مدمن مخدرات ويريد التوبة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: مدمن مخدرات ويريد التوبة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: زوج أختي يتعاطى المخدرات ويريد أن يتوقف ولكنه لا يستطيع لأنه مدمن ولكنه والحمد لله يخشى الله سبحانه وتعالى . أختي تريد أن تعرف ما تفعل فلديها 3 أبناء منه وتخشى أن تتركه فقد يسوء الحال ويتعاطى أكثر أو ينتحر.
تأريخ الإضافة: 2009-08-14
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/230502
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ
570 KB
فتح: زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ.doc
نبذة موسعة

 

زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ

32466-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

سىڭلىمنىڭ يولدىشى زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان، بۇنىڭدىن چەكلىنىشنى ئىرادە قىلسىمۇ خۇمار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن قول ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشى، سىڭلىمنىڭ ئۈچ بالىسى بار، قانداق قىلغاندا يولدىشىنى بۇ قىلمىشتىن تەزدۈرەلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتكە بېرىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

سىڭلىڭىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز؛ ئۇ دائىم ئېرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماستىن، ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈپ  ھەقىقى تەۋبە قىلىشىغا ياردەمچى بولىشى، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئائىلىسىنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىنسانى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئايالىنىڭ ياردىمىگە ناھايىتى بەك ئېھتىياجلىق.

شۇنىڭدەك زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش مەركەزلىرىگە بېرىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىشى لازىم. بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بەلكى يولدىشىنىڭ بۇ قىلمىشتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا پايدىسى بولىدۇ. ھەر دائىم ئىككىلەنمەستىن داۋالاش مەركەزلىرىگە تىلىپۇن قىلىپ مەسلىھەت سوراپ تۇرۇشى لازىم.

سىڭلىڭىز يولدىشىنى، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا ۋە قورقۇشقا يېتەكلىشى، ئۆلۈمنى ۋە ئاللاھغا ئۇچرىشىشنى ئەسلىتىشى، زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىنسانغا ئىلىپ كىلىدىغان خەتىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالى، ئائىلىسىنىڭ كېلىچىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنتايىن چىرايلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈشى لازىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ پات-پۇرسەتتە ساقىيىپ كېتىدىغانلىقى ۋە بۇ قىلمىشتىن قول ئۇزەلەيدىغانلىقى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئۈمىدلەندۇرىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالادىن ئۇ قېرىندىشىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top