رد تفصيلي على أدلة من أجاز التعامل بالربا مع الكفار في ديارهم

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: رد تفصيلي على أدلة من أجاز التعامل بالربا مع الكفار في ديارهم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: وقد انتشرت بين المسلمين فتنة الربا ، أو داء الربا - بتعبير أصح - ، وذلك من خلال فتوى اعتمد عليها هؤلاء ، أخذوها من دار إفتاء رسمية في إحدى الدول العربية ، بدعوى أن المعاملات المالية الفاسدة مع الكافر المحارب جائزة ، وينسبون ذلك لأبي حنيفة رحمه الله ، وتلميذه محمد بن الحسن . وقد أرسلت لكم رابط تلك الفتوى ، فنرجو الرد المفصل ، لكي تكون فتواكم تبياناً للحق .
تأريخ الإضافة: 2009-05-19
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/208076
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
كاپىرلارنىڭ شەھەرلىرىدە ئۇلار بىلەن جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ دەلىللىرىگە تەپسىلى رەددىيە
542.5 KB
فتح: كاپىرلارنىڭ شەھەرلىرىدە ئۇلار بىلەن جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ دەلىللىرىگە تەپسىلى رەددىيە.doc
نبذة موسعة

 

كاپىرلارنىڭ شەھەرلىرىدە ئۇلار بىلەن جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ دەلىللىرىگە تەپسىلى رەددىيە

 

126056- نومۇرلۇق سوئال

سوئال :

مەن ياشاۋاتقان رايوندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا جازانە ئىشلىرى كەڭ تارىلىپ كەتتى، ئۇلار بۇ ئىشقا مەلۇم بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ رەسمى پەتىۋا كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان "ئۇرۇش قىلىۋاتقان رايونلاردىكى كاپىرلار بىلەن جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ" دەپ ئەسلى مەنبىيى ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنگە نىسبەت بىرىلگەن پەتىۋاغا تايىنىدۇ، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بايان قىلغان ئاساستا بۇ پەتىۋانىڭ توغرا-خاتالىقىغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ بۇ سوئالنى سىلەرگە يوللىدىم، جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن؟.

جاۋاپ :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: جازانى شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش شەرىئەتتە چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا جازانى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ دۇنيادا ماللىرىنىڭ بەرىكىتىنى ئۆچۈرۈۋېتىش، ئاخىرەتتە قەبرىدە ۋە دوزاختا قاتتىق ئازابلايدىغانلىقى بىلەن ۋەدە قىلدى . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: «سودا - سېتىق، جازانىگە ئوخشاش (جازانە نېمىشقا ھارام بولىدۇ؟)» دېدى. ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز-نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ (يەنى ئاللاھ خالىسا ئۈنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ ، ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ ، ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقى) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار ، ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر» بەقەر سۈرىسى 275-279 ئايەتلەر .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ جازانى يېگۈچىنىڭ قەبرىدە قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. (8829 سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن).

2008-يىلى 10-ئايدا باشلانغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىپ ۋەيران بولىشىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوچۇق ئاشكارا جازانە شەكىلدىكى مۇئامىلىلەرنىڭ كەڭ تارقالغانلىق نەتىجىسىدىن بولغان . بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ جازانى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ مال-دۇنياسىنىڭ بەرىكىتىنى ئۆچۈرىۋېتىشىنىڭ بىر كۆرۈنىشى ھېسابلىنىدۇ. (ئاخىرەت ئازابى ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ۋە دائىملىقتۇر) تاھا سۈرىسى 127-ئايەت.

بىز جازانىنىڭ كەسكىن ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ھىيلە ئىشلىتىپ پەتىۋا بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ياكى ئاجىز-ئاساسسىز دەلىللەرگە تايىنىپ كىشىلەرگە پەتىۋا بىرىۋاتقان مۇپتىلارنىڭ ئىشلىرىدىن بەكمۇ ئەجەبلىنىمىز، ئۇلار كىشىلەرگە ھارامنى ھالال قىلىپ بېرىدۇ، كىشىلەرنى جازانە قىلىشتىن چەكلەپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ھارامنى ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەرلەندۇرۇپ، ئۇلارنى پاكىزە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇلارنى ئىستىمال قىلىشقا يېتەكلىمەستىن ئەكسىنچە ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان گۇناھلارغا يول ئىچىپ بەرگەنلىكى بىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ (ھەرقانداق جىسىم ھارامدىن غىزالىنىدىكەن،  دوزاخ ئۇنىڭغا بەك لايىقتۇر).

