ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: پەرز ھەجنى ئادا قىلىش بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ۋە ھاياتىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-11-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/185648
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى
360 KB
: ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى.doc
2.
ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى
158.3 KB
: ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى

 

2807- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

پەرز ھەجنى ئادا قىلىش بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ۋە ھاياتىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ئالى ھىكمەت ۋە نۇرغۇن پەزىلەتلىرى بولۇپ، بۇنى چۈشۈنۈپ ئەمەل قىلغانلار  تۆۋەندىكىدەك بۈيۈك ياخشىلىق ۋە پايدىلارغا ئېرىشىدۇ:

1- ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنى، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ سەپەر قىلىش بولسا، ئىنسانغا ئاللاھ ۋە ئاخىرەتكە بولغان سەپەرنى ئەسلىتىدۇ.

2- ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس دىيارغا بېرىش ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ئىلىپ مېڭىش ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى تىنچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ئىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق-تۈلۈك  تەقۋادارلىقتۇر».

3- سەپەر دېگەن ئازابنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ئاخىرەتكە قىلىنىدىغان سەپەرمۇ شۇنىڭدەك كاتتا بولىدۇ، ئىنساننىڭ روھىنىڭ تارتىلىشى، ئۆلۈم، قەبرە،  ئەرەسات قىيامەتتە يىغىلىش، ھېساب بېرىش، ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىنىشى، پىلسىراتتىن ئۆتۈش ئۇنىڭدىن كىيىن جەننەت ياكى دوزاخقا بېرىش بولىدۇ، ئاللاھ نىجاتلىق ئاتا قىلغان كىشى بەختكە ئېرىشكەن بولىدۇ.

4- ئىنسان ئېھرام كىيىمى كىيگەندە ئۆزىنىڭ قاچان بولسۇن بىر كۈنى مۇشۇنداق كېپەنلىك كىيىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ، بۇ ئىش ئىنساننى بارلىق گۇناھ- مەسىيەتتىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىدۇ، شۇنىڭدەك كىيىم-كىچەكتىن خالى بولۇش گۇناھ- مەسىيەتتىن خالى بولۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئېھراملىق ئىككى پارچە ئاق كىيىمنى كىيىش بىلەن ئۆزىنىڭ قەلبى ۋە باشقا ئەزالىرىنى گۇناھ- مەسىيەتنىڭ قارا داغلىرىدىن پاكىزە تۇتۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

5- مىيقاتتا ئېھرام كىيىپ: لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە دېيىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئەگەر قەلبىدە گۇناھ- مەسىيەتلەر قالغان بولسا بۇ سۆزنى دېيەلمەيتتى.

6- ئېھراملىق ھالەتتە چەكلەنگەن ئىشلارغا رىئايە قىلغانلىقى، دائىم ئاللاھنى ئەسلەپ تەلبىيە ئېيتىپ تۇرغانلىقى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەھۋالى دائىم ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆز نەپسىنى -ئەسلىدە دۇرۇس بولسىمۇ- مۇشۇ ھالەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىققا ئادەتلەندۈرۈش بىلەن، ئاللاھ ھەر زامان-ماكاندا قىلىشنى ھارام قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىشكە ئادەتلەندۇرىدۇ.

7- ئاللاھ كىشىلەرگە تېنچ-خاتىرجەم ئورۇن قىلىپ بەرگەن ھەرەم-بەيتۇللاھغا كىرىش بىلەن قىيامەت مەيدانىدىكى تېنچ-خاتىرجەملىكنى ئەسلەيدۇ، بۇنىڭغا ئىنسان كۆپ جاپا-مۇشەققەت تارتىپ تىرىشقاندا ئېرىشەلەيدۇ، قىيامەتتىكى تىنچلىققا ئېرىشىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئەڭ كاتتا ئىش ئاللاھنى بىر بىلىپ شېرىكتىن ساقلىنىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئازابتىن قۇتۇلۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانغا مۇشرىكلىكنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر».

ھەجدىكى ئەمەللەردىن يەنە بىرى ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈش بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزىنىڭ سۈننەتنى كاتتىلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن يولغا قويغان ئىبادەتلىرى ئالى ھىكمەت ۋە ياخشىلىق بىلەن  يولغا قويۇلغان بولۇپ بۇنى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاددى ئەقلى بىلەن ئەمەس سۈننەتكە ئەگىشىش بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتى ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈپ بولغاندىن كىيىن:" سەن ئىنسانغا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ سۆيمەيتتىم" دېدى.

