ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: يېقىنقى زاماندىن بىرى جەمئىيىتىمىزدە خۇسۇسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى قۇتلۇقلاش يامراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بايرام خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىدىن بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كېيىم كىيىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا قىزىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. سىلىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-02-09
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/192597
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
435 KB
: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.doc
2.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
83 KB
: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟

 

سوئال:

يېقىنقى زاماندىن بىرى جەمئىيىتىمىزدە خۇسۇسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى قۇتلۇقلاش يامراپ كېتىۋاتىدۇ.

بۇ بايرام خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىدىن بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كېيىم كىيىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا قىزىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. سىلىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.

جاۋاب:

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»غا ئىشتىراك قىلىش دىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك نەچچە تەرەپلىمىلىك دۇرۇس ئەمەس:

بىرىنچى: بۇ بايرام بىدئەت بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىدە ھېچ قانداق ئاساسى يوق.

ئىككىنچى: بۇ بايرامغا قاتنىشىش دىنىمىزدا چەكلىمە قويۇلغان بىنورمال ئىشىق-مۇھەببەتكە تەرغىب قىلىدۇ.

بۇ بايرامغا قاتنىشىش ئىنسان قەلبىنى سۈننەت ۋە سەلەپ ئالىملارنىڭ ساغلام يوللىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ بىمەنە ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ.

مۇسۇلمان كىشى  بۇ كۈندە( يەنى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى) بايرامغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، يېمەك-ئىچمەك ياكى كېيىم -كېچەك، دوستلار، ساۋاقداشلار ۋە خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا قۇتلۇقلىشىش ۋە بۇ كۈننى پەرقلىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسى ۋە دىنى بىلەن پەخىرلىنىشى، شامال چىققان تەرەپكە كىتىۋەرمەستىن ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھتىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئاشكارا ۋە مەخپى پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىشىنى سورايمەن.  

5-11-1420-ھىجرى


 

 

Go to the Top