جەننەت ۋە دوزاخ

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: جەننەت ۋە دوزاخ
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/3/1430 ھـ 2009-يىلى02-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا جەننەت ۋە دوزاختىكى ئەھۋاللاردىن چۈشەنچە بېرىپ، جەننەت ئەھلىگە بېرىلىدىغان نېمەتلەر ۋە سۈپەتلىرى، دوزاخ ئەھلىگە تېتىلىتىدىغان ئازابلار، جازا ۋە مۇكاپاتنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىشىغا كۆرە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-03-04
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/193867
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
جەننەت ۋە دوزاخ
371 KB
: جەننەت ۋە دوزاخ.doc
2.
جەننەت ۋە دوزاخ
154 KB
: جەننەت ۋە دوزاخ.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

جەننەت ۋە دوزاخ

 

2009-يىلى 02-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە جامائەتكە «ئىنسان ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك نېمەتتە ياكى دەھشەتلىك ۋە ئەلەملىك ئازابتا بولىدۇ » دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن باشقا مەڭگۈلۈك نېمەتلىنىدىغان ياكى دائىملىق دەرد-ئەلەم، ئازاب چېكىدىغان ھاياتلىق باردۇر. بۇ يېقىندا بولىدىغان ئىشتۇر. كىچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ داۋاملىشىشى ئىنسانلارنى مەلۇم بىر مۇددەتكە ئىلىپ بارىدۇ . ئەجەل بۇ دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ ئاخىرقى نىشانىدۇر . ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ، ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ» . ئۆلۈمنى ھېچقانداق كىشى ئىنكار قىلمايدۇ، مۆمىن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ ياشايدۇ، پاجىر-كاپىرلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ، نەتىجىدە دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىكىنى زىيان تارتىدۇ .

ھەقىقەتەن ئەمەللەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بىلەن دۇنيالىق ھاياتى ئىسلاھ بولىدۇ، ئەمەللەرنىڭ ناچار-قەبىھلىكى بىلەن دۇنيالىق ھاياتى ئۆزگىرىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە(دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە،  قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاپ بېرىمىز» . ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ھەقىقەتەن (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى» . بۇ سىناق دۇنياسى  ئۆز ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغان كىشى ئۈچۈن ياخشىلىق، شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ ئېزىپ كەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ھەسرەت نادامەت ئىلىپ كېلىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ» . يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار»، دۇنيادا بىر جەننەت بولۇپ كىمىكى ئۇنىڭغا كىرىدىكەن ئۇ كىشى ئاخىرەتتىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ . ئۇ بولسا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىسىدىن يېنىپ تائەت ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر . ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە جەننەت ئەھلىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر» . ئاخىرەتتە دەھشەتلىك دوزاخقا ئۆزىنىڭ نەپسىنى شەھۋەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن كىشىلەر كىرىدۇ . ھەدىس شەرىپتە: « جەننەت كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئەمەللەر بىلەن، دوزاخ ئىنساننىڭ نەپسى شەھۋىتى ياقتۇرىدىغان ئەمەللەر بىلەن قورشالغان» دېيىلگەن .

