مۇھەررەم ئېيىدا توققۇز نەپەر كىشى دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى

خەۋەرلەر تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇھەررەم ئېيىدا توققۇز نەپەر كىشى دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: دۆلەت تەۋەلىكى ئۆخشىمىغان توققۇز نەپەر كىشى دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارقىلىق 2009-يىلى 01- ئاي ئىچىدە (يەنى مۇھەررەم ئېيىدا) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-02-04
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/192466
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇھەررەم ئېيى ئىچىدە توققۇز نەپەر كىشى دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارقىلىق ئىسلام دىنىگە كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى

 

مۇسۇلمان دىيارلىرىدا تۇغۇلغان، مۇسۇلمان ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان قىز- يىگىتلەر، مۇقەددەس ئەقىدىسىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى جەمئىيەت كىرزىسىغا يۈزلەندۈرۈدىغان ئازغۇن زالالەت يوللىرىغا ئۆزى خالاپ - خالىماي ئەگىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىنى كىم ياراتقانلىقى؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى؟ نەگە بارىدىغانلىقى؟ قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقانلارمۇ ئانچە ئاز ساننى ئىگەللىمىسە كېرەك.

ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن 2008-12-ئاي ئىچىدە (يەنى زۇلھەججە ئېيىدا) دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارقىلىق ئالتە نەپەر كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، 2009-يىلى 01-ئاي ئىچىدە (مۇھەررەم ئېيىدا) دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشىمىغان توققۇز نەپەر كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكى دۆلەتلەردىن:

1- ئامېرىكىدىن بىر ئەر ئىككى نەپەر ئايال.

2 - بىرىتانىيىدىن بىر نەپەر قىز.

3 - كولۇمبىيەدە ياشايدىغان بىر نەپەر ئىسپانىيىلىك.

4 - نورۋىگىيىدىن بىر قىز.

5 - سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۆچ نەپەر جۇڭگولۇق. 

ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان ئىنساننى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا چىن ئىخلاس، چەكسىز ئىرادە، مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top