ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 27/5/1430ھـ2009-يىلى05-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھەر-تۈرلۈك مۇسىبەت ۋە تەبىئى ئاپەتلەرنى بېرىش ئارقىلىق سىنايدىغانلىقى، تەبىئى ئاپەتكە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا، ئىنسانلارنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى كۈزۈتۈدىغانلىقى، ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا تەۋبە قىلىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى ساغلام رەۋىشتە ئادا قىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-05-26
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/208679
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ
322 KB
: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ.doc
2.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ
142.6 KB
: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ

 

2009-يىلى05- ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاللاھ ئىنسانلارنى ياخشىلىق-يامانلىق، ئامانلىق- قورقۇنچ ۋ ە تەبىئى ئاپەتلەر ئارقىلىق سىنايدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتى ئىنسانلارنى دۇنيادا ياخشىلىق - يامانلىق، ئامانلىق-قورقۇنچ، بايلىق-كەمبەغەللىك ۋە شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان سىناقلار ئارقىلىق سىناشنى تەقەززا قىلىدۇ . بۇ سىناقلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ دىللىرى ئويغىنىدۇ، ئىمانى كۈچلىنىدۇ.

كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا يەرشارىدا ئۆزگىرىشلەر، تەبىئىي ئاپەتلەر بۇ ئەسىردە ئىلگىركى ئەسىرلەرگە قارىغاندا 4 ھەسسە ئېشىپكەتكەن. بولۇپمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۆتكەن ئەسىرگە قارىغاندا، بۇ ئەسىر كىرگەندىن بىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئاپەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بولساق، يەرتەۋرەش ئاپىتى، سۇ ئاپىتى، بوران-چاپقۇن ئاپىتى، ۋابا، يۇقۇملۇق كېسەللىرى ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە كۆپەيگەن. تارقىلىۋاتقان كېسەللەر داۋاسىز، سىرى ئاشكارىلانمىغان كېسەللەر بولۇپ چاقماق تېزلىكىدە يامراپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىماقتا. قۇش زۇكۇمى، سارس، چوشقا زۇكۇمى، پاشا ۋىرۇسى دېگەنلەرگە ئوخشاش ۋىرۇسلار ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت بولماقتا. دۇنيانىڭ سەھىيە مەيدانلىرىدىكى مۇدھىش تەرەققىياتى ھازىرغىچە ئىنسانلارنى بۇ ۋىرۇسلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن ئاجىز قالدۇرماقتا. قىسقىسى بۇ ۋىرۇسلار ئاللاھنىڭ قۇرۇغلۇق ۋ ە دېڭىزدىكى ئەسكەرلىرىدۇر. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەسكەرلىرى تۈگىمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىمۇ تۈگىمەيدىغان چەكسىز ۋە تەڭداشسىز قۇدرەتتۇر. يەرشارىدىكى ئىنسانلار، جىنلار، زېمىنلار، ئاسمانلار، ھاۋا، دېڭىز، يۇلتۇزلار، ئاسمان جىسىملىرى، بىز بىلىدىغان-بىلمەيدىغان مەخلۇقلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ، ئىرادىسىدىن تاشقىرى ھەركەت قىلالمايدۇ. ئاللاھ خالىغاننى تۇتىدۇ، خالىغاننى قويىۋېتىدۇ. دۇنيانىڭ زالىملىرى قانچە كۈچلۈك ۋ ە قۇدرەتلىك، زامانىۋى تېخنىكىلارغا ئىگە بولسۇن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، قەھرى غەزىپى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. ئاللاھ خالىسا دۇنيانى بىر سىكىنۇتتا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ ھالاكەتكە ئۇچرىتىش، سۇ ئارقىلىق، ھاۋا ئارقىلىق، ۋابا- مىكروب ئارقىلىق بولىشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا دۆلەتلەرنىڭ ھەربى ئۈستۈنلۈكى، زامانىۋى تېخنىكىسى، ئىقتىسادى كۈچى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. شۇنچە قۇدرەتلىك كۈچلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىكى ئاپەتلەرنى توسۇش ياكى ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن مىليارلارچە مەبلەغ چىقىم قىلىپ ئاپەت يۈز بېرىشتىن بورۇن قاچان ۋە قەيەردە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشقان بولسىمۇ ھازىرغىچە نەتىجە يارىتالىغىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئازابى، سىناق ئىمتىھانلىرى ئويلىمىغان ۋە كۈتۈلمىگەن ۋاقىتلاردا يۈز بېرىدۇ. يۈز بېرىۋاتقان تەبىئى ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردۇر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ھېچقانداق تەدبىر ئىشلىمەيدۇ. ئىنسانلار بۇ ئاپەتلەردىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. ئاللاھ بۇنداق ئاپەتلەرنى، قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمىز دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۈن تۇتۇلۇش، ئاي تۇتۇلۇشلار ئاللاھنىڭ دەلىللىرىدىن بولۇپ، بەندىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، دېگەن.

