حكم من يقول: إن فقر المسلمين بسبب كثرة النسل

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: حكم من يقول: إن فقر المسلمين بسبب كثرة النسل
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما حكم الشرع في رأيكم فيمن يقول : إن فقر المسلمين وضعفهم وتخلفهم في هذا العصر نتيجة للانفجار السكاني وكثرة النسل بنسبة تفوق التقدم الاقتصاد ؟ وما نصيحتكم لمن يعتقد ذلك ؟
تأريخ الإضافة: 2009-01-17
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/191608
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
445.5 KB
فتح: كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟.doc
2.
كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
94.6 KB
فتح: كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

 

119955- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

دۇنيا ھەرساھەدە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ ئەسىردە، مۇسۇلمانلارنىڭ پىقىرچىلىق، نامراتچىلىق، ئاجىزلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ كەينىدە قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل نۇپۇس سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن دېگەن سەپسەتىگە ئىسلام شەرىئىتى قانداق قارايدۇ؟ مۇشۇ كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە قانداق نەسىھەتلىرىڭلار بار؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇ كۆز قاراش خاتا، چۈنكى بۇنىڭدىكى سەۋەب نۇپۇس سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى ئۆلچەملىك قىلىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزق بېرىشنى مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، لېكىن ئاللاھ تائالا بۇنى ھېكمەت بىلەن بېرىدۇ ۋە ھېكمەت بىلەن چەكلەيدۇ.  

بۇ كۆز قاراشتىكى كىشىلەر ئۈچۈن مىنىڭ نەسىھىتىم؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە بۇ خاتا كۆز قاراشتىن يېنىشى كېرەك، ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىۋېتەتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە پاسات تېرىيتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر». (ئىككى ھەرەم دىيارى ئۆلىمالىرى پەرىۋالار توپلىمى 1084-بەت)

شۈبھىسىزكى نوپۇسنى چەكلەش ياكى ئازايتىشقا چاقىرىق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ: « ئېرىنى ياخشى كۆرىدىغان، كۆپ تۇغىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، ھەقىقەتەن مەن قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلار بىلەن باشقا ئۈممەتلەر ئالدىدا پەخىرلىنىمەن» دېگەن سۆزىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

نوپۇسنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچىلار ۋە بۇنىڭغا چاقىرىق قىلغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەر ئالدىدا پەخىرلىنىشىنى خالىمايدىغانلاردۇر.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە مەخلۇقاتلارغا رىزق بېرىشكە ئۆزى كاپالەتلىك قىلدى، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: « يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزق بېرىشنى ئاللاھ مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئۈستىگە ئالغان».

ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ، سۇ ۋە باشقا كېرەكلىك مەنبەلەر نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ دېگەن قاراش بىلەن ھامىلدارلىقنى چەكلەش، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش ۋە باشقا ۋاستىلەرنى مەجبۇرى قوللىنىپ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە قارشى تۇرۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ خەلقلەرنى پەرۋىش قىلىش، تەربىيەت قىلىشتىن ئىبارەت رۇبۇبىيەت سۈپىتىنى ۋە رىزق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قاراش ئىلگىرىكى مۇشرىك، كاپىرلارنىڭ ئېتىقادىدا نامراتچىلىقتىن قورقۇپ ئۆز ئەۋلادلىرىنى ئۆلتۈرۈۋىتىشتەك خاتا ئېتىقاد قارىشىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزق بېرىمىز». ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر».

مىللەتنىڭ سانى كۆپ بولىشى ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا كۆپ شۈكرى ئېيتىپ، ئاللاھنى بىردەپ ئېتىقاد قىلىپ ئاللاھغا كۆپ ئىبادەت قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن بەزى نېمەتلىرىنى ئېسىگە سىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى زىكىر قىلدى: « ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار». ئۇممەتلەرنىڭ كۆپ بولىشى شۇ ئۇممەتنىڭ ئىززەتلىك بولىشى ۋە دۈشمەنلىرىدىن غالىب كېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاندىن يەنى تەۋبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۇستۇنلىكىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، يەنى دۈشمۈنىڭلارنى ھالاك قىلدۇق، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدۇق، سىلەرگە نۇرغۇن مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپ قىلدۇق».

