ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاللاھ تائالانىڭ "ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە)  ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)" دېگەن سۈرە رەئدىدىكى بۇ ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-02-05
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/192511
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ
439.5 KB
: ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.doc
2.
ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ
90.4 KB
: ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ

 

118139-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئاللاھ تائالانىڭ "ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە)  ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)" دېگەن سۈرە رەئدىدىكى بۇ ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بۇ زور مەنانى ئىپادىلەيدىغان بۈيۈك ئايەت بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر بىر مىللەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ دىندا مۇستەھكەم تۇرسا، ئۇ مىللەتكە ئاتا قىلغان ياخشىلىقنى يامانلىققا، يامانلىقنى ياخشىلىققا، باياشاتلىق-خاتىرجەملىكنى، قىيىنچىلىق،غەم-قايغۇغا ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغان ئالاھىدە ئادىللىقى ۋە تەڭداشسىز ھېكمىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا مۇۋاپىق ھالدا قەھەتچىلىك، قىيىنچىلىق ۋە بالا-مۇسىبەتلەر، ئۆز-ئارا بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت ئىنسانى ھاياتقا  بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر تۈرلۈك ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ».

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھتىن يېنىپ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت مۆھلەت بېرىدۇ. ئۇلار بىلگىنىنى قىلىۋەرسە ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ئازاپ بىلەن جازالايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا سىناش ئۈچۈن پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن خوشال-خۇرام تۇرغاندا ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى». يەنى ئۇلار ھەممە ياخشىلىقتىن ئۈمىدسىزلەندى. ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىپىگە دۇچار بولۇشتىن پاناھ تىلەيمىز.

بەزىدە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى قىيامەتكە كېچىكتۈرۈلۈپ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى شۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنگىچە يەنى قىيامەت كۈنگىچە كېچىكتۈرىدۇ»، يەنى ئۇلارغا ئۆلۈمدىن كېيىنگىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ، ئاخىرەتتە بۇلارغا دەھشەتلىك ئازابلار تەييارلىنىدۇ.

بەزىدە ئۇلار  يامانلىق، بالا-مۇسىبەت ۋە گۇناھ-مەسىيەتكە چۆككەن بولۇپ كېيىن تەۋبە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدۇ، قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ، دىندا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىكى قىيىنچىلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، قاتتىقلىق ۋە پىقىرچىلىق قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن باياشاتچىلىق، نېمەت،  بىرلىك ۋە ئىسلاھاتقا ئۆزگەرتىلىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەتنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ». بۇ ئايەتتىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەككى؛ ئۇلار ئەۋۋەلدە نېمەت، كەڭرىچىلىك ۋە پاراۋانچىلىقتا بولۇپ، نېمەتنىڭ قەدرىنى قىلماستىن ئاللاھغا  ئاسىيلىق قىلىش ئارقىلىق، نېمەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھمۇ ئۇلارغا بەرگەن نېمەتنى پۈتۈن تۈرلىرى بىلەن. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار دەسلەپتە يامانلىق، گۇناھ-مەسىيەت ياكى كۇفرى-ئازغۇنلۇقتا بولۇپ، كىيىن قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ تائىتىدە مۇستەھكەم تۇرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى يامانلىقتىن ياخشىلىققا، ئىتتىپاقسىزلىقتىن بىرلىككە، قىيىنچىلىقتىن كەڭرىچىلىككە، ساقلىق ۋە نېمەتكە، قۇرغاقچىلىق-ئاچارچىلىقتىن ھۆل-يېغىن -مولچىلىق قاتارلىق ئىنسانىيەت پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولغان ئومۇمى ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ.

 

Go to the Top