العمل في مصانع الخمر

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: العمل في مصانع الخمر
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما حكم المسلم الذي يبيع الخمر أو المخدرات، وهل نسميه مسلما أم لا ؟ وما حكم المسلم الذي يعمل في مصنع الخمر، وهل يجب عليه ترك عمله إذا لم يجد سواه ؟.
تأريخ الإضافة: 2009-02-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/192509
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلەش توغرىسىدا
438 KB
فتح: ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلەش توغرىسىدا.doc
2.
ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلەش توغرىسىدا
88.8 KB
فتح: ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلەش توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلەش توغرىسىدا

 

14102- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ساتىدىغان كىشىلەرنىمۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتايمىزمۇ؟ مۇسۇلمان ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلىسە قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ باشقا ئىش تىپىلمىغاندىمۇ بۇ خىزمەتنى تاشلىشى كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر.

ھاراق ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى سېتىش ۋە ھاراق ئىشلەپ چىقىرىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەش شەرىئەتتە چەكلەنگەن، قارشى ئىلىنمايدىغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھ ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار». ھەقىقەتەن ھاراق-تاماكا ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى سېتىش گۇناھ ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھاراق ئىشلەپ چىقىرىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەشمۇ گۇناھ ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سىلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن  ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟!».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھاراققا، ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ياساشقا بۇيرۇغۇچى ۋە بۇيرۇلغۇچىغا، يۆتكەپ ئەكىلىشكە بۇيرۇغۇچى ۋە ئەكىلىپ بەرگۈچىگە، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىغا ۋە پۇلىنى ئىشلەتكۈچى قاتارلىقلارغا لەنەت ئېيتقان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھاراق ئىچىپ مەستلىك ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنى دوزاخ ئەھلىدىن ئاققان تەر ۋە سېسىق سۇ بىلەن سۇغۇرۇشنى ۋەدە قىلدى».

ھاراق ئىچكۈچىگە قارىتا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ ھۆكمى بويۇنچە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ»، ئۇ كىشى ھاراق ئىچكەن سەۋەپتىن ئىمانى ناقىس، پاسىق، گۇناھكار بولۇپ تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بويۇنچە خالىسا ئەپۇ قىلىنىدۇ ياكى جازاغا تارتىلىنىدۇ. بۇ ھاراقنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلماي ئىچكەن كىشىنىڭ ھۆكمى.

ئەمما ھاراقنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلىپ ئىچكەن بولسا، تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بارلىق دىنى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇ كىشىنىڭ جەسىتى يۇيۇلمايدۇ، نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغىمۇ دەپنە قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىپ ئۆلدى(ھاراقنى ھارام دېگەن سۆزنى ھالال دەپ قارىغانلىقتىن). شۇنىڭدەك زىنا، بەچچىۋازلىق، جازانىخورلۇق ۋە شەرىئەت ئالىملىرى ھارام دەپ بىرلىككە كەلگەن ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەۋەبسىز ئادا-جۇدا بولۇش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق گۇناھلارنى جايىز دەپ ئىتىقاد قىلىدىكەن ئۇ ئادەم كافىر بولىدۇ (يەنى مەن ئەركىن خالىغىنىمنى قىلىمەن دەپ ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ئىشلارنى ئىنكار قىلسا ياكى كۆزگە ئىلماستىن مەسخىرە قىلسا).

ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھاراملىقىنى بىلگەن ھالدا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىپ چەكلەنگەن گۇناھلارنى ئىشلەيدىكەن، ئۇ ئادەم تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشىمۇ ھاراق ئىچكەن كىشىگە ئوخشاش قىيامەتتە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويۇنچە خالىسا ئەپۇ قىلىنىدۇ ياكى جازاغا تارتىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

توغرىسنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.


 

 

Go to the Top