تەتقىقاتچى دوكتۇر مۇھەممەد سەيىدغۇلاب مىسىرنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ: نۇپۇس ئاھالىسىنىڭ كۆپ بولىشى ھەرگىزمۇ ئېغىرچىلىق ۋە يۈك بولمىدى، كىيىنكى ئەسىرلەردىمۇ بۇنداق دەپ قاراش توغرا ئەمەس، نۇپۇس ئاھالىسىنىڭ كۆپ بولىشى مىسىرنىڭ ھەر دەۋرىدە تەرەققى قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر. يەنە بىر تەكشۈرۈشتە دوكتۇر مۇستەپا پەقى : مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، مىسىرنى ئىنسانلاردىن ئىبارەت بايلىقنى ساقلايدىغان خەزىنە دەپ ئېتىبارغا ئىلىشتىن ئىبارەت دەپ ئىشارەت قىلغان.

ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى ئۇستاز خۇرشىد ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: كەلگۈسىدە ھەممىدىن غالىب كىلىدىغان كۈچ قۇۋۋەت بىلەن، نۇپۇس سانى كۆپ بولغان شەھەرلەر مەنپەئەتلىنەلەيدۇ ۋە ھەر خىل ئېلىم پەن بىلىملىرى بىلەن تەرەققى قىلالايدۇ. غەرب مىللەتلىرىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئورنىنى ئۇلارنىڭ ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش، ھامىلدارلىقنى چەكلەش ھەرىكىتىنى قوللىنىشتىن باشقا ھەرىكەتلەر ساقلاپ قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە بارلىق تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز دۆلىتىدە نۇپۇس سانىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار بارلىق چارە تەدبىرلىرىنى ئىشقا سىلىپ ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش، ھامىلدارلىقنى چەكلەش ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ.

يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكىلىق پەيلاسۇپ ئۇستاز ئورجانىسكىنىڭ: كەلگۈسىدە ئەڭ چوڭ ئەسكىرى كۈچ، ئادەم سانى كۆپ بولغان دۆلەتلەردە بولىدۇ دېگەن سۆزى نېمە دېگەن توغرا!.

يەنە مۇنداق دەيدۇ: تارىخنى ياخشى ئوقۇغانلار ئۈچۈن، نۇپۇس سانىنىڭ كۆپ بولىشىنىڭ سىياسى جەھەتتىن ناھايتى مۇھىم ئىكەنلىكى مەخپى ئىش ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققىياتلار كۈنسىرى  ئېشىپ گۈللىنىۋاتقان بۇ ئەسىردە خەلقئارادىكى كۈچلۈك ياكى مەدەنىيەتلىك، تويۇنغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى ئۆزىنىڭ نۇپۇس سانىنى كۆپەيتىش بولۇپ قالدى.  

ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان تارىخچى ئۇستاز ۋېلدىيورانت مۇنداق دەيدۇ: نۇپۇس سانىنىڭ كۆپ بولىشى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۇرۇلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئۇستاز ئارنولىدتوينبىمۇ: نۇپۇس سانىنىڭ كۆپ بولىشىنى ئىنسانلار مەدەنىيتى ياكى ئۇچقانداق تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنياغا قارىتا رىقابەتلەشكۈچى ئاساسى كۈچ دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىق كېرەك، چۈنكى نۇپۇس سانىنىڭ كۆپ بولىشىنىڭ ئۆزىلا مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئەمەس، بەلكى ئاساسى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭغا كۈچلۈك تەلىم، توغرا تەربىيە، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئادالەتلىك بولىشى، بۇزۇقچىلىق ۋە پاساتچىلىققا قارشى تۇرۇشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھغا بولغان ئىمانى، تەقۋادارلىقى قېتىلغاندا بۇ ئاساسى كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە كۇفىردىن، گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاسمان زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق».                              

ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمەنلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ دۇنيادىكى مەسلەكداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان  چوقان سۈرەنلىرى ئالەمنى قاپلىدى.

