نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 10/10/1429 ھـ / 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى، مۇسۇلمان كۈندىلىك ھاياتىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نەپلە نامازلارغا ھېرىس بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئاخىرەتتىكى ئەجرى، ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار قاتارلىق مەسىلىلەردە تەپسىلى توختىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-10-18
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/179670
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا
1004.5 KB
: نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا.doc
2.
نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا
154.5 KB
: نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا

 

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ غا مەنسۇپتۇر، ئاللاھنى ماختايمىز، ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز، ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمىز، ئاللاھدىن ھىدايەت تەلەپ قىلىمىز، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىمىز . ئاللاھ توغرا يولغا يېتەكلىگەن كىشىنى ئازدۇرىۋەتكۇچى يوق، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى مەدەتكار يوق . ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق يەككە - يىگانە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن . ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئەمەللەرنىڭ ياخشىسى ۋە داغدام يول ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش بىلەن تەقۋالىق يولىدا مېڭىشتىن ئىبارەت بولۇپ كىچە- كۈندۈز ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار، ئاشكارا- يوشۇرۇن ئىشلاردا تەقۋالىقنى ئاساس قىلىڭلار.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى ئىكرام قىلىپ دەرىجىلەرنى ئۈستۈن قىلىش ۋە خاتالىقلارنى كەچۈرۈم قىلىش ئۈچۈن ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن نەپلە نامازلار بولۇپ سەھىھ بولغان ھەدىس قۇدسىىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن : «بەندەمنىڭ ماڭا مەن پەرز قىلغان ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقا ھەرقانداق ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدېگىنىدىنمۇ سۆيۈملۈكتۈر، بەندەم بۇيرۇلغان پەرز ئەمەللەردىن سىرت ماڭا قوشۇمچە(يەنى نەپلە)ئەمەللەر بىلەن يېقىنلىشىدۇ، ھەتتا مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن......».      نەپلە نامازنى كۆپ ئوقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئاساسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەبىئە ئىبنى كەئەب ئەسلىمىگە :« مەندىن سورىغىن» دېدى، ئۇ كىشى: مەن سىلىدىن جەننەتتىمۇ سىلىگە ھەمرا بولۇشنى سورايمەن - دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« باشقىسى يوقمۇ؟» دېدى، ئۇ كىشى پەقەت مۇشۇ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇنداقتا ئۆزەڭ سەجدىنى كۆپ قىلىش بىلەن ماڭا ياردەم بەرگىن»-دېدى.(مۇسلىمدىن).

ئى مۇسۇلمانلار! نەپلە نامازلارنىڭ ئەۋزىلى ۋە دائىم ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگىنى ۋىتىر نامىزى بولۇپ، ئاللاھ تائالا تەقۋادار كىشىلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:« ئۇلار كېچىدە ئاز ئۇخلايتتى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ سىلەرگە بىر ناماز بىلەن ياردەم بەردى، ئۇ ۋىتىر نامىزىدىن ئىبارەت، ئۇنى خۇپتەندىن كىيىن بامدات ۋاختىغىچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇڭلار».

ئى مۇسۇلمانلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرقانچە ھەدىسلەردە بايان قىلغىنىدەك، كىمىكى كېچىدە تۇرۇشقا قادىر بولالىسا ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسا ياخشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھغا سۆيۈملۈك بولغان ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىدۇر، ئۇ زات كېچىنىڭ يېرىمىغىچىلىك ئۇخلاپ، قالغان يېرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئىبادەت قىلىپ ئاندىن شۇ قالغان يېرىمىنىڭ ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلايتتى» ( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ۋىتىرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغىنى بىر رەكئەتتىن تا ئۆن بىر رەكئەتگىچە ئوقۇلسا بولىدۇ. ۋىتىر نامىزى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلۇپ ئاخىرقى بىر رەكئەت تاق ئوقۇلىدۇ، ئەمما كۆپ ئوقۇشنىڭ بەلگىلىمىسى يوق بولۇپ ئىنسان قانچىلىك ئوقۇسا بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كېچىلىك ناماز ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن بولىدۇ، كىمكى تاڭ سۈزۈلۈپ قېلىشتىن قورقسا، ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇۋالسۇن» (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغاندەك، ۋىتىر نامىزىنى ئون رەكئەتنى ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇپ 10- رەكئەتتە تەشەھۈدتە ئولتۇرۇپ سالام بەرمەي تۇرۇپ بىر رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھۈد ئوقۇپ سالام بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۈچ رەكئەت، بەش رەكئەت ۋە يەتتە رەكئەتنى ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇپ ئاخىرقى رەكئەتتە تەشەھۈدتە ئولتۇرۇپ سالام بېرىپ تاماملىسىمۇ بولىدۇ ياكى ئالتىنچى رەكئەتتە ياكى سەككىزىنچى رەكئەتتە تەشەھۈدتە ئولتۇرۇپ سالام بەرمەي تۇرۇپ بىر رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھۈد ئوقۇپ سالام بەرسىمۇ بولىدۇ .

