ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى، ئائىلىسى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە دۈشمەنلىك قىلمايدۇ

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى، ئائىلىسى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە دۈشمەنلىك قىلمايدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ26/6/1430ھـ2009-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە، مىللەت ۋە ئانا ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشپىيونلۇق ئاپاراتلىرىغا خىزمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىش ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى يوقىتىدىغانلىقى، ھەرقانداق مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە، ئۇلارنى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى، ئازغۇن ئىدىيەلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-06-23
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/220923
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى، ئائىلىسى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە دۈشمەنلىك قىلمايدۇ
382 KB
: ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى، ئائىلىسى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە دۈشمەنلىك قىلمايدۇ.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى، ئائىلىسى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە دۈشمەنلىك قىلمايدۇ

2009-يىلى 06- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى، ئائىلىسى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە دۈشمەن بولمايدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مىللەت ئۆزىنى ئۆزى يېتىشتۈرۈپ قۇرۇپ چىقمىسا باشقىلار قۇرۇپ بەرمەيدۇ. ئىسلام ئۇممىتى ئۆزىنى توغرا ئەقىدە، ساغلام تەربىيە، پايدىلىق بىلىم، دانا تەدبىر، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق مۇستەھكەملىشى كېرەك. ھالاكەت، پارتلىتىش، ۋەيران قىلىش تەپەككۇرىدىكى زەئىپلىك، بىلىمسىزلىك ئارقىلىق مىللەتنى گۈلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.

ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان جانلىق بومبا سىياسىتى، پۇقرالارنىڭ كىملىكى، مەزھىبى، پىكىر ئېقىمىغا قاراپ باھا بېرىپ ئۇلارنى نىشان ئوبىكتى قىلىشنىڭ ئۆزى جەمئىيەتنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسىنى خۇنۇكلەشتۇرىدۇ. ۋەتەننى ساقلىيالمايدۇ. مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتەرمەيدۇ.

ئالىملارنى يەڭگىل سانىغان كىشى دىنىنى بۇزىدۇ. پادىشاھنى يەڭگىل سانىغان كىشى ئۆزىنى بۇزىدۇ. دوستلىرىنى يەڭگىل سانىغان كىشى ئىنسانىيلىقىنى بۇزىدۇ. ئەقىللىق كىشى باشقىلارنى يەڭگىل سانىمايدۇ.

دۈشمىنىڭنىڭ قۇترىتىشىغا ئالدانما، ئالدىنىپ قالساڭ يېڭىلىپ قالىسەن. ئەقىللىق ئىنسان ئۆز ئەھلىگە دۈشمەن بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قارشى زىيانكەشلىكلەرنى سادىر قىلمايدۇ. دىنىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. ياشلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، ياشلاردا ئەقلى ناقىسلىق، بىلىم سەۋىيە ئاجىزلىق، شەرىئەت بىلىملىرىدە ئىزتىراپلىق، تەجرىبىسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈپ قالسا ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرسىنى ئايرىيالماستىن ئېزىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. مىللەتنى ئالدىراپ كاپىرلىق، پاسىقلىققا ھۆكۈم قىلىپ قېنى ھالال، مېلى ھالال دەپ خەلققە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. جەمئىيەتتە قالايمىقانچلىق پەيدا بولىدۇ. بىلىش كېرەككى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە، ئانا ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشپىيونلۇق ئاپاراتلىرىغا خىزمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىشى ئىنساننىڭ دۇنيالىقىنىمۇ ئاخىرەتلىكىنىمۇ يوقىتىدۇ. ياشلار كۆپلىگەن ھاللاردا ساددا كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا ئاسانلا چۈشۈپ قالىدۇ. ئازغۇن گۇرۇھلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قېلىپ كېيىن تەۋبە قىلغان ياشلارنى تېلېۋىزور ئىكرانلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىتىراپلىرىدىن قارايدىغان بولساق، ئىسلام دۈشمەنلىرى ئىسلام دىنىغا قارشى مۇسۇلمان ياشلارنى ئىشقا سېلىۋاتقان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. بۇ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق بىر ۋەزىيەت بولۇپ، ئۈممەت بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ياشلىرىمىز خەلقئارالىق سىياسى داۋالغۇشلار، مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىنىڭ قۇربانى بولۇشقا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. دۇنيانىڭ سىياسىي سۈركىلىشى ئىسلام دىيارىدا دۈشمەنلىك سىياسىتىنى قوللىنىپ تېرورلوق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ دەۋرىدە ياشلارنىڭ، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

ياشلارنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەجنەبىيلەر ئىسلام مەركىزى بولغان ئىككى ھەرەم دىيارىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتى بۇنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىشى كېرەك. دۈشمەنلەر ياشلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئىسلام ئۈممىتى ياشلارنى تەربىيىلەشتە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئازغۇن ئىدىيەلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىشى كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مەشھۇر سۆزى بولغان: "ئەنەننەبىيۇ لا كەزىب،ئەنەبنۇ ئابدۇلمۇتتەلىب" (يەنى مەن پەيغەمبەردۇرمەن، يالغان ئەمەس، مەن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئوغلىمەن) دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇرەيش قەبىلىسىدىن ۋە ئابدۇلمۇتتەلىب نەسىبىدىن ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن. ۋاھالەنكى ئابدۇلمەتتەلىب ئىسلامدىن بورۇن ۋاپات قىلغان كىشى ئىدى.