شەرىئەت ھارام قىلغان ئىشلارغا ھىيلە ئىشلەتكەننىڭ جازاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. قۇرئاندا بايان قىلىنغان ۋەقەلەردىن؛ شەنبە كۈنلۈكى بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەن كىشىلەر ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارغا ھىيلە ئىشلەتكەنلىكتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا جازا بېرىپ ئۇلارنىڭ شەكلىنى مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.

بىز ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى بارلىق ئالىملارنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ھۆرمەتلەيمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممە پىكىر-قاراشلىرىنى شەرىئەت ھۆكمى دەپ قارىمايمىز، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە يىتىش، ئۈممەتكە توغرا ۋە ئاساننى يەتكۈزۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىدىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنىڭ بەزىسى توغرا بولسا يەنە بەزىسى توغرا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ خاتا كەتكەنلىكىگە بىر ئەجىر بولسا، توغرىنى تاپقانلىقىغا قوش ئەجىر بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈم قىلغۇچى تىرىشچانلىق قىلىپ توغرا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا قوش ئەجىر بولىدۇ، ئەگەر  ھۆكۈمدە خاتا كەتسە قىلغان تىرىشچانلىقىغا بىر ئەجىر بولىدۇ».

بىز ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق قىلىپ خاتا كەتكەن ئىشلىرىغا ئەگەشمەيمىز بەلكى قۇرئان-ھەدىسكە ئەگىشىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىنى مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار» زۇمەر سۈرىسى 55 - ئايەت.

ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتابلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىملىرى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى» . ئۇلار كىشىلەرگە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئۆزگەرتىپ پەتىۋا بېرەتتى، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە ئەگىشەتتى، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ قىلمىشىمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلىنىمىز.

ئىككىنچى: جازانىنىڭ ھاراملىقى قۇرئان-ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن بىز بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ھۆكۈم جازانىنىڭ ھەممە شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەپ، ھىيلە ئىشلىتىپ "جازانىنىڭ پايدىسى" دېگەن سۆزنى چىرايلىقلاشتۇرۇپ "تىجارەتنىڭ پايدىسى" دەپ ئاتاپ ئىسىمنى ئۆزگەرتىپ جازانىنى دۇرۇس دەپ پەتىۋا بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە كىيىنكى زاماندا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدىغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنى يەر يۇتۇپ كەتكەنلىكى، شەكلىنىڭ مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن، ئۇلار ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچكەن بولسا، بۇلار جازانىنىڭ ئىسمىنى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، جازانە قىلىشنىڭ ھاراملىقى ۋە جىنايىتى ھاراق ئىچىشتىن يۇقىرى ۋە كاتتا بولىدۇ،

بەزىلەر جازانى قىلىشنى دۇرۇس دەپ پەتىۋا بېرىپ بۇ سۆزنى دۇرۇس دەپ شەرىئەتكە بۆھتان قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھقىمۇ بۆھتان قىلىپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى دېمىگەن سۆزنى ئۇلارغا نىسبەت بېرىۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەنلەر ئىمام ئەبۇ ھەنىپىنىڭ سۆزلىرىگە ئىككى جەھەتتىن خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ:

بىرىنچى: مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەنلەر غەرب دۆلەتلىرىنى "دارۇل ھەرب" (يەنى ئۇرۇش بولىۋاتقان رايونلار) دەپ ھېسابلىمدى، ياكى كاپىرلار دىيارى دەپمۇ ئاتىمىدى. ئەمما ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ بۇ ئىش"دارۇل ھەرب " ( يەنى ئۇرۇش بولىۋاتقان رايونلار ) دا دۇرۇس بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەن.

ئالىملار دارۇل ھەرب بىلەن دارۇل كۇپرىنىڭ پەرقىنى ئايرىيدۇ، دارۇل كۇپرى دېگەن: كاپىرلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇلارنىڭ قانۇن-نىزاملىرى بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار رايونلىرىدىن ئىبارەت، "دارۇل ھەرب" دېگەن دارۇل كۇپىرنىڭ ئۆزى بولۇپ ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق سۈلھى-كېلىشىم، تىنچلىق ئەھدىسى بولمىغان رايونلاردۇر. بەزى دۆلەتلەر   "دارۇل ھەرب" بولماستىن دارۇل كۇپرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مەلۇم مۇددەت ئۇرۇش قىلماسلىق ئاساسىدا كېلىشىم-سۈلھى قىلىنغان رايونلاردۇر.

