كېچە ۋە تائەت-ئىبادەت

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: كېچە ۋە تائەت-ئىبادەت
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 21/4/1430 ھـ / 2009-يىلى04-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا كېچە، ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى چەكسىز كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە زاتلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ۋاقىت ئىكەنلىكى، كېچىنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۇرگۇزۇش يەككە-يىگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى، كېچىدە قىلىنغان نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-25
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/205498
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
كېچە ۋە تائەت-ئىبادەت
334.5 KB
: كېچە ۋە تائەت-ئىبادەت.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

كېچە ۋە تائەت- ئىبادەت

 

2009-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا «ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمان-زېمىن، كېچە-كۈندۈزلەرنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلىرى» توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاسمان-زېمىننى ئۇلارغا لايىق كىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن زىننەتلىدى. كېچە ۋە كۈندۈزنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئىككى ئالامەت قىلدى. كېچىنىڭ ئالامىتىنى يوشۇرۇن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى ئاشكارا قىلدى. كېچىنى كۈندۈز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەردىن بىرى قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋىتىمىز-دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز-دە)ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ». ئاللاھ تائالا كۈندۈزنى ئوراپ، كىشىلەرنى بىئارام قىلماستىن تەدرىجى قاراڭغۇلىشىۋاتقان، قۇياشنى ئورىغان، قاراڭغۇلۇقى بىلەن پۈتۈن خالايىقلارنى يۆگىگەن، قاراڭغۇ-زۇلمەتتە تىمتاس بولغان، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن ۋە ئۆتۈپ كەتكەن كېچە  بىلەن قەسەم قىلدى. بۇ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئاللاھنىڭ يەككە يېگانە كاتتىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئوچۇق ئالامەتتۇر. ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدۇر. كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىنىڭ مۇستەھكەم، كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق پاكىتى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى بىرلەشسىمۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرۇشتىن ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ كېچە-كۈندۈزنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەدبىرىنى ئىنسانلار بىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇنى ئويلىنىش ئىنساننى ئاللاھغا كۆپلەپ زىكىر-تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ئىبادەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ ھەقىقەت ئىنسانلارنىڭ ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

كېچىدە ئوقۇلغان نەپلە نامازلار كۈندۈزدە ئوقۇلغان نەپلە نامازدىن ئەۋزەل بولىدۇ. كېچىدە قەلبلەر ئاللاھغا بەكراق باغلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھغا كۆپلەپ تەسبىھ ئېيتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەسسىلەپ دۇرۇت ئېيتىش ئۈمىد قىلىنىدۇ. كېچە بولغاندا دىلىدا نىپاق بولغانلارغا ئىبادەت قىلىش قىيىن بولىدۇ، خۇپتەن بىلەن بامدات نامازنى ئوقۇش ئېغىر كېلىدۇ. ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر كېچىدە ئاز ئۇخلايتتى، كېچىدە ۋىتىر نامىزى بولۇپ ئاللاھ بۇنى ياخشى كۆرىدۇ، كېچىنىڭ ئاخىردا ئوقۇلغان ناماز قىيامەتتە گۇۋاھ بولىدۇ. كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇسا يىرىم كېچىگىچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغا، بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا پۈتۈن كېچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. كۈن پاتقاندىن تارتىپ تاڭ يورۇغىچە بولغان ئارىلىقتا دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھەر كىشى ئاللاھتىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە ئاللاھ تائالا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ كىم دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىمەن، سورىسا بېرىمەن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا كەچۈرۈم قىلىمەن دەيدۇ. بۇ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان ۋاقىتتۇر.

    بامدات نامىزى كېچە بىلەن كۈندۈز پەرىشتىلەرىنىڭ توپلىشىدىغان ۋاقتىدۇر، قۇرئانمۇ كېچىدە چۈشكەن، قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى كېچىدۇر، كېچىلەرنىڭ ئارىسىدا مىڭ ئايدىن ياخشىراق بىر كېچە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ رامىزان ئېيىدىكى قەدىر كېچىسىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مىراجغا كېچىدە ئىلىپ چىقىلغان. كېچىدە سەپەر قىلغۇچىلارغا زېمىن قاتلىنىدۇ. كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ. كىمىكى كېچىدە سۈرە بەقەرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ. كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە شەيتانلار ئەتراپقا تارقىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە كىچىك بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىشتىن چەكلىگەن، زاۋال ئۆتۈپ بىر ئازدىن كىيىن چىقىشقا بۇيرىغان.

