پەزىلەتلىك شەيخ سەپىييۇررەھمان مۇبارەكفورى

مەشھۇر كىشىلەر تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: پەزىلەتلىك شەيخ سەپىييۇررەھمان مۇبارەكفورى
قىسقىچە چۈشەنچە: سەفىييۇر رەھمان مۇبارەك فورى 1943- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندىستاننىڭ ئەئزەم كاتا ئۆلكىسى مۇبارەك فورى ۋىلايىتى ھۇسەين ئاباد كەنتىدە ئەنسارى جەمەتى نامى بىلەن تونۇلغان ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن (ئاپتور ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا بۇ جەمەتنى ئۇلۇغ ساھابە ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ ئەۋلادى دەپ يازىدۇ). 1948- يىلىغا قەدەر ئائىلىسىدە قۇرئاندىن دەسلەپكى ساۋادىنى چىقارغان. 1948- يىلى مۇبارەكفور دارۇل تەئلىمگە ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ مەكتەپتە ئىپتىدائى ئوقۇشلۇقلارنى تاماملىغاندىن سىرىت مەلۇم دەرىجىدە پارس تىلىنى ئۆگەنگەن، 1954- يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مۇبارەكفور ئىھيائۇلئۇلۇم  مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئەرەب تىلىغا ئائىت نەھۋە (گرامماتىكا) سەرف (مورفولوگىيە) قاتارلىق پەنلەردە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولغان. 1956- يىلى مۇبارەكفوردىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىئو شەھىرى پەيزىئام مەكتىپىگە يۆتكىلىپ ئوقۇغان. بۇ مەكتەپتە 1961- يىلىغا قەدەر ئەرەب تىلى قائىدىلىرى، دىن شەرىئەت ئىلىملىرى بويىچە سىستېمىلىق بىلىم ئىگىلىگەن ۋە 1961- يىلى  پەزىلەت (يەنى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە پەتىۋا بېرىش دەرىجىسىگە يەتكۈچى) ئۈنۋانى بىلەن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئاپتور سەفىييۇر رەھمان مىئو، دىن-شەرىئەت مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىلمى ئۈنۋان باھالاش كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ 1959- يىلى «مەۋلىۋى» لىك ئۈنۋانىغا 1960- يىلى «ئالىم»لىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئاللاھ ئاباد نىفپور قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردە تەلىم-تەربىيە، دىنىي دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1963- پەيزى ئاباد مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان ئىككى يىلدىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئائىلىسىگە قايتقان ۋە يەنە بىر يىلدىن كېيىن 1966-يىلى فېۋرالدا ئۆلكىلىك ئەئزەم كاتتا «ئىرشاد» (ھىدايەت) ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان، ئۇ يەردىن مىئو دارۇلھەدىس كە ئەۋەتىلگەن ۋە مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇ بۇ جەرياندا يەنى 1967- يىللىرى ۋە 1968- يىللىرى ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ئىسرائىلىينىڭ پەلەستىننى يوتۇۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە 1967- يىلى 8- ئايدا ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن كېڭەش يىغىنىغا ھىندىستانلىق ئىككى ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ قاتناشقان. 1969- يىلغا كەلگەندە ئىچكى تاشقى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ مەكتەپتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىدىن ئىستىپا بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن بارادىش ئۆلكىلىك پەيزۇل ئۇلۇم (ئىلىم نۇرى) ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ مىئو شەھىرىدىن 700 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سىئون شەھىرىگە بېرىپ پەيزۇل ئۇلۇم ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم جەمئىيەت ۋە مەكتەپ ئىچىدە دىنى دەۋەت ئىلمى لېكسىيسى سۆزلەپ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ دىنىي، ئىقتىسادىي، سودا-تىجارەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە 1972- يىلى يۇرتى مۇبارەكفورغا قايتىپ ئانا مەكتىپى دارۇتتەئلىم مەكتىپىدە تەلىم-تەربىيە يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974- يىلى ھىندىستان بىنارس سەلەفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش مۇدىرى مۇبارەكفور دارۇل تەئلىم مۇدىرىغا ئىلتىماس قىلىپ سەفى رەھماننى سەلەفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇدەرىسلىككە يۆتكىگەن. ھازىر ئۇ مۇشۇ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇدەررىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. مۇئەللىپ سەفىييۇررەھمان بۇ جەرياندا ئۆگۈنۈشنى توختىتىپ قويمىغانغا ئوخشاش، ئەسەر يېزىش ۋە تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىنىمۇ تاشلاپ قويمىغان. ئۇ 18 پارچە كىتاب يازغان ۋە بىرنەچچە پارچە ماقالە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. 1976 يىلى ئەرەب ئەدەبىي پەنلىرى بويىچە ئىمتىھان بېرىپ ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2007-06-20
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/20459
بۇنىڭغا ئالاقىدار ماۋزۇلار ( 7 )
Go to the Top