غەرب دۆلەتلىرى ئىددىئالىرىدا ئەلقائىدىگە قارشى بارلىق ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش ئەلقائىدىگە ياردەم بېرىپ، ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇلارغا ھەر-خىل ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.ئىسلام ئۈممىتى ھەقىقەتنى بىلمەستىن غەربتىن ئىبارەت دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ كېتىۋاتىدۇ. دىن دۈشمەنلىرى ئىككى ھەرەم دۆلىتىنىڭ دەرسلىك پروگراممىلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان مائارىپ دەرسلىكلىرىنى تېررورچى، ئازغۇن ئىدىيە يېتىشتۈرىدىغان دەرسلىك دېگەن باھانە بىلەن دەرسلىكلىرىمىزدىكى ئىسلامنىڭ روھى بولغان ماددىلارنى ئېلىپ تاشلاپ ئورنىغا  دىنغا قارشى "لايىك" (يەنى دىننى دۆلەتتىن ئايرىش) پرىنسىپىدىكى مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى خالايدۇ. ئىسلام ئۈممىتى ئېغىر خەتەرلەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە مۇسۇلمانلار ياتلارنىڭ ھىلە- مىكىرلىرىگە ئالدانماسلىق كېرەك. سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرئان كەرىمنى قانۇن قىلغان ھەقىقىي ئىسلام دۆلىتىدۇر. بۇ ھەقىقەتكە شەك كەلتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى جايلاشقان، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنىۋى مەركىزى بولغان بۇ مۇقەددەس زېمىننى نىشان ئۇبىكتى قىلىش ۋە بۇ خىرىسلارغا بىر قىسىم ياشلارنىڭ ھەسسە قوشۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈدىغانلىقىنى ھەربىر مۇسۇلمان ھېس قىلىشى ۋە جىددىي ئويلىنىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى كېرەك. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىككى ھەرەم دىيارىنى ھىمايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ھەربىر ئەقىل ئىگىسى چۈشىنىشى كېرەك.

بىز دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىكى كۈچىمىزنى مۇستەھكەملەش يولىدا مۇكەممەل پىلان لايىھە تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ پىلانغا دىنى، ئىلمى، مەدەنىيەت، ئاخبارات، تەربىيىۋى ساھەلەر بىردەك ھەسسە قوشۇشى كېرەك. ئۆي، مەكتەپ، ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرى ياشلارنى ئازغۇن ئىدىيەلەردىن ساقلاش، دۆلەتنى تاشقى دۈشمەن كۈچلەردىن ساقلاش ئۈچۈن ھەسسە قوشماي مۇمكىن ئەمەس. بۇ يولدا دۆلەت بارلىق ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىشى لازىم. دىنى ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم باش كۆتۈرۈپ تۇرۇشى، مىللەتنىڭ بىرلىكى، ۋەتەننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن قەتئى ئىرادىگە كېلىپ، مىللى مۇناپىقلارغا ھەرقانداق ساھەدە ئورۇن بەرمەسلىك كېرەك. ئۆز مىللىتىگە خائىنلىق، دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۆزىگە نېمە دەپ تەسەللى بېرىدىغاندۇ-ھە-؟!.

ئى ئاللاھ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىززەت- شەرەپ ئاتا قىلغىن! ئى ئاللاھ بىزلەرگە ۋەتەنلىرىمىزدە ئامانلىق ئىچىدە ياشاشنى نېسىپ قىلغىن! ئى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ھىدايەت ئاتا قىلغىن، توغرا يولغا باشلىغىن! ھېچ بولمىسا ئۆز مىللىتىنى قىرمايدىغان، دۈشمەنگە يان باسمايدىغان ئەقىل ئاتا قىلغىن. ئى ئاللاھ يەھۇدى-ناسارالار، مۇلھىد-دىنسىزلار ھەددىدىن ئېشىپ، زالىملىقدا چېكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇلارنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ھالاك قىلغىن! دىيارىمىزنى قىممەتچىلىك قاپلاپ كەتتى ئاچارچىلىق-قەھەتچىلىك بالاسىدىن ساقلىغن! مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىنى تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلىغىن. ئى ئاللاھ بىزلەرگە مەھشەر كۈنى جامالىڭنى كۆرۈشنى نېسىپ قىلغىن! ئى ئاللاھ قەلبىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن زىننەتلىگىن! بىزلەرنى ھىدايەت تاپقۇچى ھەمدە ھىدايەت يولىغا باشلىغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن.

ئى ئاللاھ بىزنى سېنىڭ دىنىڭ ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلغىلى مۇۋەپپەق قىلغىن. ئامىن!


 
 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top