رامزان ئېيىدا كۈندۈزدە روزا تۇتمىغانلار ۋە دىنسىزلارغا تاماق تەييارلاپ سېتىپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزان ئېيىدا كۈندۈزدە روزا تۇتمىغانلار ۋە دىنسىزلارغا تاماق تەييارلاپ سېتىپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن ئىسلام دۆلىتى بولمىغان بىر دۆلەتتە ياشايمەن. كىچىكرەك بىر تىز تاماقخانىسىنىڭ ساھىبى بولىمەن. رامزاندا روزا تۇتمىغان مۇسۇلمانلار(ئۇلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ) چۈش ۋاقتىدا مېنىڭ تاماقخانامدا تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئۇلارغا ۋە باشقا دىنسىزلارغا تاماق سېتىپ بېرىشىم توغرا بولامدۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-09-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/232423
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
رامزان ئېيىدا كۈندۈزدە روزا تۇتمىغانلار ۋە دىنسىزلارغا تاماق تەييارلاپ سېتىپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟
480.5 KB
:  رامزان ئېيىدا كۈندۈزدە روزا تۇتمىغانلار ۋە دىنسىزلارغا تاماق تەييارلاپ سېتىپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامزان ئېيىدا كۈندۈزدە روزا تۇتمىغانلار ۋە دىنسىزلارغا تاماق تەييارلاپ سېتىپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟

 

78494-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن ئىسلام دۆلىتى بولمىغان بىر دۆلەتتە ياشايمەن. كىچىكرەك بىر تىز تاماقخانىسىنىڭ ساھىبى بولىمەن. رامزاندا روزا تۇتمىغان مۇسۇلمانلار(ئۇلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ) چۈش ۋاقتىدا مېنىڭ تاماقخانامدا تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئۇلارغا ۋە باشقا دىنسىزلارغا تاماق سېتىپ بېرىشىم توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئېنتىر توربەتلىرىدە دىنسىز دۆلەتلەردە دائىم تۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن نۇرغۇن چۈشەنچىلەر بايان قىلىنغان. چۈنكى بۇنىڭ شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن كىلىدىغان زېيىنى كۆپ بولۇپ، ئۇ كىشى ئەۋلادلىرىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ئىسلامى تەربىيە بىلەن تەربىلىيەلمەيدۇ. خىزمەت مۇناسىۋىتىنى باھانە قىلىپ ئۇ يەرلەردە تۇرۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان سەۋەپ بولالمايدۇ. بۇ توغرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابى بۇ نومۇرلۇق سوئالدىن كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن (38284)(13363).

ئىككىنچى: سىزنىڭ شەخسى مەسىلىڭىزگە كەلسەك، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، رامزاننىڭ كۈندۈزدە ھەرقانداق كىشىگە تاماق تەييارلاپ سېتىپ بېرىشىڭىز توغرا ئەمەس. بۇ ھۆكۈمدە كاپىر ياكى مۇسۇلمان دەپ ئايرىلمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كېسەل ياكى مۇساپىر كىشى بولسا ئېغىزىنى ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغان. رامزاندا روزا تۇتمىغان مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان. ئۇلار روزا تۇتماسلىقى سەۋەبىدىن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا رامزاننىڭ كۈندۈزدە يېمەكلىك تەييارلاپ بېرىش گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. كاپىرلارمۇ ئىسلامغا كېرىشكە، ئاندىن روزا ۋە باشقا شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن دەسلەپتە شاھادەت سۆزىنى ئېيتىش بىلەن ئىسلام دىنىغا  كىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قىيامەت كۈنىدە كاپىر ئۆزىنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ۋە باشقا شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن ئازابلىنىدۇ. دوزاختا تارتىدىغان ئازابى ئۇنىڭغا كۆرە زىيادە بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا: كاپىرلارنىڭمۇ شەرىئەتنىڭ تۈرلۈك قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ يىپەك كېيىم كېيىشى چەكلەنگەندەك ئۇلارنىڭمۇ يىپەك كېيىم-كېچەك كېيىشى چەكلىنىدۇ".(مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 1439).

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن:  كاپىرلاردىن شەرىئەت بەلگىلىمىرى تەلەپ قىلىنمايدىغان تۇرسا، قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن قانداق ھېساب ئېلىنىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ توغرا چۈشەنچە ئاساسىدا سورالغان سۇئال ئەمەس، ھەقىقەتەن كاپىرلاردىنمۇ شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش تەقەززا قىلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىشى دۇنيادا كەسكىنلىك بىلەن تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلار جاۋابەن ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق، بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق» دېگەن بۇ ئايىتى ئوچۇق دەلىل بولىدۇ. ئەگەر ناماز ئوقۇمىغان ۋە مىسكىنلەرگە تائام بەرمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئازابلانمىغان بولسا بۇ قۇرئاندا زىكىر قىلىنمايتتى ۋە زىكىر قىلىنىشىنىڭمۇ ھېچ ئەھمىيىتى بولمايتتى. بۇ ئۇلارنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقتىن ئازابلانغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەقلى ۋە نەقلى نوقتىنەزەرلەرمۇ شۇنداق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىسىنى ئۆز دىنىدىكى پەرھىز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن ئازابلايدىغان تۇرسا، كاپىرلارنى نېمە ئۈچۈن ئازابلىمايدۇ؟، بەلكى كاپىر ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا بارلىق نېمەتلىرىگە كۇفىرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بەكرەك ئازابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ھارام قىلىنمىغان نەرسىلەرنى يېسە-ئىچسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، قاچانكى ئۇلار ھارام نەرسىلەردىن ساقلانسا، ئىماندا ۋە ياخشى ئەمەللەردە ئىزچىل بولسا، ئاندىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يەنە ساقلانسا ۋە ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئاندىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن داۋاملىق ساقلانسا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ». ئايەتنىڭ تېكىستى مۆمىنلەر ئۈچۈن يېمەكلىك قىلىنغان نەرسىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ دېگەننى بىلدۈرسە، ئومۇمى مەنىسىدىن كاپىرلار ئۈچۈن  يېمەكلىك قىلىنغان نەرسىلەرگە گۇناھ بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم ھاسىل بولىدۇ'. شەيخ ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 2-توم 164-نومۇرلۇق سۇئال.

تاماقخانا ئىگىسى بولغان مۇسۇلماننىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتمىغانلار ياكى دىنسىزلار ئۈچۈن تاماق تەييارلاپ سېتىشى دۇرۇس ئەمەس. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك كاپىرلاردىنمۇ شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. نىھايەتىل مۇھتاج دېگەن كىتابتا (5274)  ئالىملارنىڭ: رامزاننىڭ كۈندۈزدە كاپىرلارغا يېمەكلىك سېتىش ھارام ۋە توغرا ئەمەس دېگەن پەتىۋالىرى زىكىر قىلىنغان. (49694 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن).

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.


 

Go to the Top