الزواج المؤقت

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الزواج المؤقت
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: شخص طلب أن "نتزوج زواجا مؤقتا". وقد بحثت عن شرح لمعنى هذا الزواج المؤقت. إنني أشعر بعدم المعرفة بهذا الموضوع وأرجو منكم أن توضحوه لي وما حكم هذا الزواج؟.
تأريخ الإضافة: 2009-05-10
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/207164
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا
509.5 KB
فتح: ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا.doc
نبذة موسعة

 

ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا

 

2377-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن يېقىندا بىر يىگىت بىلەن تونىشىپ قالدىم،  ئۇ كىشى ماڭا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مەن بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈردى. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلۇقنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۈچۈن "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" نى مەندىن تەلەپ قىلدى، مەن بۇ تۈردىكى نىكاھلىنىشنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدەندىم.

مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ھەمدە توي قىلىش رىغىبىتىممۇ بار، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە قارايدىغان بولسىڭىز بىز ئىككىمىز خۇددى ھەقىقى توي قىلغانلاردەكلا كۆرىنەتتۇق، مەن ھەم شۇنداق ھېس قىلاتتىم. لېكىن مېنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتىم يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەردىن بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

 

جاۋاپ:

بارچە ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسلام شەرىئىتىدە "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" دەيدىغان نىكاھ يوقتۇر. قانداق بىر مۇسۇلمان كىشى، بۇ خىلدىكى ئاتالمىش نىكاھ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولسا، نىكاھى باتىل بولۇپ ئۇ كىشىگە شەرىئىتىمىزدە زىناخۇرغا بەلگىلەنگەن جازا بېرىلىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر  ۋاقىتتا "ۋاقىتلىق نىكاھ" بىلەن نىكاھلانغان كىشى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىنسە ئۇنىڭغا دەررە ئۇرغان بولاتتىم» .

لېكىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بەزى ئېزىپ كەتكۈچى ئىنسانلار تا ھازىرغىچە نىكاھ مۇتئە (يەنى ھۇزۇرلىنىش نىكاھى) يەنى ئۇ بولسا "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" نىڭ بىر تۈرى دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىچە دۇرۇس دەپ قارىشىدۇ. ئەكسىچە بۇ خىلدىكى نىكاھ ئىسلام شەرىئىتى نىكاھ قانۇنىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قىلىنغان (يەنى بىكار قىلىنغان).

ئۇ تۇردىكى ئىنسانلار خاتا پىكىردىكى كىشىلەر بولۇپ، سىزنىڭ ھەق يولدا مېڭىشىڭىزغا ھېسسىياتىڭىز توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھىلى-مىكىرلىرىدىن يىراق بولىشىڭىز كېرەك.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر .

 

 

Go to the Top