ھاراق ئىچىشىمگە ھېچكىم توسالغۇ قىلالمايدۇ دېگۇچى توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھاراق ئىچىشىمگە ھېچكىم توسالغۇ قىلالمايدۇ دېگۇچى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدۇم، ئايالىمنىڭ ئاكىسى مىنى بىرقانچە قېتىم ئۆزى ۋە دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىشكە بىرگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، دەسلەپتە مەندىن خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ تەلىۋىنى رەت قىلالمىدىم، بىر كۈنى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن پىۋا بىلەن ۋىسكا ھارىقى ئىچىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى: مەن ئائىلە باشلىقى، خالىغان ۋاقتىمدا ھاراق ئىچىمەن، (مەن ئۇنىڭغا قېرىندىشىم ئۇنداق قىلماڭ دېيەلمىدىم) خىزمەت ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇشۇم كېرەك بولىدۇ، (چۈنكى ئۇنىڭ سورۇنچىلىرىنىڭمۇ خىزمىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدۇ) مەن ھاراق ئىچسەم خاتا ئىش قىلمايمەن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالايمەن دېدى. مەن بىر مۇسۇلماننىڭ بۇنداق جاۋاپ بېرىشىنى ئويلىمىغانتىم، سىلەرنىڭ بۇ توغرىدا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-08-14
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/230508
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ھاراق ئىچىشىمگە ھېچكىم توسالغۇ قىلالمايدۇ دېگۇچى توغرىسىدا
570 KB
: ھاراق ئىچىشىمگە ھېچكىم توسالغۇ قىلالمايدۇ دېگۇچى توغرىسىدا.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھاراق ئىچىشىمگە ھېچكىم توسالغۇ قىلالمايدۇ دېگۇچى توغرىسىدا

 

26075- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدۇم، ئايالىمنىڭ ئاكىسى مىنى بىرقانچە قېتىم ئۆزى ۋە دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىشكە بىرگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، دەسلەپتە مەندىن خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ تەلىۋىنى رەت قىلالمىدىم، بىر كۈنى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن پىۋا بىلەن ۋىسكا ھارىقى ئىچىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى: مەن ئائىلە باشلىقى، خالىغان ۋاقتىمدا ھاراق ئىچىمەن، (مەن ئۇنىڭغا قېرىندىشىم ئۇنداق قىلماڭ دېيەلمىدىم) خىزمەت ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇشۇم كېرەك بولىدۇ، (چۈنكى ئۇنىڭ سورۇنچىلىرىنىڭمۇ خىزمىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدۇ) مەن ھاراق ئىچسەم خاتا ئىش قىلمايمەن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالايمەن دېدى. مەن بىر مۇسۇلماننىڭ بۇنداق جاۋاپ بېرىشىنى ئويلىمىغانتىم، سىلەرنىڭ بۇ توغرىدا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟..

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

سىزنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئاللاھتىن سىزنى ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلىشنى ۋە كۆپلەپ نېمەت ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

ھەقىقەتەن ھاراق ئېچىش چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سىلىش، شەيتاننىڭ ئېشى ۋە پاسكىنا قىلىقتۇر. بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئېشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاراق ھەققىدە ئون تۈرلۈك لەنەت قىلغان، يەنى: ھاراق ماددىسىنى سىقىپ بەرگۈچى ۋە بېرىلگۈچى، ئىچكۈچى، يۆتكەپ بەرگۈچى ۋە بېرىلگۈچى، قۇيۇپ بەرگۈچى، ساتقۇچى، پۇلىنى ئىستىمال قىلغۇچى، سېتىۋالغۇچى ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىدىن ئىبارەت. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دېگەن.

سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسىنىڭ بۇنداق جاۋاپ بېرىشى توغرا ئەمەس. بۇ ھەم مۇسۇلماننىڭ بېرىدىغان جاۋابىمۇ ئەمەس. بەلكى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئىتىقاد قىلىش مۇسۇلماننىڭ ۋاجىبىدۇر. سىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن، ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسىغا ئىتائەت قىلىشنى تاللىشىڭىز، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرۈپ ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسىنى رازى قىلىشىڭىز تىخىمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھنىڭ غەزىپى ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسىنىڭ رازىلىقىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«كىمىكى ئاللاھنى رازى قىلىش بىلەن ئىنسانلارنى خاپا قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھنى غەزەپلەندۈرۈش بەدىلىگە ئىنسانلارنى رازى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئىنسانلارغا تاشلاپ قويىدۇ» ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسى ئەمەس بەلكى ھەرقانداق كىشى  ھارام ئىش قىلىدىكەن ئۇنى چەكلىشىڭىز كېرەك. خىزمەت ئۈچۈن كېچىسى ئۇيقۇسىز قىلىش، ھاراق ئىچىشكە سەۋەپ بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ھاراق ئىچسەم خاتا ئىش قىلمايمەن دېگىنىگە ئەجەبلىنىمىز، چۈنكى ھاراق ئېچىشنىڭ ئۆزى خاتا ئىش ئەمەسمۇ؟!، بۇلارنىڭ كېچىلىك ئولتۇرۇشلىرىدا ھاراقتىن باشقا ئىشلار بولماسمۇ؟، بۇزۇق ئاياللار، تۈرلۈك نەغۋە-ناۋالار، نامازنى تەرك قىلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلار سادىر بولمامدۇ؟. ھاراق پۇتۇن ناچار قىلمىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ بۇزىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى بىلەلەيدۇ.

سىز ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسىغا بوشاشماي دائىم نەسىھەت قىلىپ تۇرۇڭ، سۆزى تەسىر قىلىدىغان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىڭ، ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەپ كۆپ دۇئا قىلىڭ. ئاللاھ بىز ۋە سىزنى جۈملىدىن ئومۇمى مۇسۇلمانلارنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا يېتەكلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

 

Go to the Top