الصداقة والعشق بين الرجل والمرأة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الصداقة والعشق بين الرجل والمرأة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: أنا شاب عمري خمسة عشر سنة، وأعلم بأن اتخاذ عشيقة قد يدمر العائلة، ولكن ماذا إذا كنا أصدقاء بالسر فقط ولا يدري بنا أحد، وبهذه الطريقة أضمن أن نبقى سويّاً ولا نقترف جريمة الزنا حتى موعد الزواج. ما حكم هذا العمل، وهل هناك حالة كهذه في قصص الحب القديمة ؟
تأريخ الإضافة: 2009-04-12
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/204235
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش
426 KB
فتح: قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش.doc
2.
قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش
120.6 KB
فتح: قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش.pdf
نبذة موسعة

 

قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش

 

20949- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن ئون سەككىزگە ياشقا كىرگەن بىر ياش، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنىڭ كەلگۈسىدە ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇچى بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن توي بولغۇچە زىنادىن خالى، باشقىلاردىن مەخپى تۇتقان ھالدا مۇھەببەتلەشسەك بولامدۇ؟. بۇرۇنقى ئىشقى-مۇھەببەت قىسسىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بولغانمۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇھەببەتلىشىش پەقەت ئائىلىنىلا ۋەيران قىلىپ قالماستىن بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ۋەيران قىلغۇچى ئامىل، بۇنداق قىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ قاتتىق ئازاب ۋە ئىنتىقامنى ۋەدە قىلغان، مۇھەببەتلىشىش ئىنساننىڭ قەلبىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ئۇ مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنى زىنا ۋە يولدىن چىقىشقا يېتەكلەيدۇ، شەيتان  داۋاملىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەرگە تاكى ئۇلار يولدىن چىقىپ زىناغا  قەدەم قويغۇچە بولغان يولنى تەييارلاپ بېرىدۇ، ئاندىن مۇھەببەتلەشكۈچىلەر زىنا ئارقىلىق ئۆز مەقسەتلىرىگە ئېرىشىدۇ.

مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان چەكلەنگەن ئىشلار سادىر بولىدۇ، مەسىلەن: كىشىلەرنىڭ يۈز ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، خىلۋەت جايلاردا بىللە بولۇش، بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇش، ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىش، سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش ئاخىرىدا زىنادىن ئىبارەت بولغان بۇ قەبىھ قىلمىشنى قىلىشقا قەدەم قويۇش. سىزنىڭ باشقىلاردىن مەخپى ھالدا دېگەن گېپىڭىز تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك بىر گەپ، ئەجەبا ئاللاھ سىزنىڭ قىلغان ئشىڭىزدىن غاپىلمۇ؟!، ئاللاھ ئاشكارە -يوشۇرۇن ئىشلارنى، كۆزنىڭ خىيانىتى

ۋە قەلبتىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر.

سىزگە شۇنداق نەسىھەت قىلايكى! سىز ياشلىقىڭىزنىڭ قەدرىنى بىلىپ، نەپسىڭىزنى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىشتا ئاللاھتىن قورقۇڭ.

قىيامەت كۈنىگە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھازىر بولۇشقا تەييارلىق قىلىڭ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ رەسۋاچىلىقىنى ئويلاڭ.

سىز شۇنى بىلىشىڭىز لازىمكى، سىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىڭىز بولىشى، كەلگۈسىدە ئايالىڭىز ۋە قىزلىرىڭىز بولىشى مۇمكىن، ناۋادا شۇلارنىڭ بىرەرسى سىز ھىلە-مىكىر قىلىۋاتقان ۋە مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزدەك ئورۇندا بولۇپ قالسا سىز رازى بولارسىزمۇ؟!، مېنىڭچە سىز بۇنىڭغا قەتئى رازى بولمايسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش سىزدىن باشقا كىشىلەرمۇھەم ئوخشاشلا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قىلمىشىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى ئاچا-سىڭىل ۋە قىزلىرىڭىزدا كۆرۈلۈپ قالسىچۇ؟، سىز ئەڭ ياخشىسى، سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇپ، ئۆزىڭىزنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندۇرۇڭ. رەزىل چېرىك ئىشلارنى تەرىك ئېتىپ ئالىيجاناب ئىشلارغا يۈزلىنىڭ. قىممەتلىك ياشلىقىڭىزنى ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش، ئېلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش يولىغا سەرپ قىلىڭ. سەمىڭىزگە سېلىپ ئۆتەي، ئەينى ۋاقىتتا سىز بىلەن يېشى تەڭ سىزدىن كىچىك ساھابىلار قۇرئان يادلايتتى، ئېلىم ئۆگىنەتتى، ئاللاھ يولىدا دەۋەت قىلاتتى.

