نصائح لشهر رمضان

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: نصائح لشهر رمضان
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي7/9/1430هجري، وبين فضيلته في خطبته عن فضل الصيام والقيام وحث على استغلال هذا الشهر فيما هو خير والحصول على الحسنات .
تأريخ الإضافة: 2009-09-03
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/232015
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن نەسىھەت
341.5 KB
فتح: روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن نەسىھەت.doc
نبذة موسعة

 

روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن نەسىھەت

 

2009-يىلى 08-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەپ، تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرىك قىلىشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا بىزگە  ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنى بىلدۈردى. ياخشىلىقلار زىيادە بولىدىغان پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى يولغا قويدى. ئەگەر ئاللاھ بىزگە بۇ ئىشلارنى بىلدۈرمىگەن ۋە يولغا قويمىغان بولسا ئېدى، بىز روھىمىز ۋە نەپسىمىزنى پاكلىيالماي، دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمىزدا توغرا يول تاپالماستىن تېڭىرقاپ قالغان بولاتتۇق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق (١٥١) مېنى (تائەت - ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار.» سۈرە بەقەرە 151-152- ئايەتلەر.

بۇ دۇنيا پانىدۇر، ھېچ نەرسە مەڭگۈ قالمايدۇ ۋە ھېچ نەرسىگە سەل قارالمايدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئۇزۇن يىللار ياشىغان كۈچلۈك مىللەت ۋە قەبىلىلەر، ھەيۋەتلىك قەسىر ۋە شەھەرلەرنى بىنا قىلغۇچى، مال-مۈلكى ۋە بەستلىك ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلەنگۈچى ھۆكۈمرانلار قېنى؟!، ئۇلار قەبىرلىرىدە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپىتىنى كۆرۈۋاتىدۇ، بەزىلىرى ياخشى ئەمەللىرى سەۋەبىدىن بەختكە ئېرىشسە، يەنە بەزىلىرى يامان قىلمىشلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بەختسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ. سىلەرمۇ ئۇلارغا يېتىشىپ بارىسىلەر، بۇ دۇنيانىڭ لەززەتلىك تۇرمۇشلىرىدىن ئايرىلىسىلەر، پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە يۆتكىلىسىلەر، نېمەتلىرى دائىملىق تۈگىمەيدىغان ۋە چىرىمەيدىغان جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرگە بەخت يار بولسۇن. ئۆزىنىڭ يامان ئەمەللىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغان، ئاستى چوڭقۇر ۋە ئازابلىرى زىيادە بولىدىغان جەھەننەمگە چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرگە ھەسرەت-نادامەت بولسۇن.

ھەرقانداق كىشى جەننەتكە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق نائىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىبادەتلەرنى سىلەرنىڭ نەپسىڭلارنى تازىلاش، ئەخلاقىڭلارنى ياخشىلاش، قەلبىڭلارنى پاكلاش ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن يولغا قويدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ سىلەرگە سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ.» سۈرە مائىدە 6- ئايەت.  ئاللاھ سىلەرنى قەلبىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلارنى بۇزۇۋېتىدىغان گۇناھ-مەسىيەتلەردىن چەكلىدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار.» سۈرە مۇھەممەد 33-ئايەت. سىلەر ئايلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى بولغان رامزان ئېيىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، رامزان ئېيى كىشىلەرنى سەۋرچانلىق، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، خەير-ئېھسان قىلىش ۋە تەقۋادارلىق قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئايدۇر. بۇ ئاينى تائەت-ئىبادەت قىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىپ تامام قىلغان كىشىدىن ئاللاھ رازى بولىدۇ ۋە جەننەتكە كىرىشكە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئىنساننىڭ نېمەتلىك جەننەتلەرگە كىرىشى بىلەن ئۇتۇق قازىنىشى پەقەت ئاللاھنىڭ يولغا قويغان كۆرسەتمىلىرى بويۇنچە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. بەختسىزلىك پەقەت ئىنساننى جەھەننەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا چۈشۈرۋىتىدىغان گۇناھ- مەسىيەتلەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

رامزاندا روزا تۇتۇش ۋە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، خەير-ئېھسان قىلىش، روزىدارنى ئىپتارلاتقۇزۇشقا ئوخشىغان ئەمەللەر مەڭگۈلۈك جەننەتكە كېرىش بىلەن ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدۇر. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

ئى مۇسۇلمانلار! ئىبادەتلەر ئاللاھغا بولغان ئىخلاس ۋە رازىلىق،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق بولمايدىكەن، بۇنداق ئىبادەتلەر ئىنسان روھىنى تازىلىيالمايدۇ ۋە قەلبىنى پاكلىيالمايدۇ. سىلەر ساناقلىق كۈنلەردە تۇتقان روزا، ئوقۇغان نامازلىرىڭلارنىڭ كامىل بولىشى ئۈچۈن تىرىشىڭلار، بىرقانچە كۈندىن كىيىن رامزانلىق ئەمەل سەھىپىمىز قاتلىنىدۇ. بۇ ئايدىكى ئەڭ چوڭ زىيان رامزاندا سەۋەبسىز روزىنى بۇزىۋىتىشتۇر. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزاندا روزا تۇتۇپ سەۋەبسىز بۇزۇۋەتسە يىل بويى روزا تۇتسىمۇ، بۇ كۈننىڭ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ بولالمايدۇ.» (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى رامزان كۈنلىرىنىڭ پەزىلىتىنىڭ بۈيۈكلىكىدۇر.-م-)

