ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشىغا ئارىلىشىشىدىكى چەك-چېگرا قانچىلىك؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشىغا ئارىلىشىشىدىكى چەك-چېگرا قانچىلىك؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن خرىستىئان دىنىدىن ئىسلام دىنىغا يېڭىدىن كىرگەن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، بىر مەزگىل ئارىلاشقاندىن كىيىن توي قىلىشقا كېلىشتۇق، لېكىن ئائىلىدىكىلىرىم بۇ ئىشقا قوشۇلمىدى. ناۋادا توي قىلغۇچى ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسىغا كۆنمىسە گۇناھكار بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-05-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/208141
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشىغا ئارىلىشىشىدىكى چەك-چېگرا قانچىلىك؟.
477.5 KB
: ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشىغا ئارىلىشىشىدىكى چەك-چېگرا قانچىلىك؟..doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشىغا ئارىلىشىشىدىكى چەك-چېگرا قانچىلىك؟.

 

98768- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن خرىستىئان دىنىدىن ئىسلام دىنىغا يېڭىدىن كىرگەن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، بىر مەزگىل ئارىلاشقاندىن كىيىن توي قىلىشقا كېلىشتۇق، لېكىن ئائىلىدىكىلىرىم بۇ ئىشقا قوشۇلمىدى. ناۋادا توي قىلغۇچى ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسىغا كۆنمىسە گۇناھكار بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ يات بىر قىز بىلەن تونۇشۇش، ئۇچرىشىش ۋە ھەم سۆھبەتتە بولۇشنىڭ شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى سەمىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىز بۇ گۇناھقا تەۋبە قىلىپ بۇ ئىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىپ، قىلغان ئىشىڭىزغا پۇشايمان قىلىپ بۇ ئىشقا قايتا قەدەم باسماسلىقىڭىز، ئاللاھ كۆپ ئىستىغپار ئېيتىپ ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن كەسكىن ئىرادىگە كېلىشىڭىز لازىم. سىزنىڭ ئۇ قىز بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولىشىڭىز، خالى ئورۇنلاردا بىرگە بولىشىڭىز ئەمەس بەلكى ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇچرىشىپ تۇرىشىڭىزمۇ توغرا ئەمەس. سىلەر توي قىلىشنى ئويلاپ ناھايتى ياخشى قىلىپسىلەر، ئۇ بولسا ئىككىڭلارنىڭ بىرگە بولىشىغا شەرىئەت يول قويغان بىردىن بىر يولدۇر. بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە تىرىشىڭ. ئەگەر ئۇ قىز بىلەن توي قىلىش مۇمكىن بولمايدىكەن، بارلىق ئالاقىڭىزنى ئۈزۈڭ، ئاللاھ سىزگە ئۇ قىزدىن ياخشىراق، ئۇ قىزغىمۇ سىزدىن ياخشىراق ھەمراھ ئاتا قىلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى: ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى بىر نەچچە خىل تۈر بويۇنچە ئىپادىلىنىدۇ:

1- ئوغلىنىڭ تاللىغان قىز بىلەن توي قىلىشىغا ئاتا-ئانىنىڭ قىتىلماسلىقى.

2- ئوغۇلنىڭ تاللىغان قىز بىلەن توي قىلىشىغا ئاتا-ئانىنىڭ شەرئىي تەرەپتىن قىتىلماسلىقى، گەرچە خىرىستىئانلار بىلەن توي قىلىش دۇرۇس بولسىمۇ لېكىن ئۇ قىزنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى تەرەپلەردىكى بەزى قىلىقلىرى سەۋەبتىن قىتىلماسلىق.

3- ئوغۇلنىڭ تاللىغان قىز بىلەن توي قىلىشىغا ئاتا-ئانىنىڭ شەرئىي تەرەپتىن ئەمەس بەلكى مەلۇم شەخسى غەرەز ۋە دۇنيا مەنپەئەتى جەھەتتىن ياكى قىزنىڭ چىرايلىق بولماسلىقى ۋە كېلىپ چىقىشىنىڭ ناچار بولىشىدىن ئىبارەت تەرەپلەردىن قىتىلماسلىق.

