قراءة القرآن أثناء الحيض

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: قراءة القرآن أثناء الحيض
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل يمكن للمرأة أن تقرأ القرآن أثناء فترة الحيض أو الدورة الشهرية ؟
تأريخ الإضافة: 2008-11-06
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/184296
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-خانىملارنىڭ ھەيزدار ۋاقتىدا قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى
981.5 KB
فتح: قىز-خانىملارنىڭ ھەيزدار ۋاقتىدا قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى.doc
2.
قىز-خانىملارنىڭ ھەيزدار ۋاقتىدا قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى
125.7 KB
فتح: قىز-خانىملارنىڭ ھەيزدار ۋاقتىدا قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى.pdf
نبذة موسعة

 

 

قىز-خانىملارنىڭ ھەيزدار ۋاقتىدا قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

 

2564-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئاياللار ھەيزدار ۋاقىتلىرىدا قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر.

كۆپچىلىك پىقھىشۇناس ئالىملار ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرۈپ پاكىزلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا قۇرئان ئوقۇشى توغرا ئەمەس(ھارام)، قۇرئان تىلاۋىتىنى مەقسەت قىلماستىن بەلكى زىكىر بىلەن دۇئانى مەقسەت قىلىپ يادقا ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم، ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن،(بىزنى ئاللاھ ياراتقان بىز ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز) ۋە رەببەنا ئاتىنا پىددۇنيا ھەسەنە .......( ئى ئاللاھ بىزگە دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن) دېگەنگە ئوخشاش ئومۇمى زىكىر ياكى دۇئا مەنىسىدە كەلگەن قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئۇلار ئاياللارنىڭ ھەيىزدار ھالىتىدە قۇرئان ئوقۇشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى توۋەندىكى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايدۇ:

1- ئاياللارنىڭ ھەيزدارلىق ھالىتى جۇنۇپلۇق ھالىتىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ ھەر ئىككىلىسىگە غۇسلى قىلىش پەرز قىلىنغان. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتەتتى ۋە جۇنابەتتىن باشقا ئىش قۇرئان ئۆگۈتۈشتىن چەكلەپ قويمايتتى دېيىلگەن». بۇ ھەدىس ئەبۇ داۋۇد(1281)، تىرمىزىي(146)، نەسائىي(1144)، ئىبنى ماجە(1207)، ئەھمەد(184)، ئىبنى خۇزەيمە (1 104) قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام تىرمىزىي: بۇ ھەدىسنى ياخشى سەھىھ ھەدىس دېگەن. ھاپىز ئىبنى ھەجەر: ھەقىقەتتە بۇ ھەسەن بولغان ھەدىسلەردىن بولسىمۇ ئەھكامدا ھۆججەت قىلىشقا بولىدۇ دېگەن.

2- ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەيىزدار ئاياللار بىلەن جۇنۇپ بولۇپ قالغان كىشىلەر قۇرئاندىن ھېچ نەرسە ئوقۇمىسۇن». بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي(131)، ئىبنى ماجە(595)، بەيھەقىي(189)، دارى قۇتنىي(1117) قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە(21460) تە: بۇ ھەدىسنى ھەدىسشۇناس مەشھۇر ئالىملار زەئىپ دەپ قارايدۇ دېگەن. نەسبۇررايە(1195) ۋە تەلخىس ئەلھۇبەير(1183) ناملىق ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

بىر قىسىم ئالىملار ھەيىزدار ئاياللار قۇرئاننى يادقا ئوقۇسا (قۇرئان كەرىمنى تۇتماستىن) دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئىمام شەۋكانىمۇ ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى كۈچلاندۇرۇپ تۆۋەندىكى دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ:

1- قۇرئان ئوقۇش ئەسلىدە توغرا بولغان ھالال ئىش بولۇپ بۇنىڭدىن چەكلەش ئۈچۈن كەسكىن دەلىل بولىشى كېرەك. بۇ يەردە ھەيىزدار ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلەيدىغانغا ئوچۇق كەسكىن دەلىل يوق. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە: "ھەيىزدار ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلەيدىغان ئۈچۈن شەرىئەتتە كەسكىن تېكىست يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىمۇ ئاياللار ھەيز كۆرەتتى، ئۇلار ھەيىزدار ھالىتىدە زىكىر ئېيتىپ دۇئا قىلىشتىن چەكلەنمىگەندەك قۇرئان ئوقۇشتىنمۇ چەكلەنمىگەن"دەيدۇ.