روزىدار مۇسۇلمان قېرىنداشلار! روزىنىڭ ساۋابىنى كىمەيتىۋېتىدىغان ياكى بىكار قىلىۋېتىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار. غەيۋەت قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، پىسق-پۇجۇر ئىشلارغا ئارىلىشىش، چەكلەنگەن جايلارغا قاراش قاتارلىق بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ساقلىنىڭلار. تۇتقان روزا بارلىق چەكلەنگەن ئىشلاردىن پاك بولۇش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى يالغان سۆز  ۋە يامان ئىشنى روزىدار تۇرۇپمۇ تاشلىمىسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ يېمەي ۋە ئىچمەي يۈرۈشىگە ھاجىتى يوق. (ئۇ ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ)».

ئىلگىرىكى سەلەپ سالىھلار ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان روزىسىنى ساۋابىنى كىمەيتىۋېتىدىغان ۋە بىكار قىلىۋېتىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلايتتى. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: "بىز تۇتقان روزىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن سىرىتقا چىقمايتتۇق". شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش، سەدىقە قىلىش، تەۋبە قىلىش، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش قاتارلىق ئىشلارمۇ روزىنىڭ تولۇق بولىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر. كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بېرىدىكەن، روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابىدىن ھېچنەرسە كىمەيتىۋېتىلمەستىن ئىپتارلىق بەرگۈچىگىمۇ ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ.  بۇ ئاي ئۆز نەپسىگە روزا تۇتۇش بىلەن ئېھسان قىلىدىغان، كىشىلەرگە تۈرلۈك ياخشىلىق ۋە خەير-ئېھسان، نەپىقىلەرنى قىلىدىغان  بەرىكەتلىك ئايدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (ئاللاھ نىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر.» سۈرە سەبە 39-ئايەت.

جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن رامزاننىڭ ھەر كېچىسى قۇرئاننى دەرسلىك قىلاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتا سەلكىن شامالدىنمۇ بەك تىز بولۇپ كېتەتتى. قۇرئان كەرىمنىڭ رامزاندا روھقا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ناھايتى مۇناسىپتۇر. بەدەننىڭ ئوزۇقلۇقى يېمەك-ئىچمەك ۋە جىسمانى مەنپەئەتلىنىش بولغىنىدەك، قەلبنىڭ ئوزۇقلۇقى  قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن بولىدىغان روھى ئوزۇقتۇر. روزىدارلىق ھالەتتە يامانلىققا بۇرىغۇچى نەپسىنىڭ بەدەنگە بولغان كونتۇرۇللۇقى ئاجىزلايدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن  روھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈچلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.» سۈرە بەقەرە 185-ئايەت.

قۇرئان-كەرىم پايدىلىق يامغۇرغا ئوخشاش بولۇپ، يامغۇرمۇ مۇناسىپ ۋاقىتتا زېمىنغا پايدا يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن زېمىندىن تۈرلۈك نەرسىلەر چىقىدۇ. شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىم رامزاندا قەلبلەر ئۈچۈن روھى ئوزۇق، تەۋبە قىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىش پۇرسىتىدۇر. قۇرئان كەرىم ئىنساننى ياخشىلىققا يېتەكلەپ ناچار قىلمىشلاردىن چەكلەيدۇ.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى كۆپرەك تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش ئارقىلىق روھىڭلارنى ئوزۇقلاندۇرىڭلار. تەراۋىھ نامىزى ۋە تەھەججۈد نامىزىنى مەسچىتتە ئىمام بىلەن بىللە ئوقۇپ قايتىڭلار. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە كۆيۈنۈپ كەسكىن بۇيرۇمىغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئەمەللەرگە كۆپ رىغبەتلەندۈرگەن. ھەدىستە بايان قىلىنىشچە: «كىمكى رامزان كېچىسىدە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇپ ئىمام بىلەن بىرگە قايتسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن پۈتۈن بىر كېچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ».

بۇ ئايدىكى بۈيۈك ھەقىقەتنىڭ بىرى، ئۇ بولسىمۇ ھەرقانداق ياخشىلىق، بەخت-سائادەت، ياخشى ئاقىۋەت، غەلبە، دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ساۋاپ، يامانلىقتىن ۋە دىندا ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىدا بايان قىلىپ بەرگەندەك، ئاللاھغا ئىمان ئېيتىش،، قۇرئان ئوقۇش ۋە بۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدا دۇنياغا كەلگەن ھەرقانداق بىر ئەۋلاد بۇ  ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھىمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر» سۈرە پاتىر 29-30- ئايەتلەر. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى بارلىق يامانلىق، جازا، خارلىق، ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىش ۋە بەرىكەتنىڭ ئۆچۈرلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقتىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى (قەبىھ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شۇنداق ئارزۇ قىلىشىدۇ) ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر.» سۈرە ئەنئام 27-28-ئايەتلەر.  

مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىپ، قۇرئان ۋە ھەدىستىن يۈز ئۆرۈمەسلىكى لازىم. كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار . تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.»  سۈرە ئال-ئىمران 133-134-ئايەتلەر.

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ جەننىتىگە نائىل قىلسۇن. ئامىن...       


 

Go to the Top