ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ دۇۋەيش
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن 21 ياشلىق بىر قىز، شەيتانى ھەۋەسلىرىم مېنى ناھايىتى بىئارام قىلىۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبلىك مىنى ھەيرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالدى، ھۆرمەتلىك  ئۇستاز قانداق قىلىپ بۇ شەھۋانىي ھەۋەسلەردىن قۇتۇلالايمەن؟، بۇ ھەقتە مەسلىھەت ۋە نەسىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-03-28
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/199645
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك توغرىسىدا
366 KB
: ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك توغرىسىدا.doc
2.
ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك توغرىسىدا
102.3 KB
: ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك توغرىسىدا

 

20161-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن 21 ياشلىق بىر قىز، شەيتانى ھەۋەسلىرىم مېنى ناھايىتى بىئارام قىلىۋاتىدۇ، مىنى ھەيرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالدى، ھۆرمەتلىك  ئۇستاز قانداق قىلىپ بۇ شەھۋانىي ھەۋەسلەردىن قۇتۇلالايمەن؟، بۇ ھەقتە مەسلىھەت ۋە نەسىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

شەھۋەت ئىنسانلار تەبىئىتىدىكى خاسلىق بولۇپ بۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، مۇسۇلمان بۇنىڭدىن تولۇق قۇتۇلۇشى تەلەپ قىلىنماستىن، بەلكى شەھۋەتنى ھارامغا سەرپ قىلىشتىن چەكلىنىپ، ئاللاھ ھالال قىلغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ياشلاردا يۈزبېرىۋاتقان شەھۋەت ئىغۋاگەرچىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل يول بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ:

بىرىنچى: ئۆز نەپسىدە شەھۋەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئامىللارنى ئاجىزلاشتۇرۇش. بۇ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ:

1-ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىلەرگە قارىماسلىق. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن» سۈرە نۇر 31-ئايەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئارقا-ئارقىدىن قارىمىغىن، دەسلەپتە قاراپ سالغىنىڭغا ھېچگەپ بولمىغىنى بىلەن، ئىككىنچى قېتىم قارىشىڭ توغرا ئەمەس». چەكلەن جايلارغا قاراشنىڭ مەنبەسى كۆپ بولۇپ بۇنىڭدىن: ئەرلەرگە بىۋاستە قاراپ گۈزەللىك تەرەپلىرىنى خىيال قىلىش، گېزىت-ژۇرنال ۋە كىنو-پىلىملاردىكى ئەرلەرنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

2- جىنسى ۋەقەلەر مەقسەت قىلىنىپ يېزىلغان ھېكايە-چۆچەكلەرنى ئوقۇماسلىق،  ئەخلاقسىزلىققا تەرغىب قىلىدىغان تور بېكەت ۋە چايخانا، مۇنازىرە مەيدانلىرىغا كىرمەسلىك.

3-ئەخلاقسىز ئىنسانلاردىن يىراقلىشىش.

4- شەھۋەتنى قوزغايدىغان پىكىر-خىياللارنى كۆپ قىلماسلىق، بۇ خىل پىكىرنىڭ داۋاملىشىشى ئىنساننى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشىغا ئۈندەيدۇ.

5-ۋاقىتنى پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىش، چۈنكى بىكارچىلىق ئىنساننى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

6-قىز-يىگىتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا كۆپ بارماسلىق.

7-ئايرىم مەكتەپلەر بولمىغاندا ھالدا، قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە قىزلار ئىپپەت-ھايالىق كىيىنىپ، ئوغۇللار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشتىن ساقلىنىش، ئەخلاقلىق قىزلار بىلەنلا ئارىلىشىپ ئۆتۈش كېرەك.

ئىككىنچى: ئىنسان ئۆز نەپسىنى شەيتاننىڭ يوللىرىغا مېڭىشتىن چەكلەيدىغان ئامىللارنى كۈچلاندۇرۇشى كېرەك. بۇ تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ:

1- ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى كۈچلاندۇرۇپ، ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ساغلام ئىمان، نەپسىنى ئالى ھېممەتگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئىگىسىنى شەيتانى قۇتراتقۇلۇققا قارشى تۇرالايدىغان بۈيۈك خىسلەتكە يېتەكلەيدۇ.

2- نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇش: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياشلارغا تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ياشلار! سىلەردىن توي قىلىشقا قۇربىتى يېتىدىغانلار توي قىلسۇن، توي قىلىش ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قۇربىتى يەتمىگەنلەر روزا تۇتسۇن، روزا ئۇ كىشىنى ھارامدىن چەكلەيدىغان قالقان بولىدۇ». (بۇ ھەدىس ياش قىز-يىگىتلەرگە ئومۇمى خىتاب)

3-ئىرادىنى كۈچەيتىپ، نەپىسىنى بويسۇندۇرغاندا ئىنساندا ئەزالىرىنى كونترول قىلالايدىغان ئېمونت كۈچى پەيدا بولىدۇ.

4- ئاللاھنىڭ سالىھە ئاياللارغا تەييارلىغان نېمەتلىرىنى ئەسلەش كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋىر قىلغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھدىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھدىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاپ تەييارلىدى».

5-تارىختا ئۆتكەن، ئۆز ئەۋرەتلىرىنى ساقلىغۇچى تەقۋادار ئاياللارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇپ چىقىشى ۋە پىكىر قىلىشى كېرەك. مەريەم ئاللاھ ماختىغان ئاياللاردىن بولۇپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ نۇمۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق، دەم ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىساغا ھامىلدار بولدى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە نازىل قىلغان كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھغا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى».

6-سالىھە تەقۋادار قىز-خانىملار بىلەن ئارىلىشىش، كۆپرەك ۋاقتنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ياردەمچە بولالايدۇ.

7-ۋاقىتلىق شەھۋەتنىڭ لەززىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان دەرت-ئەلەم، ھەسرەت-نادامەتكە، سەۋرچانلىق بىلەن نەپسىنى يېغىپ، ھاۋايى-ھەۋەستىن غەلبە قىلغاندىن كېيىنكى لەززەتنى سېلىشتۇرغاندا،  ھارام يول بىلەن لەززەتلەنگەندىن، نەپسىنى بويسۇندۇرۇپ شەھۋەتتىن غەلبە قىلغاندىن كىيىنكى لەززەتنىڭ كاتتا ۋە بۈيۈك ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.

8- ئاللاھدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىش كېرەك، قۇرئان-كەرىم بىزگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن يۈسۈپ ئەلەيھسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: «يۈسۈپ:«ئى پەرۋەردىگارىم!ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۈر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، ئىنسانچىلىقتا ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى. پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈپتىن دەپئى قىلدى، ئاللاھ ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» سۈرە يۇسۇپ 33-ئايەت.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top