كيف نفهم النزول الإلهي والليل مختلف في البلدان

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: كيف نفهم النزول الإلهي والليل مختلف في البلدان
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ورد في الحديث : ( ينزل الله سبحانه وتعالى كل ليلة إلى سماء الدنيا في الثلث الأخير من الليل ) الحديث ، متى يبدأ الثلث الأخير ومتى ينتهي ، وكيف يكون النزول الإلهي في البلدان المختلفة ؟.
تأريخ الإضافة: 2009-11-07
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/250031
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈشىنى قانداق چۈشىنىمىز
475.5 KB
فتح: ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈشىنى قانداق چۈشىنىمىز.doc
2.
ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
125.5 KB
فتح: ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟.pdf
نبذة موسعة

ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈشىنى قانداق چۈشىنىمىز

 

34810- نومۇرلۇق سوئال

سۇئال:

ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دېيىلگەن «جانابى ئاللاھ ھەر كۈنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا زېمىن ئاسمىنىغا چۈشىدۇ»، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىر قىسمى قاچان باشلىنىپ، قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدۇ؟ كېچە ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا بىر ۋاقىتتا چۈشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ .

جاۋاپ:

جانابى ئاللاھنىڭ بىرىنچى قەۋەت ئاسمانغا چۈشىشى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھەدىسلەر زىكىر قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىمىز ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچىنچى قىسمىدا زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈپ، كىمكى ماڭا دۇئا قىلىدىكەن ئىجابەت قىلىمەن، كىمكى مەندىن بىرنەرسە تەلەپ قىلسا بىرىمەن، كىمكى مەغپىرەت تەلەپ قىلسا گۇناھىنى كەچۈرىمەن، دەيدۇ ھەدىس شەرىپ.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرى جانابى ئاللاھنىڭ كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچىنچى قىسمىدا زېمىن ئاسمىنىغا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە چۈشىدىغانلىقى، زېمىنغا چۈشۈش شەكلى ۋە سۈپىتىنىڭ ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ، ئاللاھ  بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس . ھېچكىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ». [ سۈرە ئىخلاس ].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر». [ شۇرا سۈرىسى 11- ئايەت ]. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مەزھىبىدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشىدا، ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە زىكىر قىلىنغان گۈزەل ئىسىم ئالىي سۈپەتلىرىنى، ئاللاھ تائالاغا لايىق بولغان ھالدا ئۇ زاتقا خاس دەپ بىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلەرنى ئۆزگەرتمەستىن، ئىنكار قىلماستىن، مەخلۇققا ئوخشاتماستىن، ئۆز خاھىشى بويىچە شەرھىلىمەستىن، بۇ ئىسىم-سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەق دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋ ە ئاللاھنىڭ زاتىغا قانداق ئىمان ئېتىش ۋاجىپ بولغان بولسا، مەزكۇر ئىسىم-سۈپەتلىرىگىمۇ شۇ دەرىجىدە ئىمان ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە كۆز قارىشىدىكىلەر، ئاللاھنىڭ زاتىنى ھېچنەرسىگە ئوخشاتمىغان ۋە شەكىللەندۇرمىگەندەك، ئۇ زاتنىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ ھېچنەرسىگە ئوخشاتمايدۇ ۋە ئوز خاھىشى بويۇنچە شەرھىلىمەيدۇ.

زېمىننىڭ قايسى يىرى بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئاللاھنىڭ بىرىنچى قەۋەت ئاسمانغا چۈشىشى ئۆزىگە خاستۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ چۈشىشى باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ چۈشۈشىگە ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچىنچى قىسمىدا پۈتۈن دۆلەتلەردىكى زېمىن ئاسمىنىغا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە چۈشىدۇ. ئاللاھنىڭ شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ ئۆزىلا بىلگەنگە ئوخشاش، پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا   قانداق چۈشىدىغانلىقىمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە مەلۇم.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر» [شۇرا سۈرىسى 11- ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «سىلەر ئاللاھقا مىسال كەلتۈرمەڭلار يەنى ئاللاھقا بۇتلارنى ئوخشاتماڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ھەممە ھەقىقەتنى) بىلىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكىنى بىلمەيسىلەر» [نەھىل سۈرىسى 74- ئايەت ].  

كېچىنىڭ ئۈچ قىسمىنىڭ بىرىنچى قىسمى ۋە ئاخىرقى ئۈچىنچى قىسمى ھەر دۆلەت ۋە قىتئەنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قاراپ ئۇزۇن-قىسقا  بولىدۇ ۋە ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن: (كېچە 9سائەت بولسا، كېچىنىڭ 7-سائىتىدىن تاڭ يورۇغانغا قەدەر، ياكى 12سائەت بولسا، كېچىنىڭ 9-سائىتىدىن تارتىپ ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈدىغان ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ.) كېچە ۋە كۈندۈزنى سىستېمىلىق ئىدارە قىلىۋاتقان ئاللاھ زېمىن ئاسمىنىغا قانداق چۈشۈشنى ئۆزى بىلىدۇ.  

ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچى ئاللاھتۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ مەرھۇم  ئابدۇل ئەزىز ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 4- توم 420 - بېتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.


 

Go to the Top