بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئىنسان پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-07-17
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/224278
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟
168 KB
: بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟.pdf
2.
بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟
1.9 MB
: بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟

 

34829-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىنسان پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلەلەيدىغان ئىشارەتلەر بارمۇ؟

جاۋاپ:

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

بەندىدىن ئاللاھنىڭ رازى بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئاللاھنىڭ بەندىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا  ۋە دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا مۇيەسسەر  قىلغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپىتىنى بېرىدۇ» سۈرە مۇھەممەد 17-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» سۈرە ئەنكەبۇت 69-ئايەت.

ئەمما بەندىنڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلماسلىقى ۋە ئاللاھ چەكلىگەن ئشلاردىن يانماسلىقى -ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن- ئىنسان ئۈچۈن بىر خارلىق بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئۇ ئىنساندىن رازى ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى: ئاللاھ بەندىنى ھىدايەت قىلىشى ۋە قەلبىنى ساغلام ئىمان ۋە ھەق يولغا يىتەكلىشدۇر. زاۋاللىققا يۈزلىنىشنىڭ ئالامەتلىرى بولسا ھەق يولدىن يىراقلىشىش، قەلب سىقىلىش ۋە راھەتسىزلىك ھېس قىلىش، ھاياتتىن زېرىكىشكە ئوخشاش ئالامەتلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ» سۈرە ئەنئام 125-ئايەت.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ...» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "قەلبىنى تەۋھىدكە ۋە ئىمانغا ئىچىۋېتىدۇ دەيدۇ. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-توم 175-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مۇسۇلماننىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ياخشى كۆرۈلۈشكە مۇيەسسەر قىلىنىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇ بەندىدىن رازى بولغانلىقى ۋە ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاللاھ بىرەر بەندىنى ياخشى كۆرسە جىبرىلنى چاقىرىپ ئاللاھ پالانىنى ياخشى كۆردى سەنمۇ ياخشى كۆرگىن دەيدۇ. جىبرىئل ياخشى كۆرىدۇ. جىبرىئل ئاسمان ئەھلىنى چاقىرىدۇ ۋە ئاللاھ پالانى بەندىسىنى ياخشى كۆردى سىلەرمۇ ياخشى كۆرۈڭلار دەيدۇ. ئاسمان ئەھلى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ياخشى كۆرۈلۈش زېمىنغا چۈشىدۇ». بۇ ھەدىس بۇخارىدا 3209-، مۇسلىمدا 2637-نومۇرلۇق ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلىنغان.

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ  «كېيىن بۇ ياخشى كۆرۈلۈش زېمىنغا چۈشۈرۈلىدۇ» دېگەن ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئۇ ئىنساننى ياخشى كۆرۈش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ بەندە ئۇچۇن زېمىنگە سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت چۈشۈرۈلىدۇ (يەنى قەلب رازى بولغان ھالدا ئۇ ئىنساننى ياخشى كۆرۈشكە مايىل بولىدۇ )".

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top