ئىمام ئەبۇ ھەنىپىنىڭ سۆزىنى دەلىل قىلىدىغان كىشىلەر جازانىنى دۇرۇس بولىدۇ دېگەن رايونلارنى "دارۇل ھەرب" دەپ سۈپەتلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن باش تارتىدىكەن ئىمام ئەبۇھەنىپىنىڭ قارىشىغا خىلاپلىق قىلىپ سۆزىنى دەلىل قىلىۋېلىشى توغرا ئەمەس.

ئىككىنچى: ئىمام ئەبۇ ھەنىپىنىڭ پەتىۋاسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ "دارۇل ھەرب" تىكى كاپىرلاردىن جازانىنى ئېلىشى دۇرۇس، ئەممە ئۇلارنىڭ كاپىرلارغا ئۆسۈم شەكىلدە جازانى تاپشۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنى "دارۇل ھەرب" دەپ ئېتىبارغا ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ماللىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھالال بولىدۇ، مۇسۇلمانلار كاپىرلاردىن يۇقىرى تۇرغان ھالەتتە ئۇلاردىن جازانى ئۆسۈمىنى ئالسا بولىدۇ دېيىلگەن.

سىلەر ئىمام ئەبۇھەنىپىنىڭ پەتىۋاسى بىلەن ھازىرقى قاراشتا پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەڭلار ئۇلارنىڭ پەتىۋا بەرگەن ئىشنىڭ ۋە ھۆكۈمنىڭ ئارىسىدىكى روشەن پەرقنى ئېنىق چۈشىنىسىلەر. ئەبۇھەنىفە ۋە ئۇنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق كەلگەنلەر جازانى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشىدا بىرقانچە شەرتلەرنى بېكىتكەن بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

1 -جازانى كېلىشىمى كاپىرلارنىڭ زېمىنىدا بولۇشى كېرەك.

2 -ئۇلارنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنى "دارۇل ھەرب" بولىشى كېرەك.

3 -جازانە ئۆسۈمىنى مۇسۇلماننىڭ كاپىردىن ئېلىشى كېرەك. "مەبسۇت 14 56-بەت".

بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش،  ئىمام مالىك، شافىئىي، ۋە ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ: ئىسلام دىيارىدا ياكى كاپىرلار دىيارىدا ياكى "دارۇل ھەرب" (ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلاردا) مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان بىلەن جازانە قىلىشى ۋە مۇسۇلماننىڭ كاپىر بىلەن جازانە قىلىشىمۇ توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جازانە قىلىش  ئىسلام دىيارىدا ھارام قىلىنغانغا ئوخشاش "دارۇل ھەرب" (ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلار ) دىمۇ ھارام قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسى 275 -ئايەتتە «جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلغانلىقتىن، جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار ». بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن ئىمام مالىك، ئەۋزائىي، ئەبۇ يۈسۈپ، شافىئىي ۋە ئىسھاق قاتارلىق ئالىملارمۇ ئىبنى قۇدامىنىڭ سۆزىنى تەكىتلىگەن، ئومۇمى دەلىللەر ئارتۇق ئېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« كىمىكى ئارتۇق ئالسا ياكى ئارتۇق ئېلىشنى تەلەپ قىلسا جازانى قىلغان بولدى» دېگەن ھەدىسى ۋە باشقا ھەدىسلەرمۇ ئىسلام دىيارىدا ھارام بولغان نەرسىلەرنىڭ "دارۇل ھەرب" (ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلار ) دىمۇ ھارام بولىدىغانلىقىنى، ۋە مۇسۇلمانلارغا ھارام بولغانغا ئوخشاش كاپىرلارغىمۇ ھارام بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.(مۇغنىى 4-توم 47 -بەت). يەنە: كىمىكى دۈشمەن زېمىنىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىدىكەن، ئۇلارنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلىشى ۋە جازانى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى چەكلىنىدۇ دېگەن.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: جازانىنىڭ "دارۇل ھەرب" (ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلار ) دا قوللىنىشىمۇ، ئىسلام دىيارىدا قوللىنىشىغا ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ. ئىمام مالىك، ئەبۇ يۈسۈپ ۋە ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق دېگەن .  بىزنىڭ دەلىلىمىز جازانىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان ئومۇمى دەلىللەردىن ئىبارەت، ئىسلام دىيارىدا ھارام بولغان ھەر قانداق ئىش، كاپىرلار رايونىدىمۇ ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پرىنسىپىدۇر .