بەزەن ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: يۇقۇرىدىكى ۋىتىر نامىزىنىڭ تۈرلىرى بولۇپ بۇنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان، سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنى ئىستىگەن كىشىلەرنىڭ بەزەن ۋاقىتتا مۇشۇ تۈر بويۇنچە ۋىتىر نامىزى ئوقۇسا سۈننەتكە مۇۋاپىق ئوقۇغان بولىدۇ، بۇ مۇستەھەپ دېيىلىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! مۇسۇلمان ۋىتىر نامىزى ئوقۇغاندا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشى كېرەك، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇغا تەلىم بەرگەن سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە ئوقۇغان نامازلىرىنى تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ قارىشىدا بەزەن ۋاقىتتا ۋىتىر نامىزىنى قۇنۇت ئوقۇماي ئوقۇشنىمۇ تەكىتلەنگەن.

قۇنۇتنى رۇكۇدىن كېيىن ئوقۇش ياخشى، ئەگەر رۇكۇدىن بۇرۇن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغاندەك، ۋىتىر نامىزىدىن كىيىن ئۈچ قېتىم «سۇبھانە مەلىكىل قۇددۇس» دېيىشىمۇ مۇستەھەپ بولىدۇ ( بۇنى دارىي قۇتنى سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان).

قېرىنداشلار! نەپلە نامازلارنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگىنى پەرز نامازلاردىن كىيىن ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلاردۇر، ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« قانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھ ئۈچۈن كۈندە 12رەكئەت پەرزدىن باشقا نەپلە ناماز ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئوي بىنا قىلىدۇ» (مۇسلىمدىن).

بۇ نامازلارنى ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملار بۇ بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت، پېشىننىڭ ئالدىدىكى تۆت رەكئەت ۋە كېيىنكى ئىككى رەكئەت، شامنىڭ ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەننىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى دەپ بايان قىلغان . ئەۋزىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغاندەك بۇ نامازلارنى ئۆيدە ئوقۇش،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئى خالايىق! سىلەر ئۆيلىرىڭلاردىمۇ ناماز ئوقۇڭلار، چوقۇمكى، پەرزدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل ناماز ئۆيدە ئوقۇلغان نامازدۇر» (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس) . بۇ سۈننەت نامازلارنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگىنى بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بولۇپ بەزەن ئالىملار بۇنى ۋاجىپ دەپ قارىغان، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە نامازلىرى ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلەتتى»(بىرلىككە كەلگەن ھەدىس) . مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى، دۇنيا ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر»، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى ۋە ۋىتىرنى سەپەردىمۇ ۋە مۇقىم تۇرغان ۋاقىتلىرىدىمۇ تەرىك قىلماي ئوقۇيتتى . كۆپچىلىك ئالىملار بولۇپمۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييۇمدىن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەپەردە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى ۋە ۋىتىردىن باشقا سۈننەت نامازلارنى ئوقۇمىغانلىقى تەكىتلەنگەن . ئەمما سەپەردە كېچىدە تەھەججۈد نامىزى، چاشكا نامىزى ۋە ئىككى رەكئەت تەھەييەتۇل مەسچىت نامىزىنى ئوقۇش رۇخسەت قىلىنغان.  

ئى مۇسۇلمانلار! سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، كىمىكى سۈننەت نامازلارنى ئوقۇيالماي قالسا كىيىن بۇنىڭ قازاسىنى ئوقۇشى تەكىتلەنگەن . كېچىدە ئۇخلاپ قىلىپ ياكى مەلۇم سەۋەبلەردىن ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇيالماي قالغان بولسا بۇنى كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇشقا بۇيرۇلغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:« كىمىكى ئۇخلاپ قىلىپ ياكى ئۇنتۇلۇپ قىلىپ ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇيالمىغان بولسا، ئويغانغان ھامان ياكى ئېسىگە كەلگەندە ئوقۇسۇن» دېيىلگەن . بۇنىڭ قازاسىنى كېچىدە ئوقۇغاندەك قىلمىسىمۇ بەلكى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ يەنە بىر رەكئەتنى يالغۇز ئوقۇسا كۇپايە قىلىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە : «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئۇخلاپ قىلىپ ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ناماز ئوقۇيالمىسا كۈندۈزدە 12 رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى» دېيىلگەن.

ئى مۇسۇلمانلار! پىقھى تەتقىقات ئالىملىرى بايان قىلغان تەكىتلەنمىگەن سۈننەت نامازلار بولۇپ، بۇنىڭدىن تۆت رەكئەت پېشىندىن ئىلگىرى ۋە تۆت رەكئەت پېشىندىن كىيىن ئوقۇلىدىغان سۈننەتلەر، ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت سۈننەت ۋە پېشىندىن كىيىن تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ»(ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىيدىن).

ئەسىردىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئەسىردىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت نەپلە ئوقۇغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن»(ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىيدىن).