ئىنسان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېلىپ قېچىلىۋاتقان، ئۆلتۈرلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بولۇپ، ئىبرەت ئېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ .  يۈزبېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەر، ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن بىز ئىنسانلارغا ئىبرەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىشلاردۇر. تەبىئىي ئاپەتلەر ئىنساننى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدۇ، بۇنىڭدىن مۆمىنلەر ئىبرەت ئالسا، كافىرلار تىخىمۇ گۇمراھلىققا چۆمىدۇ.

 ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقىتتا ئىنسانلارنى تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن جازالىماسلىققا ۋەدە بەرگەن تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ھاۋا بۇزۇلغان، بوران چىققان ۋاقىتلاردا ئەندىشىدىن چىرايى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. ئۆيگە كىرەتتى، سىرتقا چىقاتتى. « ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا : ئى رەسۇلۇللاھ سىزگە نېمە بولدى دەپ سورىسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئازابى ئەمەس دەپ كىم ئېيتالايدۇ، ئىلگىرىكىلەر يامغۇر ياغقاندا بۇ ئۆتكۈنچى يامغۇر دەپ پەرۋا قىلماستىن غەرق بولۇپ تۈگىگەنىدى » دەيتتى.  ئاللاھ سۇ، بوران، يەرتەۋرەش، يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش ئاپەتلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق پۇلدار بايلارنى سىنايدۇ، پۇللىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتەلەمدۇ يوق دەپ سىنايدۇ .

ئاپەتكە ئۇچرىغانلار يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە، ئۆي-جايغا مۇھتاج، ئۇلارغا ياردەم بېرىش بايلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەگەر ئۇلار شۇنداق ھالقىلىق پەيتتە مەسئۇلىيتىنى تونۇماستىن يەنە بېخىللىق قىلىپ تۇرۇۋالسا ئۇنداقلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۈتۈپ تۇرماقتىن باشقا چارە يوق.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى دېڭىز ئوكيانلار تىترەيدۇ، تاغلار يېرىلىدۇ، جانلار ھالاك بولىدۇ دىللار تىترىمەيدۇ، دۆلەتلەر يىمىرىلىدۇ، قەلبلەر تىترىمەيدۇ. يەرلەر تەۋرەپ كېتىدۇ ئادەم پىسەنت قىلمايدۇ.

بىز ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئويلايدىغان، ماڭغان يوللىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئىنساندىكى دەھشەتلىك جۈرئەتنى كۆرمىكىمىز ئانچە قىيىن ئەمەس.ئىنسان قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ . چەكلىگەن، ھارام قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ، چەكلىمىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. ئىبادەت، مۇئامىلە، ھەق-ھۇقۇقلارنى ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى تونۇمايدۇ.

ئىنسان شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاللاھنىڭ ھىلىسىدىن ھېچكىم قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.

مۇسۇلمانلارغا بالا-مۇسىبەت قانچە كۆپ ۋە چوڭ بولسا ئەجىر-ساۋاپمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ( ئەگەر سەۋر قىلسا). ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قە ۋ منى بالا-مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ. رازى بولۇپ سەبىر قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ رىزالىقى بار، غەزەپلەنگەنلەر ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىسىگە بۇ دۇنيادا ئازاپ ئەۋەتىپ پاكلايدۇ، ئاللاھ يامانلىق ئىرادە قىلغان كىشىگە مۆھلەت بېرىپ قىيامەتكىچە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئاللاھنىڭ ئىمتىھانلىرىغا رازى بولۇش قازا ۋە قەدەرگە رازى بولۇش، سەۋەپ قىلماي كۈتۈپ تۇرۇش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى سەۋەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن تەقدىرىگە قېچىش دېمەكتۇر. كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇپ، داۋاملىق پەخەس بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. تەبىئى ئاپەتلەرگە يولۇقماسلىق ئۈچۈن تەۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ قىلىش كېرەك . ئىنسان داۋاملىق ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش لازىم. سەدىقىنى كۆپ قىلىش ۋە يوقسۇللارنى يوقلاش لازىم .

ئاللاھ بارچىمىزنى ئاپەت ۋ ە بالا-مۇسىبەتلەردىن ساقلىسۇن ئامىن!.

 


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top