توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن توڭگۇز گۆشىنى كەسكەن پىچاق، قازان، تەخسە-قوشۇقلارنى يەتتە قېتىم سۇ بىلەن بىر قېتىم توپا ياكى قۇم بىلەن يۇيۇش كېرەك دەپ ئوقۇدۇم، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ قايسى ھەدىستىن ئىلىنغان ھۆكۈم؟ بۇنى سوپۇن بىلەن بىر قېتىم يۇسا پاكىز بولمامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-01-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/192329
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟
435 KB
: توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.doc
2.
توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟
84.9 KB
: توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟

 

10528- نومۇرلۇق سوئال

مەن توڭگۇز گۆشىنى كەسكەن پىچاق، قازان، تەخسە-قوشۇقلارنى يەتتە قېتىم سۇ بىلەن بىر قېتىم توپا ياكى قۇم بىلەن يۇيۇش كېرەك دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ قايسى ھەدىستىن ئىلىنغان ھۆكۈم؟ بۇنى سوپۇن بىلەن بىر قېتىم يۇسا پاكىز بولمامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

توڭگۇز گۆشى ھارام بولۇپ بۇ گۆشنى ۋە مايلىرىنى ۋە باشقا ھەممە نەرسىلىرىنى يېيىش چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى يېيىشنى ھارام قىلدى». سۈرە مائىدە 3-ئايەت.

مۇسۇلمانلار توڭگۇزنىڭ ھەممە يېرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەركىبىدە زىيانلىق مىكروبلار ۋە نىجىس-پاسكىنا ماددىلار بولغانلىقتىن ھارام قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى- چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر». سۈرە ئەنئام 145-ئايەت. چوشقا گۆشى تەركىبىدە كېسەللىكلەر بولۇپ كىشىلەر ئېلىم-مەرىپەتتە تەرەققى قىلغانسېرى چوشقا گۆشىنى يېيىش سەۋەبلىك بارلىققا كىلىدىغان ھەر تۈرلۈك يېڭى كېسەللەرنى بايقاپ چىقتى.

مۇسۇلمان كىشى ھارامدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق پاسكىنا نەرسىلەر ئىستىمال قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

ئەمما توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن قاچا- قوشۇق ۋە پىچاقلارنى ياخشىلاپ سوپۇن بىلەن بىر قېتىم پاكىزە يۇيۇۋېتىپ قوللانسا بولىدۇ. توڭگۇزنىڭ نىجاسىتى باشقا نىجاسەتلەرگە ئوخشاش بولۇپ بۇنى يەتتە قېتىم سۇ بىلەن بىر قېتىم قۇم-توپا بىلەن يۇيۇش ھەققىدە ئوچۇق دەلىل يوق.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى.


 

Go to the Top