ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: قۇربانجان ئابدۇلكەرىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: بىر كىشى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، دوختۇر ئۇ كىشگە دىئاگنۇز قويۇش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغان ھاياتىدىن بىرقانچە كۈنلا قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلغان بولسا، ئۇ بىمارنىڭ بۇ ھالەتتە قىلغان تەۋبىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-05-11
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/207216
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى
467 KB
: ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى

 

9393-نومۇرلۇق سوئال

سۇئال :

بىر كىشى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، دوختۇر ئۇ كىشگە دىئاگنۇز قويۇش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغان ھاياتىدىن بىرقانچە كۈنلا قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلغان بولسا، ئۇ بىمارنىڭ بۇ ھالەتتە قىلغان تەۋبىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاپ:

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ مادامىكى ئەقلى - ھوشى جايىدا بولغان ئېكەن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئىنساننىڭ ئەجىلى ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان زاتنىڭ قولىدا بولۇپ، دوختۇرلار كىسەل تارىخى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ تەخمىن قىلىپ گۇمان بىلەن ئېيتىدۇ، بەلكى ئۇ ئىنسان شىپالىق تېپىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن.

ھەتتا دوختۇر سىزنىڭ كۆرىدىغان كۈنىڭىز بىرقانچە كۈنلا قالدى دېگەن بولسىمۇ  ئىككىلەنمەستىن نىيىتىنى دۇرۇس قىلىپ ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا تىزدىن ئالدىرىشى كېرەك. جانابى ئاللاھ بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئىي مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار جانابى ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار» نۇر  سۈرىسى31- ئايەت.

يەنە بىر ئايەتتە: «تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن» دېگەن. تاھا سۈرىسى 81- ئايەت.

بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جانابى ئاللاھ بەندىسىنىڭ ئەجىلى توشۇپ جان تالىشىشتىن ئىلگىرى قىلغان تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ».

ئاللاھ ھەممىمىزنى تەۋبە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

پەزىلەتلىك شەيخ مەرھۇم شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى ناملىق ئەسىرى 9- توم 437- بېتىگە قارالسۇن.    

 

 

Go to the Top