2-  ئاللاھ بەندىلەرنى قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرىدى، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇغانلارنى ماختاپ ئۇلارغا كاتتا مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئوچۇق دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا ھېچ نەرسە ئۇلارنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەپ قويمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەيىزدار ئاياللارنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەيدىغان ئوچۇق دەلىل يوق.

3- ھەيىزدار ئاياللارنى جۇنۇپ بولۇپ قالغان كىشىلەرگە ئوخشىتىش توغرا ئەمەس، چۈنكى جۇنۇپ بولۇپ قالغان كىشىدە دەرھال غۇسلى قىلىپ پاكىز بولۇش ئىختىيارلىقى بار، ھەيىزدار ئاياللاردا بۇنداق ئىختىيارلىق يوق، بەزەن ۋاقىتتا ھەيزنىڭ مۇددىتى ئۇزۇراپ كېتىدۇ، ئەمما جۇنۇپ بولغان كىشى ناماز ۋاقتى بولغاندا غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇلغان.

4- ھەيىزدار ئاياللارنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەش بىلەن ئۇلار كۆپ ئەجىردىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھەتتا قۇرئان ئوقۇشنى ئۇنتۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن، تەلىم ئىلىش ياكى باشقىلارغا ئۆگۈتۈش جەريانىدا قۇرئان ئوقۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

يۇقۇرىدىكى دەلىللەردىن ھەيىزدار ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى توغرا دېگەن قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئوچۇق بولدى، ئەمما ئاياللار ئېھتىيات قىلىپ پەقەت ئۇنتۇلۇپ قىلىشتىن قورۇققان ۋاقتىدىلا ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە: يۇقىردا ھەيىزدار ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى توغرا دېگەن قاراش پەقەت قۇرئاننى تۇتماستىن يادقا ئوقۇسا بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت، ئەمما ئۇلارنىڭ قۇرئاننى تۇتۇپ ئوقۇشى كۈچلۈك قاراشتا توغرا ئەمەس، چۈنكى تاھارەتسىز كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشى توغرا ئەمەس، ھەيىزدار ئاياللارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« قۇرئاننى پەقەت پاك بولغان كىشىلەرلا تۇتىدۇ». ئەمىر ئىبنى ھەزمىنىڭ قولىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەمەن ئەھلىگە يازغان خېتىدە:«دىققەت! قۇرئاننى پەقەت پاك كىشىلەرلا تۇتسۇن» دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام مالىك(1199)، نىسائىي(857)، ئىبنى ھىببان(793)، بەيھەقىي(187) قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان. ھاپىز ئىبنى ھەجەر: بۇ ھەدىسنىڭ مەشھۇرلىقى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئالىملار سەھىھ دېگەن دەيدۇ.

ئىمام شاپىئي: ئۇ ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئەمىر ئىبنى ھەزمىنىڭ قولىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتكەن خېتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

ئىبنى ئابدۇل بەر: تارىخشۇناش ۋە ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىدا بۇ مەكتۇپ توغرىسىدىكى ھەدىس مۇتەۋاتىر (يەنى كۆپلىگەن ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس دەرىجىسىدە) ھەدىستەك مەشھۇر بولغاچقا قوبۇل قىلغان بولۇپ  بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى دەيدۇ.

شەيخ ئەلبانىي بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. تەلخىسىل ھۇبەير(417)، نەسبۇررايە(1196)، ئىرۋائۇل غەلىيل(1159)، ھاشىييەتى ئىبنى ئابىدىين (1159)، ئەلمەجمۇئ (1356)، كەششاپۇل قەننائ (1147)، ئەلمۇغنىي(3461)، نەيلىل ئەۋتار(1226)، پەتىۋالار مەجمۇئەسى (21460)، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شەرھۇلمۇمتىئ (1291) قاتارلىق ئەسەرلەرگە قارالسۇن.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيىزدار ئاياللار قۇرئان ئوقۇسا قۇرئاننى قولىدا تۇتماستىن بەلكى قولىغا پەلەي كىيىپ ياكى پاكىزە لۆڭگە ياكى ياغلىقتەك نەرسىلەرنى ئوراپ تۇتۇشى، قەلەمگە ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ۋاراقنى ئۆرۈپ ئوقۇشى لازىم، ئەمما قۇرئاننىڭ تاشقىرى مۇقاۋىسىنى تۇتۇپ ئوقۇش خۇددى قۇرئاننى تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ. ئىشنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.


 

 

Go to the Top