رامزان ئېيى باشقا ئايلارغا ئوخشىمايدۇ

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزان ئېيى باشقا ئايلارغا ئوخشىمايدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 30/8/1430ھـ/2009-يىلى08-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان بۇ ئايدا روزا تۇتۇش، تەھەججۇد ۋە تەراۋىھ، قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشىغان ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرگە يۈزلىنىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ يولىدا سەدىقە بېرىش، سەدىقىنىڭ پەزىلىتى، رامزاندا قىلىنغان ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-08-25
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/231373
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
رامزان ئېيى باشقا ئايلارغا ئوخشىمايدۇ
413.5 KB
: رامزان ئېيى باشقا ئايلارغا ئوخشىمايدۇ.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامزان ئېيى باشقا ئايلارغا ئوخشىمايدۇ

 

2009-يىلى 08- ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاپ جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھ تائالا رامزان ئېيىنى روزا تۇتۇش، كېچىدە ناماز ئوقۇش بىلەن بەركەتلىك قىلدى، ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراپ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىش لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ رامزان ئېيىنى ياخشىلىقتا بەسلىشىدىغان مەيدان قىلدى. بۇ ئايدا بەندىلەرگە تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىىيدا مۇنداق دېگەن: «روزا مەن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزۈم بىرىمەن.» پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى رامزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھ رازى بولىدىغان ۋە ئۇلارنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ياخشىلىقنى تەلەپ قىلغۇچى ئىنسان ئالغا ئىلگىرىلە! چەكلەنگەن ئىشلار ئۈستىدىكى ئىنسان يامانلىقتىن قولۇڭنى يىغقىن».

مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشى، ئۆز ئارىسىدا يۈزبەرگەن كەمچىلىك-خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە تىرىشىشى لازىم. رامزان غاپىل ئاسىيلارنى ئاگاھلاندۇرىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى گۇناھكارلارنى سەگەكلەشتۈرىدىغان ياخشى پۇرسەتتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ ئۈچ قېتىم ئامىن دەپ بولغاندىن كىيىن: «ھازىر مېنىڭ يېنىمغا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ رامزان ئېيىدىمۇ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمىغان كىشى خارلىقتا ئۆتسۇن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزسۇن ۋە رەھمىتىدىن يىراق قىلسۇن دېگەندىن كىيىن، مىنى ئامىن دېگىن دېدى، مەن ئامىن دېدىم» دېگەن.

مۇسۇلمانلار رامزاننىڭ كۈندۈزنى روزا تۇتۇش، كېچىسىنى تەراۋىھ ۋە تەھەججۈد نامىزى ئوقۇش بىلەن بارلىق ۋاقىتلىرىنى جەننەتكە كېرىشكە سەۋەپ بولىدىغان، دوزاختىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق غەنىمەت بىلىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى رامزاننىڭ كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ تەراۋىھ ئوقۇسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. » پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رامزان ئېيى كىرگەندە جەننەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىدۇ، (يەنە بىر رىۋايەتتە رەھمەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ) جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلار زەنجىر بىلەن باغلىنىدۇ».

رامزاندا نەپسىمىزنى پەزىلەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا، ياخشى خىسلەتلەرگە ئىنتىلىشكە، گۈزەل ھەرىكەتلەرنى روياپقا چىقىرىشقا ۋە ئېسىللىكنى يېتىلدۈرۈش ئاساسىدا تىرىشىپ تەربىيلىشىمىز كېرەك. بۇ ئاي قەلبلەر ۋە ئەزالارنى ئىپپەت، سالامەتلىك، پاكلىق ۋە خەير-ئېھسان بىلەن زىننەتلەش، ئەخلاقنى تۈزەش،  نەپسانىي شەھۋەتكە ئەگىشىشتىن تىزگىنلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. روھانىيىتىنى تەربىيىلەش مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن ھاياتى ۋە بارلىق ئىشلىرىدىكى ۋەزىپىسىدۇر. ئاللاھ تائالا بىزگە روزىنىڭ ئالى مەقسىتىنى  ۋە بۈيۈك نىشانىنى ئەسلىتىپ روزا توغرىسىدىكى ئايەتنىڭ تۈگەنچىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىلەرنىڭ تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى يالغان سۆز  ۋە يامان ئىشنى روزىدار تۇرۇپمۇ تاشلىمىسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ يېمەي ۋە ئىچمەي يۈرۈشىگە ھاجىتى يوق.» (يەنى ئۇ ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ).

