ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا سەمىمىيەت بىلەن بويسۇنۇش توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا سەمىمىيەت بىلەن بويسۇنۇش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ2/8/1430ھـ2009-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا دىننىڭ ھەقىقى ماھىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە دۇنيا -ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار، «توغرا يولدا مېڭىش» دېگەن سۆزنىڭ ئىسلام ۋە شەرىئەت تەقەززاسى بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتتىن ناھايىتى مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-07-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/228258
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا سەمىمىيەت بىلەن بويسۇنۇش توغرىسىدا
371 KB
: ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا سەمىمىيەت بىلەن بويسۇنۇش توغرىسىدا.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا سەمىمىيەت بىلەن بويسۇنۇش توغرىسىدا

 

2009- يىلى 07- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "ئىستىقامەت ئاللاھنىڭ دىنىنى تولۇق رەۋىشتە ئىجرا قىلغانلىق بولۇشتىن سىرت، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەسىيتىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىستىقامەت كەلىمىسى دىندا توغرا، داغدام يولدا مېڭىشتىن ئىبارەت دېگەن مەنادا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەسىيەتلىرىدە ئىستىقامەت دېگەن "دىننىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن يول باشلىغۇچىدۇر" دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئىستىقامەت ئارقىلىق بەندە پەرۋەردىگارى ئالدىدا خالىس نىيەت، ۋاپادارلىق، سەمىمىيەتلىك بىلەن تۇرىدۇ. بۇ سۆز ئارقىلىق سۆزلەر، ئەمەللەر، نىيەتلەر، بارلىق ئەھۋاللار تەرتىپلىنىدۇ. ئىستىقامەت ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىستىقامەت ئىنساننىڭ بارلىق ئىشلىرىدا تەلەپ قىلىنىدىغان سۇلۇك بولۇپ، كىمكى ئىستىقامەتلىك بولسا ياخشىلىقلىرى مۇكەممەل بولۇپ توغرا يولدا ماڭغان بولىدۇ. مەشھۇر ساھابە سۇفيان ئەسسەقەفى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ ماڭا ئىسلامدا شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىپ بېرىڭكى، مەن ئۇ ھەقتە باشقا ھېچ كىشىدىن سورىماي؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىسقىغىنە ئەمما مەزمۇنلۇق جاۋاپ بېرىپ: "ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۈم دېگىن ئاندىن تۈز ماڭغىن" بۇ يەردىكى «ئىستەقىم» سۆزى ئەنە شۇ ئىستىقامەت بولۇپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە توغرا يولدا ماڭغان ئادەم دۇنيا ئاخىرەتتە نىجات تاپىدۇ. ئەھلى ئىلىملەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك يوليورۇقلىرىنى ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر سۆز دىننى مۇكەممەل ئۆز ئىچىگە ئالغان دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ يىغىنچاق لېكىن مۇكەممەل يول باشچى بولۇشقا لايىق سۆزنى ئاللاھ تائالانىڭ «شۈبھىسىزكى، "پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر" دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار.» دېگەن ئايىتى كەرىمىسىدىن ئىلھاملىنىپ بايان قىلغاندۇر.

ئىستىقامەت، ئاللاھنىڭ داغدام يولىدۇر.دىن يولى توغرا داغدام يول بولۇپ، ھېچقانداق ئەگرى-توقاي يېرى يوق. چۈشىنىكسىز، مۇجمەلمۇ ئەمەس. بەزى ئالىملار ئىستىقامەتنى تەۋھىدتە توغرا بولۇش دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىستىقامەت، ياخشى ئەمەل بىلەن ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قەلبنىڭ ئىىستىقامىتى ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھدىن قورقۇش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھقا مۇھەببەت قىلىش، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھقا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «بەندىنىڭ قەلبى توغرا بولمىسا ئىمانى توغرا بولمايدۇ، تىلى توغرا بولمىسا قەلبى توغرا بولمايدۇ» دېيىلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسدە مۇنداق دەيدۇ: «نىشاننى توغرىلاپ، توغرا ئەمەللەرنى قىلىڭلار. بىلىڭلاركى ھېچكىشى ئەمىلى ئارقىلىق ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ، دېگەندە سىزمۇ شۇنداقمۇ يارەسۇلۇللاھ؟ دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى مېنى ئۆز قوينىغا ئالمىسا مەنمۇ قۇتۇلۇپ قالالمايمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئىستىقامەت دېگەن ئىنسانلار ھېس قىلىدىغان بىر ئىش بولماستىن مەنىۋى ئىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئاللاھتىن توغرا يولدا مېڭىش بىلەن ھىدايەتنى تىلەشنى تەۋسىيە قىلغان. ئىستىقامەت؛ ئىقتىسادچانلىق، سۈننەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئوتتۇرا ھاللىقلاردا بولىدۇ. بەلكى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسىدە ئىستىقامەت ۋاجىپتۇر. ئىستىقامەتنىڭ ئەكسى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، ھەق يولدىن ئېزىپ كېتىش، زالىملىقتۇر. ئىستىقامەت ئىچىدە ماڭغان كىشى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە كېرىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھتىن ياخشىلىق ئۈمىت قىلىدۇ. ئىستىقامەت ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، سەمىمى بولۇش، ھەر ئىشتا ئوتتۇراھال بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

دېمەك؛ ئاللاھقا بولغان ئىماننى مۇستەھكەملەپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ھاياتىمىزنى گۇللەندۇرسەك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولىمىز ۋە ئۇ زات بىزنى چەكسىز رەھمەت-مەغپىرىتىگە نائىل قىلغۇسى.

ئاللاھ بارچىمىزنى ئىستىقامەت قىلىشقا، توغرا داغدام يولدا مېڭىش ئارقىلىق جەننەتكە كېرىش بىلەن شەرەپلىنىشكە نېسىپ قىلسۇن. ئامىن...

 

Go to the Top