تريد السفر للحج مع حملة دون مَحرم

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: تريد السفر للحج مع حملة دون مَحرم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: أريد الحج فهل يجوز لي السفر للحج مع حملة؟ إذا كان لا يجوز، فكيف لي أن أؤدي هذا الركن من أركان الإسلام حيث لا يوجد لي أي محرم ؟
تأريخ الإضافة: 2008-11-10
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/184607
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟
973 KB
فتح: ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟.doc
2.
ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟
111.1 KB
فتح: ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟

 

5207- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن ئائىلىدە يالغۇز قىز، مەن توي قىلغان، ھازىر ئىككى بالام بار، يولدىشىم بىلەن ئامېرىكىدا ياشايمەن، باشقا تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرقتە ياشايدۇ، يولدىشىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ، مىنىڭ ھەج قىلىش شارائىتىم تولۇق، ھەج ئۆمەكلىرى بىلەن بىرگە پەرز ھەجنى ئادا قىلسام بولامدۇ؟ ئەگەر بۇنداق قىلىش توغرا بولمىسا مەن بۇ پەرزنى قانداق ئادا قىلىمەن؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئاياللارنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن مەھرەمنىڭ بىرگە بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر بىرگە ھەج قىلىدىغان مەھرەم تېپىلمايدىكەن ئۇ ئايالنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرى تولۇقلانغان بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئاياللارنى يالغۇز سەپەر قىلىشتىن چەكلىگەن، سىزگە مەھرەم تېپىلمايدىكەن  ھەجمۇ پەرز بولمايدۇ. سەبرى قىلسىڭىز ئاللاھ  سىز بىلەن بىرگە ھەج قىلىدىغان مەھرەم ئىشىنى ئوڭۇشلۇق قىلسا ئەجەب ئەمەس. سىز ئۆزۈرلۈك بولغاندىن كىيىن گۇناھكار بولمايسىز، ھەج ئۆمەكلىرى بىلەن بىرگە كېلىپ ھەج قىلىشىڭىز توغرا ئەمەس.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى ۋە ئەرلەرنىڭ مەھرەمسىز ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرىشى توغرا ئەمەس، دېگەندە، بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! مەن جىھادقا چىقىشقا تىزىملاتقان، ئايالىم ھەجگە بارماقچى ئىدى؟ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشىگە، سەن ئايالىڭ بىلەن ھەجگە بىرگە بارغىن دەيدۇ». بۇ 1729-نومۇرلۇق ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان. شۇ ۋاقىتتىمۇ ھەج قىلغۇچىلار مەدىنەدىن ھەجگە تەشكىللىنىپ كېلەتتى، شۇنداق تۇرۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قىلىشىنى چەكلىگەن.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.    

Go to the Top