غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟!

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟!
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: ئىسلام جان ئۇيغۇرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتۇر ماقالىسىدا ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى، مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇئانىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا جىھادتا مۇستەھكەم ۋە قەتئى ئىرادىلىك بولىشىغا دۇئا قىلىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم ئىكەنلىكى، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ھېسداشلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-01-04
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/191045
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟!
456 KB
: غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟!.doc
2.
غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟!
100.8 KB
: غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟!.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

 

غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟!

 

غەززە رايونىدىكى قەتلىئامنى ئاڭلىغان ۋە كۆرۈۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئىچى سىيرىلماي تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز باياشات ۋە خاتىرجەملىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا ئاللاھ يولىدا باشقىلارغا ياردەم ۋە دۇئا قىلالىساق، مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، -ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن- بىزمۇ باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ قىلىشىمىز مۇمكىن دېگەن ئۈمىدتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارغا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن مۇستەھكەملىك ۋە قەتئىي ئىرادە ئاتا قىلىشىنى سورايمەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالا  قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلارنىڭ يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلار ئىكەنلىكىدىن بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: « ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق» ئىسرا سۈرىسى 4- ئايەت.

دەرۋەقە، يەھۇدىيلار  پۈتۈن  دۇنيا سىياسىتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىگە، ئامانلىقىغا، خاتىرجەملىكىگە قارشى ئەڭ پەس ۋە يىرگىنىشلىك سۇيىقەستلەرنى ئىشلىگەننىڭ سىرتىدا، پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالغان يېرىم  ئەسىردىن  كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى دۈشمەنلىكىنى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكىنى ۋە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. (شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار تاجاۋۇزچى يەھۇدىلارغا جەسۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ شېھىت دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن ئۆلۈۋاتقان بولسا، بەزى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھامىسىغىمۇ قاپىقىنى تۇرەلمەستىن، بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دىنى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل-يېزىقى، زېمىنى، كىلىچەكنىڭ ئۈمىدى بولغان قىز-يىگىتلىرى قاتارلىقلارغىمۇ ئىگە بولۇش پۇرسىتى بېرىلمەستىن ئۈن-تۈنسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئاللاھتىن ئۇلارغا شېھىتلىك مەرتىۋىسى ئاتا قىلىشىنى سوراش بىلەن بىرگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەبرى بېغىشلىشىنى تىلەيمەن).

غەززە رايونىنى ئىككى يىلغا يېقىن مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، ئۇ جايدىكى ئاھالىلارنى ئەڭ يامان شارائىتلارغا، زورلۇقلارغا ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قويغاننى ئازدەپ،  توققۇز كۈندىن بىرى  بۇ بىچارە قورالسىز خەلقنى ھاۋادىن بومباردىمانغا تۇتماقتا، ئۇنى ئاز دېگەندەك مانا  بۇگۈن 2009-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى كېچىدە يەھۇدى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى غەززە رايونىغا باستۇرۇپ كىردى. ئۇ بىچارە خەلقنى يەنە قانداق كېلىشمەسلىك كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھاماس ۋە كەتائىب قەسسام قاتارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار غەززە رايونىنى يەھۇدىلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلاندۇرىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

بەزى مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەر بۇ ئىنسانىيلىقتىن چىققان ۋەھشىيلىككە قارشى تۇرۇپ، غەززە رايونىدىكى ئىنسانلارغا  ئىنسانىيلىق  بىلەن ھېسداشلىق قىلىپ، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە بۇ ۋەھشىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەپ نامايىشلار بولىۋاتىدۇ. ئەمما ئىسلام دۇنياسى سۇكۇت ئىچىدە بولىۋاتقانلارغا شاھىد بولىۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مۇسۇلمانلار بىر بەدەنگە ئوخشاشتۇر. بەدەننىڭ قايسىبىر يېرى بىئاراملىق ھېس قىلسا، پۈتۈن بەدەن  ئىسمىداش ۋە قىزىش بىلەن ئازابلانغاندەك، مۇسۇلمانلارمۇ  بىر- بىرىگە  يەتكەن مۇسىبەتتىن ئازابلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسى مەسچىتلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدىلا ئوقۇلىدىغان، ئەمما ئەمەلىيىتى تەتبىق قىلىنمايدىغان بۇ زاماندا، مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك تاش يۈرەك بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟ ھەممە ئادەم ئۆزىنىلا ئويلايدىغان بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟ غەززىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 470دىن ئارتۇق بىگۇناھ خەلققە 2500 دىن كۆپ يارىدارلارغا ئىچى ئاغرىمامدىغاندۇ؟؟؟!!!. ھازىرغا قەدەر 10دىن ئارتۇق مەسچىتلەر، دوختۇرخانىلار، مەكتەپلەر، مەمۇرىي ئورگانلار قاتتىق بومباردىمان قىلىندى. غەززىدە بولىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى خۇددى فىلىم كۆرىۋاتقاندەك كۆرۈپ، يۈرىكى ھېچ نەرسىنى سەزماۋاتقان شەخسنى مۇسۇلمان دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن،  ئىنسان دېگىلى بولمايدىغۇ دەيمەن؟!

دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى، مۇنازىرە مەيدانلىرىغا كۆز يۇگۇرتسەك يەھۇدىلارنىڭ ۋەھشىلەرچە قىلمىشىنى ياخشى بوپتۇ دېگەن بىرمۇ ئۇيغۇر تورداشنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئىش ئۇنداق ئىكەن بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ پىكىر قىلىپ باقتىقمۇ؟، دىنى قېرىنداشلىقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇ مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا قانداق ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئويلاپ باقتىقمۇ؟، غەززىدىكى مۇسۇلمانلار يىگىلى-ئىچكىلى يوق تۇرغان بىر پەيتتە، ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر ئىسراپخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇقمۇ؟، ئۇرۇش باشلانغاندىن بىرى نامازلىرىمىزدا ئاللاھتىن غەززىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم تىلىدۇقمۇ؟...

قېرىنداشلار! غەززىدىكى بىگۇناھ ئىنسانلار قان ئىچىدە ئىڭراۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە  ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمىغان تەقدىردىمۇ تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، قۇرئان ئوقۇپ ۋە ئاللاھقا سېغىنىپ  قانغۇچە دۇئا قىلايلى! مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت، غەززە ئەھلىگە تىنچلىق - ئامانلىق، دۈشمەنلىرىگە  ۋەيرانچىلىق تىلەيلى! ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئەگەر بۇنىمۇ قىلمىساق ئىمانىمىزدا شەك بارلىقىدىن گۇمان قىلمىساقمۇ بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا پەلەستىن خەلقى چوقۇم غەلبە قىلىدۇ.

گېرمانىيىدە ياشايدىغان بىر ياشنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلىغا سۆزلىگەن سۆزىدە: « قېرىنداشلىرىم غەززىدە ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە قەتلىئام قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما مەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنىمەن. ئاللاھقا يىغلاپ، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ، كۆز يېشى تۆكۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلالمىدىم» دېگەن سۆزلىرى  بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ ئەڭ  ئەدناسى بولىشى مۇمكىن.

تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار «پەلەستىن خەلقىگە ياردەم توپلاش» مەركەزلىرىنى قۇرۇپ خەلقنىڭ غەززىدىكى قېرىنداشلىرىغا ئاتىغانلىرىنى  ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتەك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى 2009-يىلى 01- 02- كۈنى كەچتە رەسمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەرەبىستان خەلقىنى غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ئىقتىسادىي ئىئانە توپلاش ۋە قان بېرىشتەك ماددى ۋە جىسمانىي پىداكارلىققا چاقىردى ھۆكۈمەت ۋە خەلق بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ 24 سائەت ئىچىدە  7 مىليون رىيال نەخ پۇل، 30مىليون رىيال ھەجمىدە يېمەك ئىچمەك، تىببى ئەسلىھە، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ماددى بويۇملار توپلانغانلىقى ئىلان قىلىندى.

بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى داۋام قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىگە قارشى نامايىشلارمۇ بولىۋاتىدۇ. بۇمۇ بىر خىل ھېسداشلىق ھېسابلىنىشى مۇمكىن.

ھەر بىر مۇسۇلمان غەززىدىكى دىنىي قېرىنداشلىرى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارغا قانداق ھېسداشلىق قىلالايدىغانلىقىنى ئۆز شارائىتى ۋە قۇدرىتىگە قاراپ ئۆزى بەلگىلىشى لازىم.

ئى ئاللاھ بىز زۇلۇم قىلىنغۇچىمىز، سەن بىلەن مەزلۇم ئارىسىدا پەردە يوق، دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن، ئىسلامنىڭ شەنىنى ئۇستۇن قىلغىن، مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرگىن، غەززە ئەھلىگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن. ئۇلارنىڭ شېھىتلىرىنى قوبۇل قىلغىن، يارىدارلىرىغا شىپالىق بەرگىن.

ئى ئاللاھ بىز شۇ دەرىجىدە ئاجىزمىزكى، زېمىندە بىزدىنمۇ ئاجىز ئىنسانلار بولمىسا كېرەك، بىز ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ھېچقانداق ياردەم قولىمىزنى سۇنالمىدۇق، ئەھۋالىمىزنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، پەقەت ساڭا ئۇلار ھەققىدە يېلىنىپ دۇئا قىلىشتىن باشقىسى قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ ئۆزەڭگە مەلۇم. بىز مىللەتىنمۇ ھىدايەت قىلغىن، ھەقىقەتكە يېتەكلىگىن. ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ئىمان، قىز-خانىملىرىمىزغا شەرمى-ھايا، يىگىتلىرىمىزگە ئىخلاس ۋە جەسۇرلۇق ئاتا قىلغىن.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top