شېھىتكە جەننەتتە 72ھۆر -پەرىنىڭ ئىنئام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: شېھىتكە جەننەتتە 72ھۆر -پەرىنىڭ ئىنئام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان كىشىگە ئاخىرەتتە 72ھۆر-پەرىنىڭ بېرىلىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بۇ ساننى بېكىتىشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. شېھىت قىيامەت كۈنى ئۆز ئائىلىسىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىلەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-10-26
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/249006
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
شېھىتكە جەننەتتە 72ھۆر -پەرىنىڭ ئىنئام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
476.5 KB
: شېھىتكە جەننەتتە 72ھۆر -پەرىنىڭ ئىنئام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.doc
2.
شېھىتكە جەننەتتە 72ھۆر -پەرىنىڭ ئىنئام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
124.9 KB
: شېھىتكە جەننەتتە 72ھۆر -پەرىنىڭ ئىنئام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

شېھىتكە جەننەتتە 72ھۆر -پەرىنىڭ ئىنئام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

 

 

135049-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان كىشىگە ئاخىرەتتە 72ھۆر-پەرىنىڭ بېرىلىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بۇ ساننى بېكىتىشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. شېھىت قىيامەت كۈنى ئۆز ئائىلىسىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىلەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار جانابى ئاللاھغا خاستۇر. مىقدام ئىبنى مەئدى كەرىبە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شېھىت ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئالتە خىسلەت بولىدۇ: تۈنجى بىر تامچە قىنى زېمىنغا تۆكۈلۈشى ھامان گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. قەبرە ئازابىدىن ساقلىنىدۇ. بېشىغا دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن قىممەتلىك بولغان ياقۇت كۆزلۈك تاج كىيدۈرۈلىدۇ. 72ھۆر-پەرى ئىنئام قىلىنىپ خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ. ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلىش ئىمتىيازى بېرىلىدۇ.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى(1663)، ئىبنى ماجە(2799)، ئەھمەد(16730) دە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى ئىبنى مۇنزىر "تەرغىب ۋە تەرھىب"(2210)دە، ئىبنى ھەجەر پەتھۇلبارى ناملىق ئەسەرنىڭ 6-تومى 16-بەتلىرىدە ھەسەن دېگەن. شەيخ ئالبانى "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ ھەدىس دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما «ھۆر پەرىلەردىن 72 سى ئىنئام قىلىنىپ خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ» دېگەن سۆزنى موللا ئەلى قارىي "مىرقاتۇل مەپاتىھ"ناملىق ئەسىرىنىڭ11-توم481 بىتىدە شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "«ھۆر پەرىلەردىن 72سى ئىنئام قىلىنىدۇ» دېگەنلىكتىن  مەلۇم ساننى بەلگىلەش مەقسەت قىلىنىدۇ كۆپلۈك مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەلكى بۇ شېھىتكە بېرىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن مۇكاپات بولىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىنئام قىلىشىغا ھېچنېمە توسالغۇ بولمايدۇ" دېگەن. (يەنى مۆمىن جىنىنى ئاللاھ يولىدا تەقدىم قىلالىغان ئىكەن، ئاللاھنىڭ مەزكۇر بەندىنى مۇكاپاتلىشىدا ھېچقانداق شەك يوق. ھۆر-پەرى ئاخىرەتتە شېھىت تارتۇقلىنىدىغان ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىن ئىبارەتتۇر.-م-)

ئەمما "«ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلىش ئىمتىيازى بېرىلىدۇ» دېگەن سۆزدىن بۇ ساننىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى سان بولۇش ئېھتىماللىقى ياكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىلەرنى شاپائەت قىلىش ئىمتىيازىغا ئېگە بولىشىنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ بار. بۇنىڭدىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى شاپائەت قىلالمايدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئەرەبلەر  يەتتە دېگەن ساننىڭ كۆپەيتمىسىنى كۆپلۈكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

تاھىر ئىبنى ئاشۇر ئاللاھ تائالانىڭ:«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن 70قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى،ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» دېگەن ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: 70 قېتىم دېگەن سۆزدىن مەلۇم سان مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى بۇ ساناقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ كۆپلۈك مەنىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ.

كەششاپ ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى: "بۇ سان ئەرەبلەرنىڭ سۆزىدە كۆپلۈكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ دېگەن". ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋىر (6348).

ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ شېھىتلەر ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 70 كە شاپائەت قىلىدۇ دېگەن سۆزنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "70 نى دېگەندىن كۆپلۈك مەقسەت قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى". پەيزۇلقەدىر6-توم 598-بەت.

ئەمما نېمە ئۈچۈن 70 ۋە 72 دېگەن ساننى بېكىتىدۇ؟ دېگەن سۆزنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. بىز سانلارنى بېكىتىشتىكى ھېكمەتنى چۈشىنەيلى ياكى چۈشەنمەيلى، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەمەس بەلكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە تولۇق قانائەت بىلەن بويسۇنۇشتۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top