كېچىنىڭ ئۇيقۇسى ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتى بولۇپ، باي-كەمبەغەل ھەممىسى ئۇيقۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن  ھەممە جاينى ئۇخلاشقا لايىق قىلدى، ھەممە جانلىقلار بەدەل تۆلىمەستىن ئۇخلاشقا قادىر بولالايدۇ. ئۇيقۇ دېگەن مۇساپىرنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغان يۈك تاقىسى ئەمەس، كەمبەغەل سېتىۋېلىشقا قادىر بولالماي بىئارام بولىدىغان قىممەتلىك بۇيۇم ئەمەس، ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلار كۆتۈرۈشتىن ئاجىز كېلىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس، كۆز يۇمۇلغاندا روھ كۆتۈرىلىدۇ، جەسەت تېنچ راھەتلىنىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇۋۋىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇيقۇ ئارقىلىق ئۆلتۈرىدۇ، كىيىن خالىغان ۋاقىتتا ئويغىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۇخلىمايدۇ-مۈگدىمەيدۇ، ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە جانلىقلار دائىم ئاللاھدىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئۇخلىمايدۇ، ئۇخلاش ئاللاھغا لايىق ئەمەس، بەندىلەرنىڭ رىزقىنى ھەر كىمنىڭ ئۆز ھالىغا يارىشا بەلگىلەيدۇ، كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرىدىن ئىلگىرى كېچىنىڭ، كېچىنىڭ ئەمەللىرىدىن ئىلگىرى كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرى توغرا قىلىنىدۇ». شەيتان كىشىلەرنى  ئۇخلىغاندا قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، كىمىكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇپ ياتسا تاڭ ئاتقىچە ئۇنى ئاللاھ  ئۆز پەزلى بىلەن شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ.

ياخشى چۈش ئاللاھ تەرىپىدىن، ئارىلاشما چۈشلەر شەيتاندىن بولىدۇ، كىمكى ياخشى چۈش كۆرسە ئاللاھغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسۇن، يامان چۈش كۆرسە بۇ شەيتاندىن بولۇپ چەپ تەرىپىگە ئۈچنى تۈپلىۋېتىپ ئوڭ تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ياتسۇن، بۇ چۈشنى ھېچ كىمگە سۆزلەپ بەرمىسۇن، شۇنداق قىلسا بۇ چۈشنىڭ زىيىنى بولمايدۇ. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانغا ئۆلۈم ئەسلىتىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتدا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: «مېنى ئۇيقۇدا ۋاپات قىلدۇرساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن». ئىنسان ئۇخلىغاندا شەيتان ئۇنىڭ گەردىنىگە ئۈچ چىگىك چىگىدۇ ۋە كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ ئۇيقۇغا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئەگەر ئويغۇنۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا بىر چىگىك يېشىلىدۇ، تاھارەت ئالسا يەنە بىر چىگىك يېشىلىدۇ، ناماز ئوقۇسا ھەممە چىگىك يېشىلىپ جۇشقۇن روھلۇق قوپىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا روھسىز ھورۇن ھالەتتە قوپىدۇ.

ئۇيقۇدىن سالامەت ئويغۇنۇشمۇ ئاللاھغا شۈكۈر ئېيتىلىدىغان نېمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويغانغان ۋاقىتتا: «بىزنى ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتۇرۇلىمىز» دەيتتى. ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا زىكىر ئېيتىپ دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ، ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى كېچىدە ئويغانغاندا: ئاللاھ بىر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، بارلىق پادىشاھلىق ۋە ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھەمدۇ-سانا ئاللاھغا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ پاكدۇر، ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، ئاللاھسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر دەپ، ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ياكى دۇئا قىلسا دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ. تەرەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا نامىزى قوبۇل قىلىنىدۇ»، كىمىكى كېچىدە تۇرماستىن بامداتقىچىلىك ئۇخلىسا ئۇنىڭ قۇلىقىغا شەيتان نىجاسەت قىلىپ قويىدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغان كىشى بىسمىللاھ دەپ قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىۋەتسۇن، چۈنكى شەيتان ئۇنىڭ دىمىغىدا ئارام ئالىدۇ.

ھەقىقىي بەختلىك كىشى ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ، ئەڭ ياخشى ۋاقىتلارنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدۇ، كېچىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ناچار ئەمەللەردىن يىراق بولۇش بىلەن تاماملايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋرى قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللانىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم شەك-شۈبھىسىزكى، ئۆزىگە ئۆزى  زۇلۇم قىلغۇچىدۇر(ئاللانىڭ نېمەتلىرىگە)كۇپۇرلۇق قىلغۇچىدۇر».

 

 

Go to the Top