نكاح التحليل حرام وباطل

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: نكاح التحليل حرام وباطل
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: طلق صديقي زوجته الطلقة الثالثة، فهل لي أن أتزوجها ثم أطلقها حتى ترجع إلى زوجها الأول؟
تأريخ الإضافة: 2009-03-16
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/195839
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ھالاللاش نىكاھى ھارام ۋە باتىل
377.5 KB
فتح: ھالاللاش نىكاھى ھارام ۋە باتىل.doc
2.
ھالاللاش نىكاھى ھارام ۋە باتىل
111.5 KB
فتح: ھالاللاش نىكاھى ھارام ۋە باتىل.pdf
نبذة موسعة

 

ھالاللاش نىكاھى ھارام ۋە باتىل

 

109245- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

دوستۇم ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغانتى، مەن ئۇ ئايالنى نىكاھىمغا ئىلىپ، ئاندىن بىرىنچى ئېرى بىلەن يارىشىۋېلىشى ئۈچۈن قويۇپ بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب:

ئەر ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئايال باشقا بىرىگە ياتلىق بولۇپ ئايرىلمىغىچە بۇ ئايال بىرىنچى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەر ئايالىنى (ئۈچ قېتىم) تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايال باشقا بىرىگە ياتلىق بولمىغىچە بىرىنچى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ» بەقەرە سۈرىسى 230- ئايەت.

بۇنداق نىكاھتا نىكاھنىڭ توغرا، دۇرۇس بولىشى شەرت. ئەمما ئايالنى ئېرىگە تەھلىل قىلىدىغان ۋاقىتلىق نىكاھ ھارامدۇر. بۇنداق نىكاھتا ئايال ئىككىنچى ئېرىدىن ئايرىلىپ بىرىنچى ئېرىگە نىكاھلانماقچى ياكى ئەرمۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تالىقىنى بېرىشكە ماقۇل بولۇپ نىكاھىغا ئالغان بولسىمۇ نىكاھ چۈشمەيدۇ. چۈنكى نىيەت تەھلىل قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق نىكاھ باتىلتۇر. ئەلمۇغنى 10-توم 49-55 بەتلەرگە قاراڭ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپلىگەن ھەدىسلىرى تەھلىل نىكاھىنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق سۆزلىگەن. ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان 2076- بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەھلىل قىلغۇچى ۋە تەھلىل قىلدۇرغۇچىغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن»دېگەن. ئەلبانىي بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. تەھلىل قىلغۇچى ئۇ ئايالنى تەھلىل نىيىتى بىلەن نىكاھىغا ئالغان ئادەم، تەھلىل قىلدۇرغۇچى دېگەن ئايالنىڭ بىرىنچى ئېرىدۇ. بۇ ئىككىسىگە لەنەت قىلىنغان.

ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ئارىيەت ئېلىنغان بىر تىكىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسا، تەھلىل قىلدۇرغۇچىدۇر. تەھلىل قىلدۇرغۇچىغا ۋە تەھلىل قىلغۇچىغا ئاللاھ تائالا لەنەت قىلغان» ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنبەردە تۇرۇپ، «ماڭا تەھلىل قىلغۇچى ۋە تەھلىل قىلدۇرغۇچى كەلسە ئىدى، مەن ئۇلارنى رەجم قىلىشقا بۇيرۇيمەن»دېگەن.

تەھلىل قىلىپ بىرىنچى ئېرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى شەرت قىلغان بولسۇن ياكى شەرت قىلماستىن كۆڭلىدە نىيەت قىلغان بولسۇن ھەر ئىككى ھالەتتە ھارامدۇر.

ھاكىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە بىر ئادەم ئۆمەرگە: ”بىر ئايالنى ئېرىگە تەھلىل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن نىكاھىمغا ئالدىم. لېكىن بۇنى ئېرى بىلمەيدۇ“دېگەندە، ئۆمەر ياق. بولمايدۇ. نىكاھ دېگەن كۆڭۈل خالاپ قىلىدىغان نەرسە ياقتۇرساڭ تۇرمۇشىڭنى داۋاملاشتۇر، بولمىسا ئايرىلغىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىز مۇنداق قىلىقنى قانخورلۇق دەيتتۇق. ئۇلار بۇ خىل نىكاھ بىلەن يىگىرمە يىل بىرگە بولسىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ“ دېگەن.

ئىمام ئەھمەد بىر ئادەمنىڭ بىر ئايالنى بىرىنچى ئېرىگە تەھلىل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ئايالغىمۇ بىلدۈرمەستىن ئالغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ تەھلىل قىلغۇچىدۇر. بۇنىڭ بىلەن تەھلىلنى نىيەت قىلغانلا بولسا لەنەتكەردى بولىدۇ دېگەن.

شۇڭا سىزنىڭ ئۇ ئايالنى تەھلىل نىيىتى بىلەن ئېلىشىڭىز ھالال ئەمەس. بۇ چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. نىكاھ باغلانمايدۇ، بەلكى زىنا قىلغانلىق بولىدۇ.

 

Go to the Top