8- كەبىنى تاۋاپ قىلىش جەريانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى، ئۇنىڭ كەبىنى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىدىغان، تىنچلىقنى بەرپا قىلىدىغان جاي بولسۇن دەپ  ياسىغانلىق ئەھۋالىنى، كىشىلەرنى ھەج قىلىشقا چاقىرغان نىداسىنى ئەسلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كىشىلەرنى ھەج قىلىشقا چاقىرغان، مۇسا ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ھەج قىلغان، بەيتۇللاھ ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ بەلگىسى بولغان، ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كەبىنى ياساپ كاتتىلاشقا بۇيرىغان.

9- زەمزەم سۈيىنى ئېچىش بىلەن ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئېچىشى بىلەنمۇ ئۈزۈلۈپ قالماستىن ۋە توختاپ قالماستىن  داۋاملىشىۋاتقان بۇ مۇبارەك سۇدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ كاتتا نېمىتىنى ئەسلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك سۆزلىرى بىلەن زەمزەم ئىچكەندە خالىغان دۇئانى قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ:« ھەقىقەتەن زەمزەم سۈيى نېمە مەقسەت قىلىپ ئىچىلسە شۇنىڭغا مەنپەئەت قىلىدۇ». ئىبنى ماجە دىن.

10-  ساپا-مەرۋە ئارىسىدا ماڭغاندا بۇ كاتتا مۇشەققەتكە ھاجەر ئانىمىزنىڭ ئەينى زاماندا دۈچكەلگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا ئۆزى دۈچكەلگەن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كىچىك ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئىزدەپ ھەرىكەت قىلىپ ماڭغان، بۇ ئايالنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقلارغا چىداپ ئاللاھ بىلەن پاناھلانغانلىقى بىز ئۈچۈن ياخشى ئۆرنەكتۇر. ئەر كىشى بۇ ئايالنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىپ سەبرى قىلغانلىقىنى ئەسلىسە،  ھاياتتا ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلار يەڭگىل تۇيۇلىدۇ، ئاياللارمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئايالدىكى مۇستەھكەم ئەقىدە، تەۋرەنمەس ئىرادە، تەۋەككۇلچىلىك روھىنى ئەسلىگىنىدە ئۆزى دۈچكەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئۇنتۇيدۇ.

11- ئەرەپات مەيدانىدا تۇرۇش كىشىلەرگە قىيامەت مەيدانىنىڭ قىستاڭچىلىقىنى ئەسلىتىدۇ، ھەج جەريانىدا قىستىلىپ جاپا چەككەن بولسا قىيامەتتە يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ھالەتتە خالايىقلارنىڭ قىستاڭچىلىقىغا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟!.

12- ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈش توغرىسىدا ئېيتىلغىنىدەك، شەيتانغا تاش ئېتىشتىمۇ مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنى ئىتائەت قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ئادەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

13- مال بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىش بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ تۇنجى ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى  بوغۇزلاشقا ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق- چەكلىمىلىرىگە زىت كىلىدىغان ئاتىلىق مېھرىبانلىقنىڭ يوقلىقىنى ئەسلەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى  قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىغان بۇ ئايىتىنى ئەسلىتىدۇ: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا ئۇنىڭغا مېنى سەبىر قىلغۇچى تاپىسەن».

14- ئېھرامدىن چىققاندىن كىيىن ئاللاھنىڭ ئېھرام سەۋەبىدىن چەكلىگەن ئىشلارنىڭ ھالال بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا سەۋرى قىلغانلىقىنى، قىيىنچىلىقتىن كىيىن ئاسانلىق بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خۇرسەنلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇ خۇرسەنلىكنى  پەقەت تائەت- ئىبادەتنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان كىشىلەرنىڭلا ھېس قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. خۇددى روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغاندا، كېچىنىڭ ئاخىردا تۇرغۇچى قىيامدا تۇرغاندا خۇرسەن بولغاندەك.

15- ھەج پائالىيەتلىرىنى ئاللاھ بۇيرىغان رەۋىشتە ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەدە قىلغاندەك: «پىسق-پۇجۇردىن ساقلىنىپ ھەج قىلغان كىشى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ»،. ئاللاھتىن ئۆزىنىڭ بارلىق گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىشنى سوراپ، گۇناھدىن خالى بولغان يىڭى ھايات سەھىپىسى ئېچىشنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ.

16- ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ ئەھلى- بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خۇرسەن بولۇش ئاللاھنىڭ جەننىتىدە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت چوڭ خۇرسەنلىكنى ئەسلىتىدۇ.  ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر». ھەقىقى زىيان تارتقۇچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنى ۋە ئەھلىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز تائىتىگە مۇيەسسەر قىلىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 23 )
Go to the Top