۇپ، ئۇ كۈندە بارلىق ھەج قىلغۇچى مۇسۇلمانلار بىر جايغا جەم بولىدۇ. بۇ مۇبارەك ۋاقىت ۋە مۇقەددەس زېمىندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۈمىت قىلىنىدۇ، ھەممە كىشى ئاللاھدىن قورقۇپ تۆۋەنچىلىك بىلەن باش ئېگىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكسىز ئېسىل بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەپات كۈنى كەچتە ھاجىلارنىڭ قەلبىگە ئىمان، رەھمەت، نۇر ۋە بەرىكەتلەر چۈشىدۇ، بۇ كۈندىكى روھانى ھەقىقەتنى تىل ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ دۇئا قىلىنىدىغان ئەڭ ئالى ۋە مۇقەددەس ئورۇن بولۇپ، دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەزكۇر كۈندە قىلىنغان دۇئالاردۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەڭ ياخشىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر. ئاللاھ بىر دۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. بارلىق ماختاش ۋە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر" دېگەن سۆزدىن ئىبارەتتۇر دەيدۇ.

بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا دوزاختىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازات قىلىدۇ ۋە پەرىشتىلەرگە ئەرەپاتتىكى ھاجىلار بىلەن پەخىرلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا دوزاختىكى گۇناھكارلارنى ئەڭ كۆپ ئازات قىلىدىغان كۈن ئەرەپات كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە ئاللاھ زېمىننىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ ھاجىلارغا يېقىنلىشىدۇ. ئۆزىگە يېقىن بولغان پەرىشتىلەرگە ئۇلار بىلەن پەخىر قىلىدۇ، پەرىشتىلەردىن: ئۇلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ دەپ سورايدۇ». ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھاجىلارنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا خاتالىق ۋە كەمچىللىك سادىر قىلغان كىشىلەر تۆۋە قىلىپ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كىيىن ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىدۇ".

ھەج پائالىيەتلىرى ئادا قىلىنىدىغان ئورۇنلار غا ھاجىلارنىڭ توپلىنىشى قىيامەت مەيدانىدا كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جەننەت ياكى دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۆرۈنىشىنى ئەسلىتىدۇ. ھەج ئىبادىتى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىبادەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز پەرۋەردىگارىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مال بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھغا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھغا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر».

چېچىمىزنى چۈشۈرۈش ياكى قىسقارتىش بولسا بىزنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنغىنىمىز. ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىغا باش ئەگكىنىمىز ۋە غالىپلىقىغا بوي ئېگىپ خارلىقىمىزنى ئىپادىلىگەنلىكىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاللاھنى زىكىر قىلىش-ئەسلەش قەلبگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ. مۇقەددەس ئورۇنلاردا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان دىنى ۋە دۇنياۋى مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن».

ھەج ئىبادەتلىرى ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىپ، تەۋھىدنىڭ ماھىيىتىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش ئىشلىرى ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا قويۇلدى.» ھاجىلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغانلىرى ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغانلاردۇر. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىراقى ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئەمەلنى قىلىش جەريانىدا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغانلاردۇر. روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى روزا تۇتۇپ ئاللاھنى ئەڭ كۆپ زىكىر قىلغۇچىلاردۇر. سەدىقە قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەدىقە قىلىش جەريانىدا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچىلاردۇر. ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەج جەريانىدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچىلەردۇر".

ھەج پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندا، ئەمەللەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن تاماملاش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن ئەمەللەرنىڭ كەمچىللىكلىرى تولۇقلىنىدۇ. ئىنساننىڭ ئورنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ، ناقىسلىقتىن كامالەتكە يېتىدۇ. ھەجنى سۈننەتكە مۇۋاپىق گۈزەل بىر شەكىلدە ئادا قىلغان، كەمچىللىكلەردىن يىراق بولغان كىشى ياخشى بىر ھالەتتە يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ رازى بولغانلىق ۋە ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ياخشىلىقتىن كىيىن يەنە ياخشىلىق قىلىش بولۇپ، ھاجىلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كىيىن ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشتا، تائەت-ئىبادەتلەردە ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئۈلگە بولىشى كېرەك.

ئاللاھ بارلىق ھاجىلارنىڭ ھەججىنى قوبۇل قىلسۇن. ئۇلارنى گۇناھتىن پاك بولغان ھالەتتە ساق-سالامەت ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا، ئىمان-ۋىجدان  بىلەن ياشاپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.        

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 23 )
Go to the Top