ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 5/6/1430ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى زاماندا، بۇ ۋاسىتىلارنى قوللانغۇچىنىڭ قوللىنىشتىكى پايدا-زىياننى بىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلماننىڭ بۇ نېمەتلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارغىلا قوللىنىش لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-06-02
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/208968
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك
363.5 KB
: ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك.doc
2.
ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك
150.9 KB
: ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك

 

2009-يىلى05-ئاينىڭ 29-كۈىنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئۇچۇر-ئالاقە ئۈچقاندەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دەۋرىدە، ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىلىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئى مۇسۇلمانلار! ھازىرقى زامان كەشپىياتلىرى، بىلىم-مائارىپ ساھەلىرىدە ئىنسانىيەت بۆسۈش خاراكتېرلىك زامانىۋى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇچۇر-ئالاقە تورلىرى خالىغان ۋاقىتتا خالىغان ئادەم بىلەن ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك، نەخ مەيدان ئۇچرىشالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى. بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، سۈرەتكە كىرگۈزگۈچى قۇدرەتلىك ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا شۇنداق مۇدھىش ئەقىلنى بەردى، سانائەتتە تەرەققىي قىلىپ يىڭى نەرسىلەرنى ئىجات قىلدى. قۇرئان كەرىمدە تۈنجى نازىل بولغان ئىقرەئ سۈرىسىدە ئاللاھ  تائالا «ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى» دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىجادىيەت،كەشپىياتلىرى ئاللاھ  بىلدۈرگەن بىلىم دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ھازىرقى زاماندا ئىنسانىيەت ئىجات قىلغان ياكى كەشىپ قىلغان تەرەققىياتلار، ئاپپاراتلار ئىنسانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىدە شەك يوق. زامانىۋى ئاپپاراتلارنىڭ بەرىكىتىدىن ئىنسانلارغا دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن يۈزبەرگەن ۋەقەلەر چاقماق تېزلىكىدە يېتىپ كېلىدۇ. يىراقنى يېقىن قىلالايدۇ. لېكىن بۇ تېخنىكىلارنى سۈيئىستىمال قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، زامانىۋى تېخنىكىلارنى سۈيئىستىمال قىلغان ئادەم گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغان بولىدۇ.

كۆپلىگەن كىشىلەر زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. قول تىلفونلىرى،كومپيوتېر، ئېنتىر تورلىرىنىڭ قۇربانى بولدى. ئىنسانلار بۇ زامانىۋى تېخنىكلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ پايدىلانغان بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ساغلام پايدىلانماستىن سۈيئىستىمال قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. ئىنسانلار مەنىۋى قۇرغاقلىق، ئەخلاقىي ئاجىزلىق، ئەقىدە، تەپەككۇر، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئېغىر تاللاشلارغا دۇچ كەلدى. مەزكۇر تېخنىكىلارنى قوللىنىشتا ئىنساندا مۇئەييەن ئەدەپ-ئەخلاق قارىشى، مەيدان-پرىنسىپ بولۇشى كېرەك.

تۆۋەندە بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم نۇقتىلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1-بىز قوللىنىۋاتقان بارلىق زامانىۋى تېخنىكىلار، قول تىلفۇنلىرى،كومپيۇتور، ئېنتىر تورلىرى ئىنسانلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىجات قىلىنغان ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بولۇپ، قوللانغۇچىلار ئۆز لايىقىدا پايدىلىنىپ، ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىشى كېرەككى سۈيئىستىمال قىلىش نېمەتكە تۇز كورلۇق قىلغانلىقتۇر.

2-كۆپلىگەن ئىنسانلار يانفۇنلارنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئىنسانلارغا ئازار بېرىش، بىئارام قىلىش، ئەدەپ-ئەخلاققا زىت، بولمىغۇر ئۈچۈرلارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئازار بېرىدۇ.

3-تېلېفون سۆزلەشكەنلەر قارشى تەرەپ بىلەن سالاملاشقاندا ئاللاھنىڭ سالامى بولغان:"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" بىلەن باشلاش كېرەك.

4-سۆزلەشكەندە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قىسقا سۆز قىلىش، بىھۇدە سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە ھېساباتى بار.

5-ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ رەسىمىنى تارتىش، ئاۋازىنى لېنتىغا ئېلىش، تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەرنى باشقىلارغا توشۇش ئارقىلىق سۇخەنچىلىك قىلىش، جاسۇسلۇق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كولاش شەرىئەت ئۆلچىمى بويىچە خاتا، چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردۇر.

6-يەنە بىر ئاگاھلاندۇرۇشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە قول تېلېفونلارنىڭ مۇزىكىلىرى بولۇپ، مەسچىتلەردە، ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇزىكىلارنىڭ ھەرتەرەپتىن تولىشى ئىنسانلارغا ئازار بېرىدىغان، ئىبادەتلەرگە دەخلى يەتكۈزىدىغان، بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن سىردىشىدىغان مۇھىم ھالقىلىق پەيتىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئامىللاردۇر.

7-تېلېفوننى ناماز ۋاقتىدا ئۇچۇق قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ خۇشۇ-خۇزۇلىرىنى بۇزۇش ئېغىر خاتالىقلاردىندۇر.

8-ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتلاردا تېلېفون سۆزلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر. نۇرغۇن ئىنسانلارغا تۈگىمەس بالا-مۇسىبەتلەرنى كەلتۈرگەن قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېلىنغان سىتاستىكىلارغا قارىغاندا، كۆپۈنچە قاتناش ۋەقەسى شوپۇر ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلېفون سۆزلەشكەنلىكى سەۋەپتىن بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.

9-ئاتا-ئانىلار ئەۋلادلىرىنى تېلېفون، كومپيوتېر قوللىنىشتا ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش ھەققىدە تەربىيە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ بارلىق ياخشى-يامان ئىشلىرىدىن مەسئۇلدۇر.

10-مەزكۇر تېخنىكا ئاپپاراتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلىش ئەخلاقى چىرىكلىك بولۇپ، ۋىجداننى يوقاتقانلىقتۇر.

زامانىۋى تېخنىكا ئاپپاراتلىرى، ئۇچۇر ئالاقە ئاپپاراتلىرى ئىككى بىسلىق نەرسىلەر بولۇپ ئۇلارنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىگە ئىشلەتكەنلەر پايدا ئالىدۇ. سۈيئىستىمال قىلغانلار زىيان تارتىدۇ، دۇنيا-ئاخىرەتتە مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ.

ئاللاھ بارچىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىپ، يامانلىقتىن يىراق قىلسۇن ئامىن !.

 

 


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top