بىز سىزگە؛ سىزنى ئاللاھنىڭ تائەت - ئىبادىتىگە رىغبەتلەندۈرۈپ، بالىلىرىڭىزنى دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەيدىغان، دىندار قىز تاللىشىڭىزنى نەسىھەت قىلىمىز. سىز ئۆزىگە يات بولغان بىرسى بىلەن سىرتلارغا چېقىپ ئۇچرىشىپ، گەپلىشىشكە رازى بولغان قىزنى تەرىك ئېتىڭ. يات ئەر بىلەن دوستلۇق سايىسى ئاستىدا بىنورمال ئارىلىشىشقا رازى بولغان قىزنى كەلگۈسىدە نېمە توسۇپ قالالايدۇ؟. يۇقىرىقى ئىش-ئەمەللەر سەۋەبلىك سىزگە ئاللاھنىڭ غەزىپى كېلىپ قىلىشنى ئويلاڭ.

سىز شۇنداقلا زىنانىڭ پەقەت ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسى ئارقىلىقلا  بولماستىن، بەلكى كۆز، قۇلاق، قول-پۇتلارمۇ زىنا قىلغۇچى ئەزالار قاتارىدىندۇر. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ھەدىسلىرىدە ئېيتقاندەك، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقى زىنانىڭ تەييارلىق باسقۇچى بولۇپ قالىدۇ. شەيتاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەڭ، ئۇ بولسا سىزنىڭ چوڭ دۈشمىنىڭىزدۇر، ئۇ سىزنى پاھىشىگە بۇيرۇپ سىزگە يامانلىقنى خالايدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين مۇنداق دېگەن: ئىككى مۇھەببەتلەشكۈچىنىڭ شەرىئەت يول قويمىغان ھالەتلەردە باردى-كەلدى قىلىشىنىڭ ئۆزى چوڭ بالايۇ-ئاپەت، مۇشۇنداق ھالەتلەردە ئەر بىلەن ئايالنىڭ باردى- كەلدى قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر مەلۇم بىر كىشى مەلۇم بىر ئايال بىلەن توي قىلىش نىيىتىدە بولىدىغان بولسا ئۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆز ئويىنى بىلدۈرۈشى ياكى ئۇ ئايال ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆز خىيالىنى بىلدۈرۈشى لازىم. خۇددى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز قىزى ھەپسىنى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆيلەندۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەنگە  ئوخشاش. ئەمما ئايال كىشى ئەر كىشى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى پىتنە-پاساتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئەمدى سىزنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببەت قىسسىلىرىدە مۇشۇنداق ئىشلار بولغانمۇ؟ دېگەن سوئالىڭىزغا كەلسەك، بۇرۇنقى مۇھەببەت قىسسىلىرىدىكى رىۋايەتلەر شەرئى ھۆكۈمگە دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى ھارام ۋە مۇباھ ئىشلارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم مۇھەببەت قىسسىلىرىدە كەلتۈرۈلگەن رىۋايەتلەر بولسا، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى چاغلاردىلا بار ئىدى، بۇنىڭغا ئوخشاش قىسسىلەر باشقا مەدەنىيەت ۋە ھازارەتلەردىمۇھەم ئۇچرايدۇ، بۇنىڭدىن ھېچقانداق بىر شەرئى ھۆكۈم ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام كىشىلەرنىڭ ئۆز نەپسىنى شەھۋەت خاھىشىدىن ساقلاپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تەرغىب ۋە تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئاللاھتىن سىزگە ھىدايەت ۋە ياخشىلىق تىلەيمىز.


 

 

Go to the Top