بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 30/11/1429 ھىجرى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ھاجىلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەسىھەت ۋە يوليورۇقلار، ھەج قىلغۇچىغا ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدىغان مەرھەمەتلەر، ھەج قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھنىڭ دۇنيا- ئاخىرەتتە ئاتا قىلىدىغان بۈيۈك مۇكاپاتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-12-17
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/188962
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى
366 KB
: بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى.doc
2.
بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى
163.1 KB
: بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە


 

 

 

ھەج ئۆمەكلىرى بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ

 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى مۇنبەرگە چىقىپ جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا سالام بېرىپ، ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن «ھەج ئۆمەكلىرى بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ھەج گورۇپلىرى بەيتۇلھەرەمنى، زېمىندا تىنچلىق سىمۋولى بولغان ئىسلام دىيارى ئىككى ھەرەمنى، ئىككى مۇقەددەس شەھەرنى مەقسەت قىلىپ ئۆز ۋەتىنىدىن ئاللاھنىڭ پەزلى- رەھمىتى، ئەپۇ قىلىشى ۋە ساۋابىنى ئۈمىت قىلىپ  كېلىۋاتىدۇ، ئاللاھ ناھايتى سېخى، مەرھەمەتلىك، كەرەملىك زات بولۇپ ئۆزىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغان بەندىسىنى ئۈمىدسىز قايتۇرمايدۇ. ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ خاس مېھمانلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ، سورىغان نەرسىلىرى بېرىلىدۇ.

ھەج ئىنساننى ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ. كىمىكى پىسق-پۇجۇردىن خالى ھەج قىلسا ئۇ كىشى ئانىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھتىن خالى قايتىدۇ. ھەقىقى قوبۇل بولغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدۇ. ھەر بىر تەلبىيە ئېيتىپ ماڭغان كىشىنىڭ ئوڭ-چەپ تەرىپىدىكى تاش، دەرەخ ۋە زېمىنلەرمۇ ئۇكىشىنىڭ تەلبىيەسىگە ئاۋاز قوشىدۇ. كىمىكى بەيتۇللاھنى  يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، بىر قۇل ئازات قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. كىمىكى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىش جەريانىدا باسقان قەدەملىرى بەدىلىگە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ بىر خاتالىقىنى ئۆچۈرۈپ يەنە بىر ياخشىلىق يازىدۇ. ھەجەر ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمانىينى سىلاش بىلەن ئىنساننىڭ خاتالىقلىرى تۆكۈلىدۇ، ئەنسارىلاردىن بولغان بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ھەج قىلسام ماڭا قانداق ئەجرى بېرىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: « سەن ئۆيۈڭدىن بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ چىقىپ ئۇلاغقا ياكى قاتناش ۋاستىلىرىغا ئولتۇرۇپ بىر قەدەم باسساڭ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ سەندىن بىر خاتالىقنى ئۆچۈرۈپ، ساڭا يەنە بىر ياخشىلىق يازىدۇ. ئەرەپاتتا تۇرغان ۋاقتىڭدا ئۇ كۈنى ئاللاھ تائالا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ ئەرەپاتتا تۇرغان كىشىلەر بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ، ئۇلار مىنىڭ بەندىلىرىم! چاڭ-توزاڭغا مىلەنگەن ھالەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىنىڭ رەھمىتىمنى ئۈمىت قىلىپ ئازابىمدىن قورقۇپ كەلدى، ئۇلار مىنى كۆرمىگەن، ئەگەر كۆرگەن بولسا قانداق قىلار ئىدى؟ دەيدۇ. گەرچە سىنىڭ قۇم دۆۋىلىرىدەك ياكى دۇنيانىڭ كۈنلىرىدەك ياكى ئاسماندىن تامچىلىغان يامغۇر تامچىلىرىدەك كۆپ گۇناھىڭ بولسىمۇ  ئاللاھ ئۇ گۇناھنى سەندىن ئۆچۈرىۋېتىدۇ، شەيتانغا تاش ئاتقان ۋاقىتڭدا سىنىڭ گۇناھىڭ كەچۈرۈم قىلىنغان، چېچىڭنى ئالدۇرۇش بىلەن ھەممە خاتالىقلىرىڭ تۆكۈلگەن بولىدۇ. بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلساڭ ئاناڭدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىسەن»دېدى.

ئاللاھنى كاتتىلاپ تەكبىر ئېيتىش نېمە دېگەن بۈيۈك ئىش، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنىڭ كاتتىلىغىچۇ-تېخى-!.

ئى ئاللاھنىڭ بەيتىگە كېلىپ ھەج-ئۆمرە قىلغۇچى ۋە زىيارەت قىلغۇچى قېرىنداشلار!. سىلەرنى توغرا ئەقىدە بۇيەرگە جەملەشتۇردى، دىنى قېرىنداشلىق بىرلەشتۈردى، بىر-بىرىڭلارغا كۆيۈمچان، مېھرىبان بولۇڭلار، ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇڭلار، پائالىيەت جەريانىدا ئىتىرىشماڭلار، قىستاشماڭلار، جېدەل- ماجرا قىلماڭلار، ياشانغان بىچارىلەرگە شەپقەتچى، ئازغۇنلارغا يول باشچى، ئاجىز، موھتاجلارغا ياردەمچى بولۇڭلار. خاتىرجەملىك، ئېغىر-بېسىقلىق، دوستلۇق، تەمكىنلىك، ئارامدىللىق ۋە ئاللاھتىن قورقۇشنى لازىم تۇتۇڭلار. چۈشىنىكسىز بولغان مەسىلىلەرنى ئالىملاردىن سوراڭلار، چۈشەنمەسلىكنىڭ دورىسى سوراپ بىلىشتۇر. ھەججىڭلارنى شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن تۈرلۈك بىدئەت-خۇراپاتتىن ساقلانغان ھالدا ئادا قىلىڭلار. ۋاپات بولغانلارغا ئېگىلىپ پۈكلەنمەڭلار، ئۆلۈكلەردىن شىپالىق تەلەپ قىلماڭلار، ئىشىك- دەھلىز، مۇنبەر- مېھرابلارنى سىلاش بىلەن بەرىكەت تەلەپ قىلماڭلار. گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق بولۇڭلار. بىراۋلارنى لەقەملىرى بىلەن چاقىرىشتىن، ئەيىبلەشتىن ۋە تىللىشىشتىن ساقلىنىڭلار. جېدەل-ماجرا، غەلۋە-غوۋغا، تالاش-تارتىش ۋە قۇرۇق سەپسەتە پاراڭلاردىن  تىلىڭلارنى يىغىڭلار. تەۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ خار، بىچارە، پۇشايمان قىلغۇچى، نادامەت چەككۈچى، كۆڭلى سۇنۇق ھاجەتمەن ئىكەنلىكىڭلارنى ئىزھار قىلىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتى چۈشىدىغان، دۇئا-تىلەكلەر ئىجابەت قىلىنىدىغان، ئىنساننىڭ دوزاختىن كەچۈرۈم قىلىنىشى ئېلان قىلىنىدىغان(ئاللاھ تەرىپىدىن) ئورۇنلاردا تۇرۇۋاتىسىلەر، ئورۇن بىلەن ۋاقىتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىڭلار.

ئاللاھ تائالا ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت ، كەمچىلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ھەججىنى قوبۇل ئەيلەپ، سەئيى- تاۋاپلىرىغا چەكسىز ئەجرى ئاتا قىلىپ، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ۋەتەنلىرىگە، ئەھلى پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يېتىپ بېرىشىنى تىلەيمىز.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 21 )
Go to the Top