رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلەيلى!

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلەيلى!
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 21/9/1430ھـ 2009-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن.خۇتبىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلماننىڭ بۇ مۇبارەك كۈنلەردە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، قەدىر كېچىسىگە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-09-18
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/233166
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلەيلى!
306 KB
: رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلەيلى!.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلەيلى!

 

2009-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى يىلنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈنلىرىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىسلام ئۈممىتى نورمالدا ئادەتلەنگەن تۇرمۇشتىن باشقىچە، كۆنگەن زامان ۋە ماكاندىن ئۆزگىچە بىر ۋاقىتتا يەنى مۇبارەك رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى ياخشىلىقلار، خەيرى-ساخاۋەت، تائەت ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىللىرى سۆيۈنۈپ، روھىي كەيپىياتى ياخشىلىنىپ ئاللاھقا بولغان ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ. كېچىلەر تائەت - ئىبادەتلەر بىلەن كۈندۈزلەر ئىش ھەرىكەت بىلەن ئىنتايىن روھلۇق ئۆتىدۇ. بۇ كۈنلەردە دۇئالار ئىجابەت، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىنى دوزاختىن ئازات قىلىپ تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان باغۇ-بوستانلىق جەننەتكە لاياقەتلىك قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا كەلگەن بۇ خۇشاللىق مىنۇتلار رەھمان تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە ئەۋەتكەن روھانىي سوغىتىدۇر. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غاپىللار ئويغىنىشى كېرەك. ئاسىيلار گۇناھ-مەسىيەتلەردىن قول ئۈزۈپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولۇشقا تىرىشىشى لازىم. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن تەڭداشسىز نېمەتتۇر.

ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلىپ بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئىبادەتكە مۇيەسسەر قىلدى. ئەلۋەتتە بىز بۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتنى كۆپ ۋە ئىخلاس بىلەن قىلىشىمىز كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كېرىش بىلەن تەڭ ئائىلىسىنى ئويغىتىپ، ھىممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ كېچىنى ئۇخلىماي ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. رامزاندا ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن بەكراق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى. دۇنيانىڭ غەلىغەشلىرىدىن ئاجراپ ئىبادەت ئۈچۈنلا بېرىلىپ قەدىر كېچىسىنى ئىزدەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ سەلەپ سالىھلارمۇ بۇ سۈننەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ھەقىقەتەن قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغانىكەن قەدرى كېچىسىنى قولدىن بېرىش ھېچقاچان ئاقىلانىلىك ئەمەس. مىڭ ئاي نورمال ھېسابتا 83يىل ۋە 3ئاي بولۇپ قەدرى كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ مىڭ ئاي ئىبادەت قىلىش شەرىپىگە نائىل بولۇش نېمىدېگەن ياخشى. قەدرى كېچىسى قۇرئان نازىل قىلىنغان يۈكسەك پەزىلەتلىك بىر كېچە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەرەپلىك نام بىلەن بىلەن ئاتالغان. قەدرى كېچىسىدە پەرىشتىلەر ئاسماندىن شۇنداق كۆپ چۈشىدىكى، بۇ كېچىدە زېمىنگە چۈشكەن پەرىشتىلەرنىڭ سانى زېمىندىكى شېغىل تاشلاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ كېچىدە كىمكى ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، خالىس نىيەت بىلەن ئىبادەت قىلىدىكەن، ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىمكى، قەدرى كېچىسىدىن مەھرۇم قالىدىكەن بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ. ئاللاھ بۇ كېچىنىڭ قايسى كۈنى ۋە قايسى سائەتتە بولىدىغانلىقىنى سىر ساقلىغانىكەن ئەلۋەتتە ئىنسان ئۇنى تېپىشقا تېرىشىشى كېرەك. قەدرى كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى، تاق كېچىلەردە بولىشى بەلگىلەنگەندۇر. ئاللاھ قەدرى كېچىسىنىڭ ۋاقتىنى ئىبادەت قىلىدىغانلار تېخىمۇ ياخشى تىرىشسۇن ئۈچۈن ئاشكارىلىمىغان.

قەدرى كېچىسى مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر. بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر بىلەن تىرىشمايدىغانلارنىڭ پەرقلىق بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ بۇ مۇبارەك ۋاقىتنى ئۆزى بىلىش بىلەنلا چەكلەنگەندۇر. بۇ كېچە ئىنسانلار ئۈچۈن ئىمتىھان ۋە سىناقتۇر.

بۇ كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشاي دېدى. بۇ كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەر ئاسمانغا كۆتۈرىلىدۇ بىز بۇ كۈنلەرنى زايا قىلىۋەتمەستىن غەنىمەت بىلىپ ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلىشىمىز لازىم.

بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن مەھرۇم قالغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ توغرا يولغا يېتەكلىنىپ، رامزاندىن كېيىنمۇ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئى نىيەتكە كەلگەنلەرمۇ ئانچە ئاز ساننى ئىگەللىمىسە كېرەك.

ئى ئاللاھ دىنىڭغا نۇسرەت ئاتا قىلغىن. مۇسۇلمانلارنى ئازغۇن كۆز-قاراشلاردىن ساقلاپ، ئەقىدىسىنى، رەھبەرلىرىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىدىغان ساغلام پرىنسىپقا يېتەكلىگىن.


 

 

Go to the Top