تصنيف الناس وآثاره السيئة على الأمة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: تصنيف الناس وآثاره السيئة على الأمة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور عبد الرحمن بن عبد العزيز السديس 11/11/1430 هجري، بين فيها-حفظه الله-عن خطورة تصنيف الناس والآثار السيئة المترتبة على ذلك، والأسباب المفضية إليه بالإضافة إلى العلاج الناجح لدرء هذه الفتنة .
تأريخ الإضافة: 2009-11-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/249993
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە كەلتۈرىدىغان زېيىنى
331.5 KB
فتح: كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە كەلتۈرىدىغان زېيىنى.doc
2.
كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە كەلتۈرىدىغان زېيىنى
157.3 KB
فتح: كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە كەلتۈرىدىغان زېيىنى.pdf
نبذة موسعة

 

كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە كەلتۈرىدىغان زېيىنى

 

 2009-يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدە -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى ئىسلامىي قېرىنداشلىق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، دۇنيانىڭ ئىنساننى بىئارام قىلىدىغان مەشغۇلىيىتى، ئۈممەتنىڭ ئېغىر كۈلپەت قايناملىرى، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەر شەرىئەتنىڭ يۈكسەك غايىلىرىدىن بىرى بولغان ئىسلام قېرىنداشلىقى، دىن بىرلىكى ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بەزىدە بىرلىشىدۇ يەنە بەزىدە ئىختىلاپلىشىدۇ. بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپلىشىش، بىر ۋىۋىسكىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئىنسانلارنى تۈرگە بۆلۈش، باشقىلارغا گۇمانى قاراشتا بولۇش، ئىشەنچ قىلماسلىق، ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ فىتنە پەيدا قىلىشى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئىستەيدىغان مىللەت ئۈچۈن قەتئىي ياراشمايدىغان بىر ئىش. بەزىلەر ھايا چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئۈممەتنى مۇھىم مەسىلىلىرىدىن باشقا ياقلارغا بۇراپ، ھەممە ئادەمگە تەنقىت نەزىرى بىلەن قاراپ قەلبىنى جاراھەتلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىۋالغانلار ئىدېئولوگىيە غېرىپلىقىدا ياشاۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنى سۆكۈش، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشنى ئۆزىگە ھۈنەر قىلىۋالغانلاردۇر.

جامائەت سورۇنلىرىدىكى سۆز-چۆچەكلەر، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى مۇنبەر، مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قۇلاق سالىدىغان بولساق، ئىنسانلار بىر بىرىگە دىنى ئات، قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ، بىرنى رادىكال دېسە بىرىنى ۋەھھابى، يەنە بىرىنى سوپى، بەزىلىرىنى مۇناپىق، ئالىملارنىمۇ ھەرخىل تۈرگە ئايرىپ ھاكىملارنىڭ ئالىمى، مۇناپىق ئالىم، رىياكار، قورقۇنچاق دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتايدۇ. فىتنە-پاساتچىلار باشقىلارنى تۈرگە بۆلۈپ، جاراھەتلەندۈرۈشكە پۇرسەت تاپالمىغان تەقدىردە كىشىلەرنىڭ نىيەت-مەقسەتلىرىگە قارىتا گۇمانى قاراشتا بولىدۇ. باشقىلارنى كۆز ئىشارىتى، مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق فىتنە پەيدا قىلىش ھازىرقى زامان مىكروبلىرى ئىچىدە ئەڭ ئېغىر مىكروبلاردۇر. مىللەت ئىچىدە قاچانكى بىرەر سالاھىيەت ئىگىسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خالىسا، مىللەتنىڭ شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە مەدەنىيەت ۋە ھازارەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويسا چىدىماسلاردىن كۆپلىگەن ھەسەتخور كۈچلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ فىتنە قوزغاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۈممەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بەزى قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويغان كىشىلەرنى ۋە مۇبارەك قۇرۇلۇشلىرىنى تەبرىكلىگەنلەرنى ئىلمانىي، لىبېرالى، غەربپەرەس دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ تەنقىتلەشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق ئاساس يوق، دەلىل ئىسپات تېخى يوق. پەقەتلا ۋەسۋەسە، ئۆچمەنلىك چىدىماسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىنسانلارنى بۇنداق تۈرلەرگە بۆلۈش ئەھلى قىبلە مۇسۇلمانلارنى بۆلۈش ئۈچۈن قىلىنغان سۈيقەستلەر بولۇپ، ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنى بۆلۈشكە سەۋەپ بولۇشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىشى كېرەك. شۇنىمۇ بىلىشى كېرەككى، بۇنداق بۆلگۈنچىلىك ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زىياندىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەيىپلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەنلەرنىڭ ئۈممەتكە كەلتۈرىدىغان زىيان ۋە سەلبىي تەسىرلىرى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتى ئۆزىگە لايىق خىزمەتلەرنى ئادا قىلىشقا، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىچىدە فىتنە-پاسات پەيدا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھازىرقى خار-زەبۇنلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. مىللەت بوينىدىكى خارلىق زەنجىرى تېخىمۇ پاتىدۇ. مىللەتنىڭ ھازىرقىدەك سەزگۈر ۋاقىتتا قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرى ۋە مەسئۇلىيىتى باردۇر.

مەسجىدىلئەقسا جوھۇدلارنىڭ خىرىسىغا ئۇچراپلا قالماستىن خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرماقتا. ئەلئەقسا ھەقىقىي خەتەر ئىچىدە بولىشىدىكى مۇھىم ئامىل مەسجىدىلئەقسانىڭ تېگىنى ھەرتەرەپتىن كولاپ، يىقىلىش خەتىرىگە يولۇقتۇرۇشتۇر. ئىسلام دۇنياسى، ئىسلام تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەتلەر، ئالىملار بىردەك مەسجىدىلئەقسانى كەلگۈسى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئـۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەسجىدىلئەقسا زىيونىزىمچى جوھۇدلارنىڭ خىرىسىغا ئۇچرىغاندىن سىرت يىقىتىپ تاشلاش خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە.

يەنە بىر خەتەرلىك مەسىلە بەيتىلمۇقەددەس شەھىرىنى يەھۇدىلاشتۇرۇش سىياسىتىدۇر. جوھۇدلارنىڭ ئاشكارە، مەخپى نىشان ۋە غايىلىرىدىن بىرى بەيتۇلمۇقەددەسنى ئۆز ئەھلى بولغان پەلەستىنلىكلەردىن تازىلاپ، مۇكەممەل يەھۇدىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتى بۇ ھەقتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

بىز ئۈممەت ئىسلامنىڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن بولغان، بىرىنچى قىبلە 3-ھەرەم دىيارىنى قوغدىيالمىساق تارىخ ئالدىدا يۈزىمىز قارا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا ئازابتىن قۇتىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. پەلەستىن زېمىنىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئوخشىشى باشقا مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زېمىنلىرىدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ.

 ئاخىرىدا خۇلاسە شۇكى، مۇسۇلمان دۇنيانىڭ قايسى بولۇڭىدا بولسۇن خاتىرجەم ياشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەيىپىنى يۆگەش كېرەك، يامان گۇمان قىلىشقا بولمايدۇ. مۇسۇلمان كىشى ئاڭلىغان خەۋەرنىڭ ھەممىگە ئىشەنمەسلىكى، خەۋەرنىڭ راس-يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن تارقاتماسلىقى كېرەك. مۇسۇلماننىڭ شەرىپىنى تۆكۈش ھارامدۇر.


 
 

Go to the Top