4- ئاتا-ئانىسى تاللىغان قىز دىيانەتلىك ۋە چىرايلىق بولۇپ ئوغلىنى بۇ قىز بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر قىلىشى.

بۇنىڭ خۇلاسىسى: ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خىل ھالەتلەردە ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپتۇر، قالغان ھالەتلەردە ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى بويۇنچە ئىش قىلمىسىمۇ گۇناھكار بولمايدۇ.

ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ: "ئاتا-ئانىنىڭ ئوغلىنى ئۆزى خالىمىغان قىز بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش ھەققى يوق" دەپ قارايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ: "ئاتا-ئانىنىڭ ئوغلىنى ئۆزى خالىمىغان قىز بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش ھەققى يوق، ئەگەر ئوغۇل ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا، ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان بولمايدۇ، بىر كىشى ئۆز كۆڭلى تارتقان تاماقنى يېيىشكە ، كۆڭلى تارتمىغان تاماقنى تەرىك ئېتىشكە قادىر بولغاندەك، نىكاھمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر، ياقتۇرمايدىغان تاماقنىڭ تەمى بىردەملىك بولغان بىلەن  ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى تېتىمسىزلىق ئۇزاققا سوزىلىدۇ، بىر-بىرىگە ئازار بېرىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش تەسكە توختايدۇ" دېگەن.

بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز: سىز دېگەن ئۇ قىز ھەقىقەتەن مۇسۇلمان بولۇپ سىزنىڭ قەلبىڭىز ئۇ قىزغا چىگىلگەن بولسا، ئۇ قىز بىلەن توي قىلمىسىڭىز زىناغا چۈشۈپ قىلىشىڭىزدىن قورقىدىغان بولسىڭىز، بۇ ھالەتتە ئائىلىدىكىلىرىڭىز قوشۇلمىسىمۇ ئۇ قىز بىلەن توي قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ قورقۇشقا تېگىشلىك بولغان ئىش ئۇ قىزغا ئىگە بولىدىغان كىشىنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن ئۇ قىزنىڭ دىندىن يېنىپ كېتىشىدۇر. ئاتا-ئانىڭىزنى قانائەتلەندۈرۈشتە بارلىق كۈچىڭىزنى سەرپ قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇ قىزنى توغرا يولغا باشلاش ۋە ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىش ئارزۇسى بىلەن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشىڭ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۆزىڭىز خالىغان قىز بىلەن توي قىلىشىڭىز دۇرۇس، ئاتا-ئانىڭىزغا بۇ جەھەتتە ئىتائەت قىلىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاتا-ئانىڭىزنىمۇ رەنجىتمەسلىكىڭىز لازىم.

سىز ئاتا-ئانىڭىزغا زۇلۇم قىلىمىسىڭىز ياكى ھەققىگە تاجاۋۇز قىلمىسىڭىز ئۇلارغا ئازار بەرگەن بولمايسىز ۋە ئاللاھ خالىسا ئۇلارمۇ سىزدىن نارازى بولمايدۇ. شۇنىسى مۇھىمكى؛ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كۆز قارىشىغا ئېھتىرام قىلىشىڭىز، ئۇلارغا ئېھسان قىلغانلىقىڭىزدۇر. ئاتا-ئانىڭىز سىزگە ياخشىلىق خالايدۇ ۋە سىزنى بەختلىك بولسىكەن دەيدۇ.

ئۈچىنچى: ئۇ قىزچاقنىڭ بىرەر «ۋەلىسى» (يەنى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشىسى) بولسا ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ۋەلىسىز نىكاھ قىلىشىڭىز دۇرۇس ئەمەس، بەلكى قىزنىڭ ۋەلىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر قىزنىڭ ۋەلىلىرى مۇسۇلمان ئەمەس غەيرى دىندىكىلەردىن بولسا ئۇلار ۋەلى ھېسابلانمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ قىزنىڭ ۋەلىلىقىنى شەرىئەت قازىسى ياكى مۇسۇلمانلار مۇپتىسى ياكى ئىسلام مەركىزىدىكى ئىماملار ياكى مەسچىت ئىماملىرىدىن بولغان بىرەر مۇسۇلمان كىشى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك. ھەرقانداق ھالەتتە سىزنىڭ ۋەلىسىز توي قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.  

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

 

Go to the Top