ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 30/11/1429ھـ 2008-يىلى11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ھەج قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ قەدىرلىك مېھمانلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بەيتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش مۇيەسسەر قىلىنىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قەدەم باسقان مۇبارەك جايلارنى، ۋەھيى چۈشكەن زېمىنلارنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق، ئىبادەتنىڭ خالىس بىر ئاللاھقىلا قىلىنىشى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-12-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/189846
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى
371 KB
: ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى.doc
2.
ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى
169.3 KB
: ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

 

ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى

 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ھەج ئىبادىتى تەۋبە، روھانىلىق، دىنى قېرىنداشلىق سەپىرىدۇر " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ھەج پەرزى ئۈچۈن كەلگەن بارلىق ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى خۇشاللىق ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ كەلگەندۇر. ئى ئاللاھنىڭ بەيتىگە كەلگەن ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى سىلەر ۋە بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنى ئۇلۇغ ھەج مەۋسۇمىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىمىز. ھەج ئىبادىتى بارچىمىزغا ياخشىلىق، بەرىكەت، غەلىبە، ئىززەت ئېلىپ كەلگۈسىدۇر.

ئىككى ھەرەم دىيارى مەسئۇللار، پۇخرالار ھەممىسى بىردەك ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى ھاجىلارنى قارشى ئالىدۇ. ۋەھىي چۈشكەن مۇبارەك زېمىنغا خوش كەلدىڭلار. سۆيۈملۈك ۋەتىنىڭلاردىن ئايرىلىپ، مۇساپىر بولۇپ، بالا-چاقىلىرىڭلارنى تاشلاپ، تەۋھىد كەلىمىسىنى ياڭرىتىپ، چارچىشىڭلارغا قارىماي ئېھرام كىيىمىنى كىيىپ، بېشىڭلار ئۇچۇق، قەلبىڭلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە تەلپۈنگەن ھالدا كەلدىڭلار. ئاللاھ ھەج ئىبادىتىڭلارنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن. كىمكى ئاللاھنىڭ بەيتىگە كىرىدىكەن ئامانلىق ئىچىگە كىرگەن بولىدۇ. سىلەر دەسسەپ يۈرۈۋاتقان بۇ مۇبارەك زىمىن سۆيۈملۈك مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى تەككەن، رىسالەت نۇرى دۇنياغا تارقىغان، ئىمان نۇرى بىلەن بىزەلگەن مۇقەددەس شەھەردۇر. بۇ ئۇلۇغ پۇرسەت ئىمانىڭلارنى يېڭىلاش ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت بولىشى كېرەك. ئى ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلارنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بەيتىگە يەتكۈزدى. ئۇلۇغ بەيتۇللاھنى يېقىندىن كۆردۈڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بەيتىگە بولغان مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ئۆزۈڭلارغا نامايەن بولدى.

ئى ھاجىلار ئاللاھ تائالا بۇ مۇقەددەس شەھەر مەككە مۇكەررەمىنى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قىلغان بولۇپ، يىللار، ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ مۇقەددەس شەھەرنىڭ مەرتىۋە- قەدرى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ شەھەر بىلەن قەسەم قىلغاندۇر.  ئاللاھ يەنە قۇرئان كەرىمدە بۇ مۇبارەك شەھەرنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان جاي قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەككە شەھىرىنىڭ نەقەدەر مۇبارەك ئىكەنلىكىنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ  بۇ ھېسسىياتلىق سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن:" ئى مەككە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ماڭا ئاللاھنىڭ زېمىنلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ يېقىملىقى سەن. مېنى مەجبۇرى چىقىرىپ تاشلىمىغان بولسا ئىدى ھەرگىز چىقمىغان بولاتتىم" دېگەن.

مۇبارەك شەھەر مەككىدە گۇناھ-مەسىيەت ئىشلىگەن كىشىگە ئاللاھ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ دەرتلىك ئازاب بىلەن ئازابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى ھەرەمنىڭ مۇقەددەسلىكى ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەت بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بەيتىگە كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئۇنتۇماسلىقى لازىم بولغان يەنە بىر ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىقىدىن ئىبارەت تەۋھىد،ئاللاھقا ئىبادەتنى خالىس قىلىش، ھەجنىڭ مەقسەت- مۇرادلىرىدىن بىرىدۇر. ھەجدە ھەقىقى ئىخلاس ـ سەمىمىيەت بولىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەججەتۇلۋىدادا: "ئى ئاللاھ قىلغان ھەج ئىبادىتىمىزدە رىياكارلىق، كۆز بويامچىلىق يوقتۇر" دېگەن.

