رامزاندا قۇرئان تامام قىلىش توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزاندا قۇرئان تامام قىلىش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: رامزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى ئەڭ ياخشى تاماملاش ئۈچۈن جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشاشقان ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنمۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-09-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/232464
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
رامزاندا قۇرئان تامام قىلىش توغرىسىدا
476.5 KB
: رامزاندا قۇرئان تامام قىلىش توغرىسىدا.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

رامزاندا قۇرئان تامام قىلىش توغرىسىدا  

26327-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

رامزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى ئەڭ ياخشى تاماملاش ئۈچۈن جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشاشقان ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنمۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

توغرا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىش كېرەك، بەلكى مۆمىن ئۈچۈن ئۆزى ياقتۇرغان كىشىلەر بىلەن قۇرئان-كەرىمنى دەرسلىك قىلىش ياخشى كۆرىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالاممۇ مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئاننى دەرسلىك قىلغان. چۈنكى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام  ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن كەلگەن، ئاللاھ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەلچى ئېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەنپەئەتلەندى. يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەرپلىرىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش، ئايەتنىڭ مەنالىرىنى ئاللاھ مەقسەت قىلغان بويۇنچە چۈشىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مۇسۇلماننىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنالىرىنى چۈشىنىش ۋە ھەرپلىرىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشى ئۈچۈن  ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەر بىلەن قۇرئاننى دەرسلىك قىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىبرائىل ئەلەيھىسسالام  بىلەن دەرسلىك قىلغانغا ئوخشاش . بۇنىڭدىن جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەۋزەل دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. لېكىن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۈزۈلىدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى، تەلەپپۇز قىلىنىشى، مەنىلىرى بويۇنچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگۈچىدۇر. بۇ تەرەپلەردىن  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىبرائىل ئەلەيھىسسالامدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بارلىق ئىنسانلار، پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلىدۇر، لېكىن قۇرئان كەرىمنى دەرسلىك قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇممەت ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنغان. چۈنكى بۇ ئاللاھ ھوزۇرىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتابنى دەرسلىك قىلىش ۋە ئاللاھ ھوزۇرىدىن كەلگەن نەرسىدىن مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

يەنە بىر پايدىسى قۇرئان كەرىمنى كۈندۈزدىن كىچىدە دەرسلىك قىلىش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلغان، كېچىدە ئىنسان قەلبى بىرلىشىپ كۈندۈزى دەرسلىك قىلغاندىن كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا بۇ شەرىئەتتە بۇيرۇلغان دەرسلىك قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ رامزاننىڭ غەيرىدىمۇ قىلىنىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئۆز ئارا دەرسلىك قىلىشتىن ھەر ئىككى تەرەپ پايدىلىنىدۇ، قۇرئاننى دەرسلىك قىلغۇچىلار بىرقانچە بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، يالغۇزلۇقتا بولمىغان جۇشقۇنلۇق ۋە قىزىقىش ھاسىل بولىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش تەس بولغان مەنالار ۋە قېيىن بولغان ئۇقۇملار ھەل بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقتىن ئىبارەت. رامزاندا مەسچىت ئىمامىنىڭ جامائەتكە تەراۋىھ نامىزى ئارقىلىق قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىشىمۇ دەرسلىكىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى قۇرئاندىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ جامائەتكە ئىمام بولۇپ قۇرئان تامام قىلغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرەتتى،  بۇ ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى تولۇق تىڭشاشتىن ئىبارەت بولغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭدىن قۇرئاننى تىز ئوقۇپ ئالدىراپ تۈگىتىش، خۇشۇ ۋە ئارامدىللىقنى لازىم تۇتماسلىق مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەلكى بۇ ئىشلارغا رىئايە قىلىش قۇرئان تامام قىلىشتا ئاساسى مەقسەت قىلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 324-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن. 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 13 )
Go to the Top