پروفېسسور ئەرنون سوپىرنىڭ 1984ـ  يازغان "ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۆزگىرىشى" ناملىق كىتابى يەھۇدى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق دەرس ماتېرىيالى، مەمۇرىي ئورگاندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇراجەتگاھى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ قارىشىدا: مىسىر ئاھالىسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە كۈچلۈك بىر قوشۇن تەشكىللەش ئىمكانىيىتى بولغانلىقى ئىسرائىلنى بىئارام قىلىدۇ. "دەيلى تىلگىراپ"  گېزىتىنىڭ 1988-يىلى01-ئاينىڭ 01- كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئىلان قىلىنغان "نۇپۇس سانىنىڭ كۆپىيىشى ئوتتۇرا دېڭىزدا قويۇلغان ئىسترېلكىلىق بومبا" دېگەن ماقالىدە يازغۇچى بۇ ماقالىسىدا ئاساسەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرىق، جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نۇپۇس سانىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ غەرب ئەللىرىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىتنى ئاسراش پروگراممىسىدا ئىلان قىلىنغان ھۆججەتتە مۇنداق دىيىلىدۇ: ئوتتۇرا ئاق دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئەللىكىنچى يىللاردا تارىق تاغ بوغۇزىدىن باشلاپ پاسپۇر ئېغىزىغىچە بولغان رايونلارغا تارالغان ياۋروپالىقلار ئىدى، ئەمما 2020 - يىلىغا بارغاندا ئوتتۇرا دېڭىز گەرچە ھەممىسى ئەرەبلەردىن بولمىسىمۇ ئىسلام دېڭىزىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدا ئىشارە قىلىنغان سۆزدىن شەك شۈبھىسىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە چەك قويۇش ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشقا تىرىشىپ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىدا شەك يوق. دۇنيا خاراكتىرلىق نوپۇس چەكلەشتە "سۈپەتلىك ئائىلە قۇرۇش"، "جەمئىيەتنى رەتلەش"، " ئائىلىنى تەرتىپكە سىلىش"، پىلانلىق تۇغۇت  قاتارلىق ھەرخىل سەپسەتىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ نورمال كۆپىيىشىگە ۋاستلىق ياكى ۋاستسىز توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلارغا بىزنىڭ سۆزىمىز: -ئۇلار بۇنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن- ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكى؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى؟ ئۇنى كىم ياراتقانلىقى؟ ئۆلگەندىن كىيىن نەگە بارىدىغانلىقى؟ دىنى، مىللىتى، ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى بۇ خىزمەتنى ئاكىتىپلىق بىلەن قىلىشقا ئۇندەۋاتقانلار ئىسلامنىڭ، مىللىتىنىڭ، ۋەتىنىنىڭ دۈشمەنلىرى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە سالىمىز.         

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: " پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش" دېگەن شەك شۈبھىسىز دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھىلە مىكىرلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ بولىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيشىدىن ئۇلار قورقۇدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپەيسە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆزىنى قوغدايدۇ، تېرىقچىلىق قىلىدۇ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىدۇ، باشقا جەھەتلەردىن ئىلگىرىلەش ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ سانى چەكلىك،  نوپۇسى ئاز ھالەتتە ياشىسا ئۇلار خارلىقتا ۋە ھەممە ئىشتا باشقىلارغا مۇھتاجلىقتا ئۆتىدۇ.  يىغىنچاقلاپ ئېيتقىنىمىزدا، تاجاۋۇزچى باسقۇنچى ئادالەتسىز دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئوخشاش تۈزۈملەرنى سىياسىيلاشتۇرۇپ مىللەتنىڭ يوقىلىشىغا ئاساس سالىدۇ.  ئاخىردا بىز يېڭى ئېلىم پەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە قانۇن تۈزۈش، سىستېمىلارنى تۈزۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش پىلانلىرىنى تۈزۈشتە يەنىلا نۇپۇس سانىنىڭ تىخىمۇ كۆپ بولىشىغا ئېھتىياجلىق.                                

بۇنىڭدىن ئارتۇقچە مەلۇمات ئېلىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئەبۇ ئەلا مەۋدۇدىينىڭ «پىلانلىق تۇغۇت ھەرىكىتى» ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلسۇن.                    

Go to the Top