تاماكىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەپ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: تاماكىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەپ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: سەئد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلھۇمەيد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئەسما بىنتى ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: تاماكا چېكىشنىڭ ئىسلام پرىنسىپىدا چەكلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نېمە؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-10-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/236531
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
تاماكىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەپ
475 KB
: تاماكىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەپ.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

تاماكىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى سەۋەپ

 

10922-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

تاماكا چېكىشنىڭ ئىسلام پرىنسىپىدا چەكلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نېمە؟

جاۋاب:

بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن، دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر-مەيلى مۇسۇلمان ياكى كافىر بولسۇن، ھازىر تاماكىغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ تاماكىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئىسلام ئادەمگە زىيانلىق ھەرقانداق نەرسىنى چەكلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىندا زىيان  يەتكۈزۇش ۋە يەتكۈزۇلۇش» (يەنى ئىسلام دىنىدا ئۆزىگە ۋە غەيرىگە ۋاستلىق ياكى ۋاستسىز زىيان يەتكۈزۇش چەكلىنىدۇ).

شۈبھىسىزكى، يېمەك-ئىچمەكتە پايدا قىلىدىغان ۋە زىيان قىلىدىغان نەرسىلەر بولىدۇ. ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ : «ئۇ، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ.» سۈرە ئەئراف 157-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

تاماكا چېكىش ياخشى ئىش ۋە پاك نەرسىمۇ ياكى يامان ئىش ۋە ناپاك نەرسىمۇ؟.

ئىككىنچى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى مىش-مىش سۆزلەرنى قىلىش، تولا سوئال سوراش ۋە پۇل-مالنى ئىسراپ قىلىشتىن چەكلىدى». ئاللاھ تائالا يەنە تۆۋەندىكى ئايەتتە ئىسراپخورلۇق قىلىشتىن چەكلەيدۇ: «...يەڭلار،ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» سۈرە ئەئراف 31-ئايەتنىڭ بىر قىسمى .

ئاللاھ يەنە مۆمىن بەندىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك سۈپەتلەيدۇ: «ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ.» سۈرە فۇرقان 67-ئايەت.

ھازىر پۈتۈن دۇنيا خەلقى تاماكىغا پۇل خەجلەشنى ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئىش، پۇل-مالنى ئورۇنسىز يەرگە ئىشلەتكەنلىك دەپ قارىماقتا. ئەلۋەتتە بۇ زىيانلىق نەرسىگە پۇل خەجلەش بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكىغا خەجلىنىۋاتقان پۇل ئىقتىساد قىلىنغان بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان بولاتتى. قولىدىكى پۇلىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەن ئادەمدىنمۇ ئەخمەق ئادەم بولامدۇ؟!. تاماكا چەككۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ جىسمانىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي زىيانلىرىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئەخمەقلىق بولمىسا كېرەك.

ئۈچىنچى: تاماكا چەككەنلىك سەۋەبىدىن ھەر-خىل مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن؛ تاماكىنىڭ قالدۇقىنى تاشلاش بىلەن كېلىپ چىقىدىغان ئوت ئاپىتى دېگەنگە ئوخشاش. گاز قاچىدىغان جايدا تاماكا چېكىپ ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققان ئەھۋاللارمۇ نۇرغۇن.

تۆتىنچى: تاماكىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى باشقىلارنى راھەتسىز قىلىدۇ، بولۇپمۇ مەسچىتتە تاماكا چەككەن كىشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىش ھەقىقەتەنمۇ  كۆڭۈلسىزلىكتۇر. بەلكى باشقا ھەرقانداق سېسىق پۇراقمۇ تاماكا چېكىدىغان كىشى ئورنىدىن ئەمدى تۇرغان چاغدىكى پۇراقتەك يېقىمسىز بولمىسا كېرەك. ئەرلىرى تاماكا چېكىدىغان ئاياللار، ئېرىنىڭ ئاغزىدىكى پۇراققا قانداق چىدايدىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ!.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خام سامساق ياكى پىياز يېگەن كىشىنىڭ مەسچىتتە جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشىنى چەكلىشىدىكى سەۋەبمۇ، باشقىلارغا سېسىق پۇراق بىلەن ئازار بېرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. سامساق ياكى پىيازنىڭ پۇرىقى تاماكا چەككۈچىنىڭ پۇرىقى ۋە ئاغزىنىڭ ھىدىدىن ياخشىراق بولسا كېرەك.

يۇقىرىقىلار تاماكىنىڭ چەكلىنىشىدىكى بىر قىسىم سەۋەبلەردۇر.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top