ئۈچىنچى: ئىلگىرىكى زاماندىكى ھەنەفىيلەر ۋە كىيىن زاماندىكى ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىغا ئىسنادى زەئىپ، دەلىل جەھەتتە ئاجىز بولغان  ھەدىسلەرنى كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ دەلىللىرىدىن:

1 -مەھكۇل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «"دارۇل ھەرب" (ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلار ) دا مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىر ئارىسىدا جازانە بولمايدۇ». بىزنىڭ بۇ ھەدىسكە بېرىدىغان جاۋابىمىز: بۇ ھەدىس مۇرسەل(يەنى ھەدىسنى ئاڭلىغان ساھابە سۆزلەنمىگەن، مەھكۇل ساھابە ئەمەس) تابىئىنلاردىن، مۇرسەل دېگەن زەئىپ ھەدىسلەردىن دەپ قارىلىدۇ، بۇ ھەدىسنى ھەم ئىمام شافىئىي، ئىبنى ھەجەر ، ئىمام نەۋەۋىي ۋە باشقىلارمۇ زەئىپ دېگەن.

ئىمام شافىئىي: ئەبۇ يۈسۈپنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىپىنىڭ كۆز قارىشى ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرگەن ھەدىسى ھۆججەت بولالمايدۇ دېگەن. (ئەلئۇم 7- توم 358-359-بەتلەر). ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: گەرچە بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى سەھىھ دەپ قارىساقمۇ باشقا دەلىللەرنى بىرلەشتۈرگەندە جازانە مۇئامىلىسى "دارۇل ھەرب" (ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلار ) دىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ دېگەن بولىدۇ. (ئەل مەجمۇئ 9-توم 488-بەت ). ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى "ئەددىرايەتۇ پى تەخرىجىل ھىدايەھ" دېگەن كىتابتا تاپالمىدىم دەيدۇ(21 58).

2 -ئۇلار بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرى توغرىسىدا سۆزلەنگەن بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنى يۇرتتىن چىقىرىۋەتكەندە، ئۇلار: بىزنىڭ قەرەللىك بەرگەن قەرىزلىرىمىز بار ئېدى، ۋاقتى توشمىدى دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈڭلار ياكى ئۆتىۋېتىڭلار دېگەن، بەنىي نەزىرنى سۈرگۈن قىلغاندىمۇ ئۇلارغا شۇنداق دېگەن.

ھەنەفى ئالىملىرىدىن سەرخەسىي بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئۇلارغا: ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈڭلار ياكى ئۆتىۋېتىڭلار دېگىنى جازانە مۇئامىلىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، لېكىن بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دۇرۇس بولمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئۇلار ئۈچۈن دۇرۇس قىلدى، چۈنكى ئۇلار ئۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى، شۇ سەۋەپتىن ھەم سۈرگۈن قىلىندى، بىز بۇنىڭدىن جازانىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى لېكىن مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرلار ئوتتۇرىسىدا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق" تۈگىدى.

بىزنىڭ بۇ ھەدىسكە جاۋابىمىز: بۇ ھەدىس زەئىپ بولۇپ دەلىل قىلىشقا يارىمايدۇ.

ئەمما « ھەدىسى بەنى قەينۇقانى » ۋاقىدىي پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرى قاتارىدا رىۋايەت قىلغان . «ھەدىسى بەنىي نەزىرنى» ھاكىم مۇستەدرەكتە رىۋايەت قىلغان(261). دارىي قۇتنىي ۋە بەيھەقىي سۈنەندە رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدىكى راۋى " مۇسلىم ئىبنى زەنجىنى " بۇخارىي مۇنكەر ھەدىس دېگەن . ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ھەدىسشۇناس ئالىملارمۇ زەئىپ دەپ قارايدۇ.

بىلىۋېلىشىمىزگە تىگىشلىك مەسىلە؛ پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا " ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈڭلار ياكى ئۆتىۋېتىڭلار" دېگەن سۆزنى بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدە قەرزى بولسا، قەرزنىڭ بەزىسىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشنىڭ ئورنىغا مۇددەتتىن بۇرۇن قەرزنى بېرىشكە ئىتتىپاق كېلىدۇ، بۇنىڭ دۇرۇسلىقى ھەققىدە بەزەن ئىختىلاپلار بولسىمۇ لېكىن بۇنداق قىلىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ. بۇ جازانە قاتارىغا كىرمەيدۇ . ھەنەفىيلەرنىڭ بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ  مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرلار ئارىسىدا جازانە دۇرۇس بولىدۇ، بەلكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ توغرا بولىدۇ دېگەن قارىشى توغرا ئەمەس.

