الأكل مع من يشرب الخمر على طاولة واحدة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الأكل مع من يشرب الخمر على طاولة واحدة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل يجوز للمسلم أن يأكل مع غير المسلمين الذين يشربون الخمر على طاولة واحدة ؟
تأريخ الإضافة: 2009-02-04
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/192501
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ھاراق ئىچىۋاتقان ئادەم بىلەن بىر شىرەدە غىزالىنىش توغرىسىدا
436 KB
فتح: ھاراق ئىچىۋاتقان ئادەم بىلەن بىر شىرەدە غىزالىنىش توغرىسىدا.doc
2.
ھاراق ئىچىۋاتقان ئادەم بىلەن بىر شىرەدە غىزالىنىش توغرىسىدا
84.7 KB
فتح: ھاراق ئىچىۋاتقان ئادەم بىلەن بىر شىرەدە غىزالىنىش توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

ھاراق ئىچىۋاتقان ئادەم بىلەن بىر شىرەدە غىزالىنىش توغرىسىدا

 

سوئال:

مۇسۇلماننىڭ ھاراق ئىچىۋاتقان ئادەم بىلەن بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشى توغرىمۇ؟.

12499-نومۇرلۇق سوئال

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇسۇلمان ياكى كافىر بولسۇن ھاراق ئېچىۋاتقان ئادەم بىلەن بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشى توغرا ئەمەس. ئاللاھ تائالا كۇفرى ۋە باتىل سۆزلەرنى قىلىدىغان ئىنسانلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغان كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كافىرلار باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار». ئىمام تەبەرى: بۇ ئايەت ھەر تۈردىكى ئازغۇن-باتىل سۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن  ئولتۇرۇش-قوپۇش، سورۇنداچىلىق قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ.

ئىبنى كەسىر: ئەگەر ئولتۇرۇش-قوپۇش قىلساڭلار سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش دېگەن ئايەتنى، يەنى گۇناھتا ئۇلارغا ئوخشاش دەپ چۈشەندۈرگەن.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم ھاراق-شاراب ئېچىلىۋاتقان ئورۇنلاردا ئولتۇرمىسۇن». تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي سەھىھ دېگەن.

بۇ ھەدىسنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى، گەرچە ئۆزى ھاراق ئىچمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان مۇنكەر ئىشلىرىنى ئېتىراپ قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

بىرگە ھاراق-شاراب ئىچمىگەندىمۇ ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇش-قوپۇش قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى مۇنكەرنى كۆرۈپ گەپ قىلماي ئولتۇرغانلىقى، ئۇ قىلمىشىڭلار توغرا قىلساڭلار بولىدۇ دەيدىغان ئادىمى شەيتانغا  ئوخشاپ قالىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ۋە ئىنسانى مەجبۇرىيىتى، ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشى، سۆزىگە قۇلاق سالمىسا ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرماسلىقى، ئاللاھتىن ئۇلارغا ھىدايەت تىلىشى لازىمدۇر.


 

Go to the Top