هل يلزمها التبرع بكليتها لوالدها؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: هل يلزمها التبرع بكليتها لوالدها؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: عند والدي فشل كلوي ويطلب مني أن أعطيه كلية ، ولكن أنا أخرجت المرارة وبصراحة أنا أخاف ، هل علي إثم إذا رفضت بسبب أني أخاف على أولادي الثلاثة؟
تأريخ الإضافة: 2009-05-23
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/208347
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
بۆرىكىنى دادىسىغا ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرمۇ؟
475.5 KB
فتح: بۆرىكىنى دادىسىغا ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرمۇ؟.doc
نبذة موسعة

 

بۆرىكىنى دادىسىغا ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرمۇ؟

 

119295- نومۇرلۇق سوئال                                                            

مېنىڭ دادام بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئېدى. دادام مەندىن بىر بۆركىمنى بېرشنى تەلەپ قىلدى. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا مەن قۆرقۈۋاتىمەن، چۈنكى مەن ئۆتۈمنى ئالدۇرغان ئىدىم ئەگەر مەن دادامنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ يەنە مېنىڭ ئۇچ بالام بار بولۇپ، مەن ئۇلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن؟.

 جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا بولسۇن.

بۆرەك تەقدىم قىلىش مەيلى ئاتا-ئانا ياكى باشقىلارغا بولسۇن، كۆپلىگەن ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىدا ئىككى شەرت ئاستىدا جايىز دەپ قارىلىدۇ:  

بىرىنچى: بۇ يۆتكەلگەن بۆرەك كېسەل ئۇچۇن پايدىلىق دەپ قارار چىقىرىلىپ، ئوپراتسيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىشى كېرەك. بۆرەك ئىئانە قىلغۇچىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتمەسلىك ئاساسىدا جايىز دەپ قارىلىدۇ.                                                                  

بۇ سوئالنىڭ ئوخشىشى بۇرۇن دىنى ئىشلار پەتىۋا گۇرۇپپىسىدىكى ئۆلىمالاردىن سورالغان بولۇپ، سوئالدا: مېنىڭ دادام بۆرەك كېسىلى ئىدى، دوختۇرلار دادامنىڭ ئىككىلا بۆرىكىنىڭ ساق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. دادام بولسا ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بۆرەك يۇغىزىدۇ، بۇنداق قىلىش دادام ئۈچۈن بىر قىيىنچىلىق بولۇپ، دوختۇرلار بۇ ئشنى دادامنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، ياكى بولمىسا ئائىلىمزدىكلەردىن بىرەرىمىزنىڭ بۆرىكىمىزنى ئىئانە قىلىشىمىزنى ئېيتتى. مېنىڭ ئىدىيەمدە بۇنىڭغا تەييارلىق بار بولۇپ، بۇ يەردىكى مۇھىم ئىش بۆرىكىمنى ئىئانە قىلسام جايىز بولامدۇ، بولمامدۇ؟;

ئنسان ئۆلگەندىن كىيىن جىسمىدىكى بەزى ئەزالارنى ئىئانە قىلسا جايىز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋالارنى ئاڭلىدۇق، شۇنداقلا ھاياتلىق ھالەتتىمۇ جايىز بولامدۇ؟ ۋە تىرىك كاپىرنىڭ بۆرىكىنى سېتىۋىلىپ ئالماشتۇرسا جايىز بولامدۇ؟.

يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋابىمىز شۇكى؛ سىزنىڭ دادىڭىزغا بىرتال بۆرىكىڭىزنى تەقدىم قىلىشىڭىز سىزنىڭ بۆرىكىڭىزنى دادىڭىزغا ئالماشتۇرغاندىكى سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتمىسە، ۋە دوختۇرلار ئۆپراتسىيەنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تەخمىن قىلالىسا جايىز بولىدۇ. پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 113-بەت.     

شەيخ ئىبنى باز «ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن»دىن: مېنىڭ بىر ساۋاقدىشمنىڭ ئاكىسى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ بۆرىكىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئاكىسىغا ئىئانە قىلغان ئىدى. بەزىلەر تەرىپىدىن ئۇنىڭغا، ئەزا ئىئانە قىلىش ھارام، چۈنكى ئىنساننىڭ جىسمى ئامانەت قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن سورىلىمىز دېيىلدى. دەپ سورالغاندا، پەزىلەتلىك شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: ئەگەر كېسەلنىڭ بۆرىكىنى ئالماشتۇرمىسا بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر بۆرەكنى ئىئانە قىلسا بولىدۇ. ۋە مۇتەخەسسىس دوختۇرلار بۆرەك بەرگۈچى، بۆرىكىنى ئىئانە قىلسا سالامەتلىكى خەتەرگە ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىغان بولسا ئىئانە قىلسا بولىدۇ.

شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن بۆرەك ئىئانە قىلسا، بۇ ياخشى ئەمەللەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ ۋە ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشى ئۇچۇن ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ. چۈنكى خەتەر ۋە زىيان ئۈستىدىكى قېرىندىشىنىڭ كېسەل ئازابىدىن ساقلىنىپ قىلىشىغا ياردەمچى بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» سۈرە بەقەرە 195- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمىكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىدا ياردەمچى بولىدۇ». تۈگىدى.

ئىككىنچى: دادىڭىز سىزدىن بۆرىكىڭىزنى بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يەتسۇن ياكى يەتمىسۇن، بۆرەكنى ئىئانە قىلىش ياكى قىلماسلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئختىيارىڭىزدىكى ئىش بولۇپ، سىز بۆرىكىڭىزنى ئىئانە قىلىشقا مەجبۇر ئەمەسسىز. چۈنكى بۆرەك سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە ئالاقىدار ۋە ئېھتىياجىڭىز بار بىر ئەزادۇر. ئەگەر سىز بۆرىكىڭىزنى دادىڭىزغا بەرسىڭىز، دادىڭىزغا ئېھسان قىلغان بولىسىز ۋە پەرزەنتلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلغان بولىسىز. ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشىڭىزغا ئاللاھتىن ھەسسىلەپ ئەجىر ئالىسىز.

ئاللاھتىن دادىڭىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ سىزنى ۋە بالىلىرىڭىزنى ئۆزى سالامەت قىلسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

 

 

موضوعات متعلقة ( 2 )
Go to the Top