ئاللاھ تائالا بۇ ئايدا قۇرئان-كەرىمنى نازىل قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئۇستىگە يۈكلەنگەن ئەڭ بۈيۈك بولغان مەسئۇلىيەت ۋە كاتتا ۋەزىپىنى ئەسلەتتى، ئۇ بولسىمۇ  ھەممە ئىشتا ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتۇر. ئىنسانلار قىيامەتتە ئۇستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىدىن سۇئال قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ جاۋاپ بېرىشنى ئۇنتۇماسلىقى ۋە سوئالغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

ھەر ساھە تەشۋىقات ۋە مېدىيا خىزمەت دائىرىسىدىكى مەسئۇللار، رامزاننىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ۋە بۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى چۈشىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، بۇ ئايدا جەمئىيەتنى چىرىتىدىغان ۋە پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان بىمەنە ھۆججەتلەرنى تارقىتىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئەگەر بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمايدىكەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بويۇنتاۋلىق قىلغان بولىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىش ۋە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىگەن نىشان-مەقسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىنمۇ چوڭ جىنايەت بولمىسا كېرەك. ئۇلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ  بۇ ئايدا شەرىئەت بىلەن قارشىلىشىدىغان، مۇسۇلمان ئەۋلادلارنى ئەھمىيەتسىز ئويۇن تۇمانلىرىغا غەرق قىلىدىغان، ناچار ۋە ئەخلاقسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان پروگراممىلارنى تارقىتىشتىن ساقلىنىپ، ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تىلەپ تەۋبە قىلىشى كېرەك.

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئايدا سېخىلىقنىڭ تۈرلىرى بىلەن سۈپەتلىنىشى، بارلىق ياخشى خىسلەتلەر، ئېسىل ئەخلاقلار ۋە توغرا پرىنسىپ بىلەن زىننەتلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ سېخىي زات ئىدى، بولۇپمۇ رامزاندا جىبرىئل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئل ئەلەيھىسسالام بىلەن رامزاندا ھەر كېچىسى ئۇچرىشىپ قۇرئاندىن دەرس قىلىشاتتى. جەزمەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ جىبرىئل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى سېخىيلىقى شامالدىنمۇ تېز ئىدى".

ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، سېخىلىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى قەلبىدىن چىقىرىپ روزا تۇتقۇچىلارغا ئىپتارلىق بېرىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بەرسە روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كىمەيتىۋېتىلمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ».

رامزاندا بولۇپمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىنغان خەيرى- ئېھساننىڭ دەرىجىسى باشقا ۋاقىتتا قىلىنغان خەيرى- ئېھساندىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھغا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن سەدىقە بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاپ بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار، يىرىمتال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلىڭلار.» سېخىلىقنىڭ يەنە بىر تۈرى رامزاندا ئۆمۈر قىلىش بولۇپ، سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رامزاندا قىلغان ئۆمرىنىڭ ساۋابى ھەجگە باراۋەر بولىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ دېگەن».

مۇسۇلمانلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ ئاينىڭ ھەممە ۋاقىتلىرىدا قۇرئان ئوقۇش،  ئۆز ئارا دەرسلىك قىلىش، ئەقىل ئىشلىتىپ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىش قاتارلىقلار بولسا،  ئاللاھ چەكسىز ئەجىر-ساۋاب ئاتا قىلىدىغان ئەمەللەردىندۇر. سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزان بىلەن قۇرئان قىيامەت كۈنىدە ئىنسان ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ، رامزان: ئى رەببىم! مەن ئۇ كىشىنى كۈندۈزدە يېمەك - ئىچمەك ۋە شەھۋەتلىرىدىن چەكلىدىم، مىنىڭ شاپائىتىمنى قوبۇل قىلسىلا دەيدۇ. قۇرئان: مەن ئۇ كىشىنى كىچىدە ئۇيقىدىن چەكلىدىم، مىنىڭ شاپائىتىمنى قوبۇل قىلسىلا دەيدۇ. بۇلارنىڭ شاپائەتلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.» ئىمام زۆھرىي مۇنداق دەيدۇ: "رامزاننىڭ كىرىشى بولسا قۇرئان ئوقۇش ۋە كىشىلەرگە يېمەكلىك بېرىش ۋاقتىدۇر".

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ روزىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئايدىكى بارچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن.
 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 11 )
Go to the Top