ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 23/11/1429ھـ 2008-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا دىنى قېرىنداشلىق ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا بېغىشلىغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئارىسىدا ھۆرمىتىنىڭ ئېشىشى، قان، مىللەت رىشتىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا سۇسلاپ قالىدىغانلىقى، ئەمما مۆمىننىڭ قەلبىدە ئىمان كۈچەيگەنسېرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دىنى قېرىنداشلىق رىشتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-12-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/189682
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر
394 KB
: ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر.doc
2.
ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر
159.3 KB
: ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

 

ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر

 

2008- يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاللاھ بەندىلەرگە بەرگەن نېمەتلەر ئىچىدە دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ چوڭ نېمەتتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېمەتلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، دىنى قېرىنداشلىق ھەقىقەتەن چوڭ نېمەتتۇر.  ئاللاھ بۇ ھەقىقەتنى قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكى ئايەتتە ئوچۇق كۆرسەتكەن: «دۇنيادىكى بارلىق مۆمىنلەر بىر-بىرى بىلەن قېرىنداشدۇر» ئاللاھ قېرىنداشلىقنىڭ ئاساسى ساپ ئەقىدە، تۈۋرۈكى ئىمان ئىكەنلىكىنى يۇقىرىقى ئايەت بىزلەرگە بىلدۈردى. ئىمان شۇنداق بىر جازىبە كۈچكى، مۆمىنلەرنى بىر- بىرىگە يېقىنلىشىش، رەھىمدىللىك، مۇھەببەتكە چاقىرىدۇ. ئىمان ئۈستىگە  توپلاشقان دىللاردا بىر- بىرىگە  نەپرەت بولمايدۇ. ئىمان ئىگىلىرىنىڭ قەلبىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ مۇھەببىتى ئورۇنلاشقاندۇر. مۆمىنلەر جەمئىيىتىدە گەۋدىلەنگەن بىرلىك-باراۋەرلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ھەدىس شەرىپتە گەۋدىلەندۈرۈپ: «ئۆزئارا ھەمكارلىق، رەھىمدىللىقتا مۆمىنلەرنىڭ مىسالى خۇددى ئىنساننىڭ بىر گەۋدە جىسمىغا ئوخشاش بولۇپ، جىسىمنىڭ قايسى بىر يېرىگە ئاغرىق تەگسە بارلىق جىسىمغا ئوخشاشلا ئاغرىق تېگىدۇ» دېگەن. ئاللاھ -ئەززەۋەجەللە- مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى رىشتىنى ئەقىدە رىشتىسى بىلەن باغلاپ قويغان. قارايدىغان بولساق قان، مىللەت رىشتىسى بەزى ۋاقىتلاردا سۇسلاپ قالىدۇ، ھەتتا بۇزۇلغاندىن سىرت ئاداۋەت، دۈشمەنلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئەقىدە رىشتىسى بولسا، ھېچقاچان بوشاشمايدۇ، بۇزۇلمايدۇ، بەلكى مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئىمان كۈچەيگەنسېرى ئەقىدە رىشتىسى كۈچىيىپ بارىدۇ. دىنى قېرىنداشلىقنى مۇسۇلمانلار كەلىمە شاھادەت ئېيتقانلىرىدا داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىدۇ. نامازلىرى، روزىلىرى، زاكاتلىرى، ھەج قىلغانلىرىدا بۇ قېرىنداشلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى نامايەن بولىدۇ. ھەج مەۋسۇمى جەريانىدا تېخىمۇ روشەنلىشىپ ئاللاھنىڭ بەيتىگە كەلگەن ھاجىلار ئارىسىدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئالاھىدىلىكىنى كۆرەلەيمىز.  قېرىنداشلىق نېمىتىنى ھېس قىلغىنىمىزدا ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەھمىيەت بېرىش، ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش، دىنى قېرىنداشلىققا داغ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلماسلىققا تىرىشىمىز. دىنى قېرىنداشلار ئوتتۇرىدا جېدەل-ماجىرا قىلىش، تىللىشىپ ئۇرۇشۇش دىگەندەك ئەخلاقسىزلىقلار يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەردە شۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار يۈز بېرىپ قالغان تەقدىردە بۇ ئىشلار قېرىنداشلىققا داغ تەگكۈزىدىغان قىلىقلاردۇر. ئاللاھنىڭ قېرىنداشلىق نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغانلىقتۇر.

دىنى قېرىنداشلىقنىڭ شەرتلىرى، ھوقۇقلىرى بولۇپ، بۇنىڭغا  ھەربىر مۇسۇلمان رىئايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دىنى قېرىنداشلىقنى بۇزىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەركەت، پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.ئاللاھ بىزلەرنىڭ فىتنە ئىختىلاپلىرىمىزنى، تەپرىقە بۆلۈنۈشلىرىمىزنى خالىمايدۇ. بۆلۈنۈش ئاجىزلىقنىڭ دەرۋازىسىدۇر. دۇنيادا ۋەيران بولۇشنى خالىغان مىللەت، دىن ئەھلى ئارىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىغا داغ تەگكۈزۈش ئارقىلىق ۋەيران بولىدۇ.

ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارنى ھەقىقىي دىنى قېرىنداشلاردىن قىلسۇن! فىتنە-پاساتقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىسۇن!

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top