ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 9/3/1430ھـ 2009-يىلى03-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئاخىرەتتە كۆرۈلىدىغان نەتىجىسى، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇ زاتنىڭ قانۇن پرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، سەھابە كىراملار ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ تۇتقان يولىنى ھاياتتا ئۆرنەك قىلىپ، ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-03-09
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/194071
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى
365.5 KB
: ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى.doc
2.
ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى
150.4 KB
: ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى

 

2009-يىلى 03-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئسمى بىلەن باشلايمەن.

ئىمام ئاللاھ  تائالاغا ھەمدۇ - سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ يەكۈنى چىن قەلبىدىن پەرۋەردىگارغا بولغان ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىشتۇر، ساھابە كىراملارغا تىل ئۇزارتىش ئىمانغا دەخلى يەتكۈزىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ  توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمىلى دەلىلى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ھالقىمىغان ھالدا  ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئۈستىدە داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئىمانىنى داۋاملىق يېڭىلاپ كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئاقىللارنىڭ زېھنىدىن ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى، ئاللاھنىڭ زىكرى مىنۇت- سىكىنۇتمۇ غايىپ بولمايدۇ. ئىماننىڭ مىۋىسى ئاللاھ  مۆمىنلەرنىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم مۇھەببەت ئورنىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى قەلبىگە ئورنىغانلارنى ھېچقانداق كۈچ ياكى ئامىل ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن يىراقلاشتۇرالمايدۇ. ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى مۆمىنلەرنى ھەرقانچە ئېغىر بەدەل تۆلەش ۋە قۇربان بېرىشلەرگە توغرا كەلسىمۇ، ئۇ بەرداشلىق بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىدۇ. ئاللاھقا مۇھەببەت قىلغان كىشىدە شۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇكى، كىشىلەر ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مۇھەببەت قىلىدۇ. ئاللاھ زېمىن يۈزىدە پەزىلەت ئاتا قىلسا، ئاخىرەتتە ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن باشقا ئىنسانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

مەشھۇر تابىئىنلاردىن بولغان زەيد ئىبنى ئەسلەم مۇنداق دېگەن: "كىمىكى، ئاللاھدىن قورقۇپ  تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، كىشىلەر ئۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ. دۈشمەنلىرى يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقسىمۇ يول تاپالمايدۇ".

ئاللاھقا ھەقىقى رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاللاھقا مۇھەببەت قىلغان كىشىنى، ئاللاھ مۆمىنلەر ئارىسىدا مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولىدۇ. مۆمىنلەر ئارىسىدا مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغاندىن سىرت دوستلۇق، مۇھەببەت رىشتىسى كۈچىيىدۇ. ئاللاھ  ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرگەن، مۇھەببەت قىلغان كىشىگە ئاداۋەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئاللاھ  ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاداۋەت قىلغان بىلەن باراۋەردۇر. ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى ساغلام يول بىلەن ئۇلۇغلىغان كىشىنى ئاللاھ  ئۇلۇغلايدۇ. جۈملىدىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ساھابىلىرىغا تىل ئۇزارتىش، ئۇلارنى تەنقىدلەش، يامان تىللار بىلەن سۆكۈش ئىنساننى دىندىن چىقىرىدىغان كۇپۇرلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ  قۇرئان كەرىمدە ساھابىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر» سۈرە تەۋبە 100-ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ساھابىلارغا تىل ئۇزارتىشتىن مەنئى قىلغان ھەمدە ئىنسانلار ئىچىدە ھېچبىر كىشى ساھابىلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتەلمەيدىغانلىقى، ئەنسارىلارنى ياخشى كۆرۈش سەمىمىي ئىماننىڭ ئالامىتى ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈش بولسا مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى دەپ بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ياخشى كۆرۈش ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدۇر. ساھابىلار ھەققىدە ھېچقانداق مۇسۇلمان ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ. ساھابىلارنىڭ مۇھەببىتى قەلبتىكى ئىماندىن شاخلىنىدۇ. ساھابە كىراملارنى ياخشى كۆرۈش بولسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ساھابە كىراملار ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا بارلىق كۈچىنى سەپەرۋەر قىلغان، ئاللاھنىڭ دىنىنى، كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا جان ماللىرىنى پىدا قىلغانلاردۇر. يەنە كېلىپ ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە جىھاد قىلغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاس قىلىپ بارلىقىنى ئاتىغان زاتلاردۇر. ساھابىلار بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئۈلگە، يولباشچى رەھبەرلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقىغا  تىل ئۇزارتىش ھېچقانداق كىشىنىڭ ھەققى ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنى  ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆھبىتىگە مۇشەررەپ قىلغان. ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىنى ھاياتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ دۇنيادىن ئۆتكەنلەردۇر.

ئاللاھ  بىزلەرنى ئاللاھ  ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا مۇھەببەت قىلىدىغانلار قاتارىدىن قىلسۇن! ساھابە كىراملارنىڭ ماڭغان ئىزىدىن مېڭىشقا نېسىپ قىلسۇن ئامىن!.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 11 )
Go to the Top