غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى غەززە رايونىدا يۈزبېرىۋاتقان مۇھاسىرە ۋە قىرغىنچىلىق سۈرگۈن ۋەقەلىرىگە قارىتا بايانات ئىلان قىلىپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى پەلەستىن خەلقىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، ھەركىشى ئۆزنىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان ئىشلار بىلەن غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا چاقىردى

قوشۇلغان ۋاختى: 2009-01-05
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/191167
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات
453 KB
: غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات.doc
2.
غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات
95.6 KB
: غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

 

غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات

 

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى غەززە رايونىدا يۈزبېرىۋاتقان مۇھاسىرە ۋە قىرغىنچىلىق سۈرگۈن ۋەقەلىرىگە قارىتا بايانات ئىلان قىلدى.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر، دۇرۇت-سالاملار بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرەپلىكى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەلەستىندىكى ئومۇمى مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ غەززە رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ  ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقى، ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشى، تۇرالغۇ جايلىرى، مەمۇرىي ئورۇنلىرى، ئىشلەپ چىقىرىش ئورۇنلىرى ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، تىنچلىقنىڭ يوقىلىشى  ھەقىقەتەن پەلەستىن خەلقىگە قىلىنغان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە جىنايەتتىن ئىبارەت، بىز بۇنىڭغا قاتتىق بىئارام بولدۇق ۋە ئەپسۇسلاندۇق ۋە بۇ تاجاۋۇزچىلىققا قەتئى قارشى تۇرىمىز.

ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ پەلەستىنلىك قېرىنداشلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ  كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئىسلام-ئىمان قېرىنداشلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان بارلىق  ۋاسىتە-سەۋەپلەرنى قوللىنىپ ئۇلاردىن چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن دىندا قېرىنداشلاردۇر»، يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، (يەنى قېرىنداشدۇر)». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « مۆمىن مۆمىنگە ياردەم بېرىشتە مۇستەھكەم كىرىشتۈرۈلگەن قۇرۇلۇشقا ئوخشايدۇ، بەزىسى بەزىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈردى» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلار بىر بەدەنگە ئوخشاشتۇر. بەدەننىڭ قايسىبىر يېرى بىئاراملىق ھېس قىلسا، پۈتۈن بەدەن  ئىسمىداش ۋە قىزىش بىلەن ئازابلانغاندەك، مۇسۇلمانلارمۇ  بىر- بىرىگە  يەتكەن مۇسىبەتتىن ئازابلىنىدۇ» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، مۇسۇلمان ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خارلىقتا تاشلاپ قويمايدۇ، دۈشمەنگە بويسۇندۇرۇپ بەرمەيدۇ ۋە ھاقارەت قىلمايدۇ». مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئومۇمى مۇسۇلمانلار  پەلەستىن خەلقىگە ماددى-مەنىۋى تەرەپتىن بولسۇن ھەر بىر كىشى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تىببى ئەسلىھە ۋە باشقا جەھەتلەردىن تولۇق ياردەم بېرىشى لازىم. ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇلارغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئۇلارغا سەمىمىيەت بىلەن  ھەقىقى دوستلۇقىنى بىلدۈرۈپ خەلقئارالىق يىغىن ۋە قۇرۇلتايلاردا ۋە باشقا مۇھىم ئورۇنلاردا ھەقىقى تۈردە ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ھەممىسى ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەم بېرىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار».

ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ۋە توغرا بولغان ياخشى يولنى كۆرسىتىش، بولۇپمۇ ھەرۋاقىت ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىش، ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىش، باسقۇنچىلار ئۇستىدىن غەلبە ئاتا قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر مۇھىمدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتىشقا، ئىچكى تالاش-تارتىشنى تۇگۇتىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە بىرلىشىش، بۆلۈنۈپ كېتىش ئارقىلىق دۈشمەنلەرگە تاجاۋۇزچىلىق پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغان دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مۇھىم ئامىللارنى تولۇقلاش، بارلىق ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ قىلىش، ناماز ئارقىلىق سەۋىرچان بولۇپ ئاللاھتىن ياردەم تىلەش، ھەممە ئىشتا ئېلىم ئەھلى، ئەقىل ئىگىلىرى تەجرىبىلىك كىشىلەردىن مەسلىھەت ئىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. مانا بۇ  ھەققە ۋە توغرىغا مۇۋاپىق كېلىشنىڭ بەلگىسىدۇر.

شۇنداقلا دۇنيادىكى ئاقىللارنى، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى، بۇ مۇسىبەتكە ئەقىل ۋە ئىنساپ، ئادالەت قارىشى بىلەن نەزەر سىلىپ پەلەستىن خەلقىگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى بېرىشكە، ئۇلاردىن چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان زۇلۇمنى كۆتۈرۈۋېتىشكە، ئۇلارنى ئۆز ئىززەت-ئابرۇيى بىلەن نورمال ھايات كۆچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشقا ياردەمدە بولىشىغا چاقىرىمىز. مۇشۇنداق قىيىنچىلىق شارائىتتا ئۇلارغا ياردەم بەرگەن، ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن دۆلەت ۋە شەخسلەرگە رەھمەت-تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلادىن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسمى ئالى سۈپەتلىرى بىلەن مۇشۇ ئۇممەتنىڭ غەم -قايغۇسىنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى، دىنىنى ئەزىز قىلىشىنى، ئۆز كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىشىنى، ئۆز دۈشمەنلىرىنى خار قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىرسىنى ئۆزىنىڭ زېيىنىغا قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكىگە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تاقابىل تۇرۇشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا كائىناتنىڭ  ئىگىسىدۇر ۋە بۇنىڭغا قادىردۇر.

دۇرۇت-سالاملار بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرەپلىكى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باش مۇپتىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملارنىڭ رەئىسى  ۋە پەتىۋا كومىتېتىنىڭ دائىملىق ئەزاسى شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئال- شەيخ .

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top