ھەج ئىبادىتى جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇكەممەل ئەگىشىش بارلىق ئىبادەتلەرنى سۈننىتى مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇيغۇن قىلىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج پائالىيىتىنى قانداق قىلىش ھەققىدە مۇنداق پەرمان قىلغان: "بارلىق ھەج پائالىيىتىدە قىلىدىغان پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن بىۋاسىتە ئۈگۈنۈڭلار". دېمەك ھەج پائالىيىتىنى سۈننەتكە لايىق قىلىش لازىمكى، كەم-زىيادە قىلىشقا يول يوق. ھەج ئىبادىتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە: "ئاللاھ قوبۇل قىلغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس". يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "جېدەل-ماجىرا قىلماي، گۇناھ-مەسىيەتكە يېقىنلاشماي ھەج قىلغان ئادەم ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ھالىتىدەك گۇناھدىن پاك بولىدۇ".

ھەج ئىبادىتى بولسا بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يىڭى بۇرۇلۇش پەيدا قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇلۇغ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈممەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. زامان ۋە ماكاننىڭ ئېتىبارىنى نەزەردە تۇتۇپ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئۈممەت ئۆزىنىڭ بارلىق سۈركىلىش، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشى، ھەج پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يىڭى بىر ھايات يولىنى تاللىشى كېرەك. ئىسلام دۇنياسىمۇ ئۆزىنىڭ يەرلىك، ئىقلىملىق، خەلقئارالىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشى، ھەج پۇرسىتى ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن بىرلىك، ھەمكارلىقنىڭ يېتەكچىسى بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىسلام ئۈممىتىمنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئەرزىيدىغان مۇھىم بولغان بىردىن- بىر مەسىلە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسىدۇر. قېرىنداشلىرىمىزنى زۇلۇم، مۇھاسىرىلەر ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەندۈردى. قېرىنداشلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشلەر يارىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. پەلەستىندىكى قېرىنداشلار ئىختىلاپلىرى پەلەستىن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىدىن يوقىتىپ قويۇشقا تاسلا قالدى.

ئىراقتىكى قېرىنداشلىرىمىز بولسا، ئۇرۇش ئاپىتىدە قەلبى قانغا تولغان، ئېچىنارلىق ئەھۋاللار ھەرقاچان ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ئىسلامىي قېرىنداشلىق، ئىمان رىشتىسى قېنى؟ بىز ئاللاھنىڭ بەيتىگە كەلگەن مىليونلارچە ھاجىلار نامىدىن پەلەستىن، ئىراقتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز. پەلەستىنگە بىشارەت بېرىمىزكى، غەلىبە، نۇسرەت سىلەر بىلەندۇر. ئۇندىن باشقا زېمىن يۈزىدە سىلە-بىز ئاۋازىنى ئاڭلىۋايماتقان، ئاۋازىنى تاشقىرىغا ئاڭلىتىشقا قادىر بولالمايۋاتقان ئۈن-تىنسىز قىرىلىپ كېتىۋاتقان مىليونلارچە قېرىنداشلىرىمىز بار بولۇپ ئاللاھتىن ئۇلارغا خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە، ھەقىقەت ۋە ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا دىننى تۇتقا قىلغان ھالدا تىنچلىق پرىنسىپى بىلەن ئۆز مۇجادىلىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز. بۇ ئۇلۇغ ھەج ئىبادىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئىلاھى ھىدايەت، ھەقىقەت، ئادالەت، مۇھەممەدى رەھمەت، تىنچلىق-ئامانلىق چاقىرىقىنى قىلىمىز. زۇلۇم، تەڭسىزلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشتەك جىنايەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ بەيتىگە كەلگەن ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى ھاجىلار بۇ ئۇلۇغ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشى، ھەج ئىبادىتىنىڭ مەقبۇل بولىشىغا تىرىشىشى، گۇناهلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا تىرىشىشى كېرەك. ھەج ئىبادىتى مۇيەسسەر بولمىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ زۇلھەججە ئاينىڭ ئاۋالقى ئونى بولغان ئۇلۇغ كۈنلەرنى بىكار ئۆتكۈزمەستىن ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىشى، سەدىقىنى كۆپ قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھاجىلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەج مۇئەسسەسەلىرىمۇ ھاجىلارنى بوزەك قىلىشتىن، ئۇلارغا ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ يامان نىيەت قىلماسلىقى كېرەك. ھاجىلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان دۆلەت مەسئۇللىرى، ئامانلىق ساقلاش خادىمىلىرىغىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، قىلغان خىزمىتىنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ئادا قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن ئامىن!.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 21 )
Go to the Top