ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى دۇرۇسمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئەر-ئايال ئىككەيلەن بىرلىكتە يۇيۇنۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراپ قالسا توغرا بولامدۇ؟.ماڭا بىر دوستۇم ئەر-ئايال ئىككەيلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدىغان ۋاقىتتا ياتاق ئۆيىنى قاپ-قاراڭغۇ قىلىش، ئىككەيلەن بارلىق كېيىم-كېچىكىنى سىلىۋېتىپ قىپ-يالىڭاچ بولماسلىقى كېرەك دەيدۇ، بۇ سۆز توغرىمۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-08-14
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/230505
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى دۇرۇسمۇ؟
474.5 KB
: ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى دۇرۇسمۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى دۇرۇسمۇ؟

3801- نومۇرلۇق سوئال

سوئال :

ئەر-ئايال ئىككەيلەن بىرلىكتە يۇيۇنۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراپ قالسا توغرا بولامدۇ؟.ماڭا بىر دوستۇم ئەر-ئايال ئىككەيلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدىغان ۋاقىتتا ياتاق ئۆيىنى قاپ-قاراڭغۇ قىلىش، ئىككەيلەن بارلىق كېيىم-كېچىكىنى سىلىۋېتىپ قىپ-يالىڭاچ بولماسلىقى كېرەك دەيدۇ، بۇ توغرىمۇ؟.

جاۋاپ :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئايال ئۈچۈن ئېرىنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممىسىگە قارىشى، ئەرنىڭمۇ ئايالىنىڭ جىمى بەدىنىگە قارىشى دۇرۇس بولىدۇ . بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەر ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر، يەنى ئەۋرەتلىرىنى پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر، بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ، بۇنىڭ سىرتىدىن جىنسى تەلەپنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر».

ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر داستا يۇيۇناتتىم».

ھاپىز ئىبنى ھەجەر پەتھۇلبارىدا بايان قىلىپ، داۋۇد زاھىرىي بۇ ھەدىسنى ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە ۋە ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشىنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىل قىلدى، دېدى.

ئەمما بەزىلەرنىڭ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرمىگەن دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسى يوق ياكى توغرا سۆز ئەمەس . چۈنكى بۇ ھەقتە  ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، چۈنكى ئۇنداق قىلىش كۆزنى كاردىن چىقىرىدۇ، كۆپ سۆزلەشمىسۇن،  چۈنكى ئۇ تىلنى كاردىن چىقىرىدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ توقۇلما يالغان ھەدىس دەپ ھۆكۈم قىلغان.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 3 )
Go to the Top