ئەر-ئايال كېچىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كۈندۇزى قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەر-ئايال كېچىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كۈندۇزى قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: كېچىدە ئەر-ئايال بىرگە بولغاندىن كىيىن بەزى ۋاقىتلاردا كۈندۈزى جىنسى ئەزاسىدىن سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا روزىدارنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا بۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەكمۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-09-15
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/233032
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئەر-ئايال كېچىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كۈندۇزى قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟
505 KB
: ئەر-ئايال كېچىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كۈندۇزى قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەر-ئايال كېچىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كۈندۇزى قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

 

49721-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

كېچىدە ئەر-ئايال بىرگە بولغاندىن كىيىن بەزى ۋاقىتلاردا كۈندۈزى جىنسى ئەزاسىدىن سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا روزىدارنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا بۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەكمۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار جانابى ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: كېچىدە جىما قىلغاندىن كىيىن كۈندۈزدە قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. روزىدار ئۈچۈن يېيىش، ئېچىش ۋە جىما قىلىش كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ يورۇغىچە رۇخسەت قىلىندى. ئاللاھ تائالا ۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.» بەقەرە سۈرىسى187-ئايەت.

بارلىق ئالىملار كېچىدە جىما قىلغاندىن كىيىن كۈندۈزدە قالدۇق سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا بۇنىڭ بىلەن روزىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن.

ھەنەفىي مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن بىرى بولغان "جوۋھەرەتۇننىيرە" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 138-بىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: "جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈۋاتقۇچى تاڭ يورۇپ قىلىشتىن قورقسا، ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ، تاڭ يورۇپ بولغاندىن كىيىن  سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ كەتسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ".

مالىكى مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن بىرى بولغان "ھاشىيە ئەلدۇسۇقى" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 523-بىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: "كېچىدە جىما قىلىپ، تاڭ يورۇغاندىن كىيىن سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ كەتسە بۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ. "شەرھى مۇختەسەر خەلىل" ناملىق ئەسەر 2-توم 249-بەتتىمۇ يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە ئوخشاش سۆزلەر بايان قىلىنغان.

شافىئى مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن بىرى بولغان "ئەل مەجمۇئ" ناملىق ئەسەرنىڭ 6-توم 348-بىتىدە ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن جىما قىلىپ، تاڭ يورۇش بىلەن ئورنىدىن تۇرسا، ئاندىن كىيىن سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ كەتسە بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇ دۇرۇس بولغان جىمادىن پەيدا بولغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، بۇ خۇددى بىر جىنايەتچىنىڭ قولىنى قىساس ئېلىش ئۈچۈن كەسسە، شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتسە بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ جازا كەلمىگەنگە ئوخشاشتۇر".

ئىككىنچى: جىما قىلىپ يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا، بۇنىڭ ئۈچۈن قايتىدىن يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى سەۋەپ بىر بولغاندىن كىيىن ئىككى قېتىم يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ. ئەمما  سپېرما سۇيۇقلۇقى قايتىدىن شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقسا بۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ.

بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلى جاۋاپلىرى (44945) ۋە (12352) نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋاپلىرىدا بايان قىلىنغان.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.  


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top