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ھالدا قىلىش بىلەن، ئاللاھتىن جەننەتنى تەلەپ قىلىڭلار . كىمىكى ئۆز ئەمەللىرىنى ئىخلاس بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن قىلمايدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ بەسلىشىپ ياخشىلىققا يەنىمۇ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن جەننەتنى گويا كۆز بىلەن كۆرگەندەك سۈپەتلەپ بەردى . بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى ئىسپاتلايدۇ: « جەننەتكە قەدەم بېسىشقا تەييارلانغانلار بارمۇ؟، كەبىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، جەننەتتە  ھېچقانداق خەتەر يوق، نۇرلار چاقناپ تۇرىدىغان، رەيھان گۈللەر يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان، كەڭرى كەتكەن قەسىرلەر، ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلار، مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر، رەڭمۇ-رەڭ كىيىملەرنى كىيگەن گۈزەل نازىنىن پەرىلەر تەييارلانغان، مەڭگۈلۈكنىڭ دىيارى بولغان، تىنچلىق، مولچىلىق، يېشىللىق، قەلبكە راھەت بېغىشلايدىغان، كۆزنى چاقنىتىدىغان نېمەتلەرنىڭ ماكانىدۇر . ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ! بىز ھەممىمىز جەننەتكە كىرىشكە تەييارمىز دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ خالىسا دەڭلار دېدى، ئۇلار: ئاللاھ خالىسا دېيىشتى» . ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جەننەتتىكى ئىمارەتلەرنى سۈپەتلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «جەننەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر خىشى ئالتۇندىن، يەنە بىر خىشى كۈمۈشتىن، خىشلارنىڭ ئارىسىدىكى سۇۋاق لايلىرى مىسكى ئەمبەردىن، توپىلىرى زەپەردىن،  تاشلىرى مەرۋايىت-ياقۇتلاردىن بولۇپ، جەننەتكە كىرگەن كىشى نېمەتلىنىدۇ، مەھرۇم بولمايدۇ، مەڭگۈ ياشايدۇ، ئۆلمەيدۇ، كىيىملىرى يىرتىلمايدۇ، ياشلىقى يوقالمايدۇ» دېدى . جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « جەننەت ئەھلى جەننەتتە يەيدۇ، ئىچىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدۇ، بەلغەم بولمايدۇ، ئۇلار كىكېرگەندە مىسكى-ئەنبەر كىكېرىدۇ، نەپەس ئېلىشنىڭ ئورنىغا ھەمدۇ-تەسبىھلەر ئىلھام قىلىنىدۇ» . ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئەتتىگەن ياكى ئاخشامدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ جەننەتتىكى قامچا بويچىلىق ئورنۇڭلار دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر، جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر پەرى ئايال ئەگەر زېمىنغا نەزەر سالىدىغان بولسا دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى نۇرغا چۆمدۈرۈپ، خۇش پۇراققا تولدۇرىۋېتەتتى،   ئۇ ئايالنىڭ بېشىدىكى ياغلىقى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر» . جەرىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەر ھازىر  قىينالماستىن15كۈنلۈك تولۇن ئاينى قانداق كۆرگەن بولساڭلار، قىيامەت كۈنىمۇ رەببىڭلارنى شۇنداق ئوچۇق كۆرىسىلەر ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مەن دوزاختىن ئەڭ ئاخىردا چىقىپ جەننەتكە ئەڭ ئاخىردا كىرىدىغان كىشىنى بىلىمەن، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆمىلەپ چىققاندا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە: جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ . ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆز كۆڭلىدە جەننەت توشۇپ كەتكەندەك بولۇپ  قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ دەيدۇ . ئاللاھ ئۇنىڭغا يەنە جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ . ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆز كۆڭلىدە جەننەت توشۇپ كەتكەندەك بولۇپ  قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ دەيدۇ . ئاللاھ ئۇنىڭغا بارغىن سەن ئۈچۈن دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ 10 باراۋېرىدە جەننەتتىن ئورۇن بەردىم دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! سەن مىنى مەسخىرە قىلىپ زاڭلىق قىلىۋاتامسەن دەيدۇ، سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كېتىپ مانا بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئورنىدۇر دېدى». ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەق بولۇپ، ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا مۇكاپات بەرگىنىدەك، ئاللاھقا ھاياتلىقىدا گەدەنكەشلىك قىلغان ئىنسانلارغا دوزاختىن ئىبارەت دەھشەتلىك ۋە ئەلەملىك ئازابنى تېتىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» سۈرە ئەئراپ 41-ئايەت.

 بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « دوزاخ ئەھلىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يەڭگىل ئازابمۇ، ئوتتىن بوغۇچلۇق كەش كەيدۇرۇلىدۇ ۋە مېڭىسى خۇددى قازان قاينىغانغا ئوخشاش قاينايدۇ، بۇ دوزاختىكى ئەڭ يەڭگىل ئازابتۇر»

ئاللاھ ھەممىمىزگە جەننەت ئاتا قىلىشىنى، دوزاخنىڭ ئازاۋىدىن ساقلىشىنى تىلەيمەن.
 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top