قەرزنىڭ بەزىسىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشنىڭ ئورنىغا مۇددەتتىن بۇرۇن قەرزنى ئادا قىلىشنى دۇرۇس دېگۈچىلەرنىڭ پېشىۋاسى ساھابىلاردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، بۇنى ھەم ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييۇممۇ كۈچلەندۈرگەن، دائىمى پەتىۋا كومىتېتىدىكى ئالىملار ۋە شەيخ ئۇسەيمىنمۇ دۇرۇس دېگەن، ئىسلام پىقھى ئاكادىمىيسىمۇ دۇرۇس دەپ قارار چىقارغان، ھەنەفىي ئالىملىرىدىن ئىبنى ئابىدىن دۇرۇس دېگەن (ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىن 5160).

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قەرەللىك قەرز بەرگەن بولسا، قەرز بەرگۈچى سەپەر قىلىدىغان ياكى مىلنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، ياكى مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەلەپ قىلىشى مۇمكىن بولمىسا، قەرز بەرگۈچىدىن قەرزنىڭ بەزىسىنى ئەپۇ قىلىۋېتىپ قالغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىلىشىنى مەقسەت قىلسا، بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشتى، بۇنداق قىلىشنى ئىبنى ئابباس دۇرۇس دەپ قارىدى، ئىبنى ئۆمەر دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىدى، ئىمام ئەھمەدتىن ئىككى خىل رىۋايەت بولۇپ مەشھۇر بولغىنى دۇرۇس ئەمەس دېيىلگەن. ئىككىنچىسىدە دۇرۇس دېيىلگەن، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ دۇرۇس دېگەن قاراشنى تۇتقان. چۈنكى بۇنداق قىلىش جازانىنىڭ ئەكسى بولۇپ جازانىدا مۇددەتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قەرزنىڭ ئۆسۈمى زىيادە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەرز ئالغۇچى زىيانغا ئۇچرايدۇ، بۇ مەسىلىدە قەرز ئالغۇچىنىڭ زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قەرز بەرگۈچىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ھەققىنى ئىلىپ مەنپەئەتلىنىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن زىيان تارتماستىن مەنپەئەتلىنىش ھاسىل بولىدۇ، بۇ جازانىگە ئوخشىمايدۇ. (ئىغاسەتۇل لەپھان 211- 13).

3- ئۇلار يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى ۋاقتىدا رۇكانە بىلەن دو تىكىشىپ چىلىشقانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ، رۇكانەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىمدا قويىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى دو تىكىش بىلەن يىقىتقان، ئەگەر بۇ ئىش توغرا بولمىغان بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى قىلمايتتى، ئۈچىنچى قېتىم يىقىلغاندا، رۇكانە: ھېچكىم مىنىڭ بىلىمنى يەرگە تەككۈزەلمىگەن، بەلكى مىنى يىقىتقان سەن ئەمەس دەپ بىر ئىلاھى كۈچ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قويلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن.

سەرىخسىي مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ   ئۇنىڭ قويىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىشتىن ئىبارەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى مەقسەت قىلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلاتتى. ئۇلار بۇ ۋەقەنىمۇ  شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان يوللار بىلەن كاپىرلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش دۇرۇس بولىدۇ دېگەنگە دەلىل قىلىدۇ.                                                                                                            

بىزنىڭ جاۋابىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رۇكانە بىلەن چىلىشقانلىقى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنىڭ ئېھتىماللىقىدىن يىراق ئەمەس:

بىرىنچى : بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ  ئىش مەدىنىدە قىمارنىڭ ھاراملىقى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن مەككىدە بولغان، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ سۆزى.

ئىككىنچى: بۇ ئىش قىيامەتكىچە دۇرۇس بولغان گۆرۈگە قويۇش  ئىشلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت دىنغا ياردەم بېرىشتۇر، دىنغا ياردەم بولىدىغان ئىشلارنى كۆپچىلىك ئالىملار دۇرۇس دەپ قارايدۇ، بۇ ھەم شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى قەييۇمنىڭ قارىشىدۇر.              

بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى كۆپ بولۇپ، سۆزنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىدەك: كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلاردا جازانى شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ دەلىلى توغرا ئەمەس، چۈنكى جازانىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا سۆزلەنگەن  دەلىللەرنىڭ ھۆكمى ئومۇم بولۇپ، ھارام قىلىنغان نەرسىنى مەلۇم ۋاقىتتا، مەلۇم ئورۇندا، مەلۇم كىشىلەرنىڭ قوللىنىشى توغرا بولمايدۇ. (بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ تەپسىلى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ پىقھى كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلسۇن)، ئاللاھ تائالادىن مۇسۇلمانلارنى چىرايلىق شەكىلدە دىنغا قايتۇرۇشىنى سورايمىز.  

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.  

 

Go to the Top