ئى مۇسۇلمانلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان ۋە ساھابىلار ئەمەلىي ئوقۇغان كۆپچىلىك ئالىملار تەكىتلىگەن نەپلە نامازلاردىن شام نامىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت سۈننەت ناماز، شۇنىڭدەك مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەر ئەزاندىن كىيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش ياخشى، سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر ئىككى ئەزاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناماز بار»( يەنى ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا).                              

ئى مۇسۇلمانلار! سۈننەت بولغان نامازلاردىن چاشكا نامىزى بولۇپ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى : « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى بۇيرىدى، چاشكا نامىزى شۇنىڭدىن بىرى » دېگەن . شۇنىڭدەك بۇ ناماز ئەبۇ زەر ۋە ئەبۇ   دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇلارغىمۇ بۇيرۇلغان، بۇ نامازنى ئوقۇشنىڭ ۋاقتى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن باشلاپ پېشىن ۋاقتى كىرگىچە بولۇپ ئاز بولغاندا ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدۇ، كۆپ ئوقۇشنىڭ بەلگىلىمىسى يوق . ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز بولغاندا تۆت رەكئەت چاشكا نامىزى ئوقۇيتتى، خالىسا زىيادە قىلاتتى ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سۈننەتلىرىدىن، كىشىلەرنى بامدات نامىزىدىن كىيىن كۈن چىققىچە ناماز ئوقۇغان جايدا ئولتۇرۇپ زىكىر ئېيتىشقا ۋە ئىككى رەكئەت نەپلە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن، بۇنىڭغا تولۇق ھەج - ئۆمرە قىلغاننىڭ ئەجرى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ھەدىسلەرنىمۇ ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملار بايان قىلغان.

ئى مۇسۇلمانلار! سۈننەت بولغان نەپلە نامازلاردىن تەۋبە قىلىش نامىزى بولۇپ ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كىيىن تاھارەت ئىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ» دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:« تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ......».

سۈننەت بولغان نەپلە نامازلاردىن تاھارەت ئالغاندىن كىيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش بولۇپ بۇنىڭ ساۋابى ناھايتى كاتتا بولىدۇ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلالغا:« ھەي بىلال ئىسلامدا قىلغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئەمىلىڭنى ماڭا سۆزلەپ بەرگىن، مەن جەننەتتە سىنىڭ ئاياغ تىۋىشىڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم» دېدى، بىلال: كېچە ياكى كۈندۈزنىڭ قايسى ۋاقتىدا تاھارەت ئالسام، شۇ تاھارىتىم بىلەن مېنىڭ ئوقۇشۇمغا نېسىپ بولغان نامازدىن ئۈمىدلىكرەك ئەمىلىمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن- دېدى.(بىرلىككە كەلگەن ھەدىس) . ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى تاھارەتنى كامىل ئالسا، ئۇنىڭ خاتالىقلىرى بەدىنىدىن چىقىپ كېتىپلا قالماي، ھەتتا تىرناقلىرىنىڭ ئاستىدىنمۇ چىقىپ كېتىدۇ» . يەنە بىر ھەدىستە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەن ئالغان تاھارەتتەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن: « كىمكى مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى ۋە مەسچىتكە ماڭغان قەدىمى ھەسسىلەپ ساۋاپ ئېلىشقا سەۋەپ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(مۇسلىمدىن).

قېرىنداشلار! ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە بۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشكە ئالدىراڭلار . ئى ئاللاھ! ھەممەيلەننىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغىن، ئى رەھىملىك رەببىمىز بىزنى ئۆز رەھمىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن .

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇستەھكەم شەرىئەت بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھغا خاستۇر، ھەممىدىن غالىپ، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولغان ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، كەرەملىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن . ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە قىيامەتكىچە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، كىمكى تەقۋا بولىدىكەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىدۇ ۋە دۇنيا- ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدۇ.

دىنى قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن مەلۇم ۋاقىتلار بولۇپ بۇنى پىقھى ئالىملار چەكلەنگەن ۋاقىت دەپ ئاتايدۇ، بۇ ئۈچ خىل ۋاقىتتىن ئىبارەت؛ بىرىنچى: بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كۈن چېقىپ كۆتۈرۈلگىچە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ . ئىككىنچى: كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتىن كۈن غەرپكە ئېگىلگىچە بولغان ئارىلىقتا . ئۈچىنچى: ئەسىر نامىزىدىن كىيىن كۈن پاتقۇچە مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس، لېكىن بۇ ۋاقىتلاردا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازلارنى ئوقۇغۇلى بولىدۇ . مەسىلەن: تاۋاپتىن كىيىن ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت، مەسچىتكە كىرگەندە ئوقۇيدىغان ئىككى رەكئەت، تاھارەتتىن كىيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكئەت نامازلار ۋە جىنازە نامىزى قاتارلىقلار بولۇپ ئالىملارنىڭ ساغلام كۆز قاراشلىرىدا بۇ نامازلارنى چەكلەنگەن ۋاقىتتىمۇ ئوقۇسا بولىدۇ دېيىلگەن.

ئى مۇسۇلمانلار! كىشىلەر ھازىر دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان، شىركەتلەر ۋەيران بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي كىرزستىن بىئارام بولماقتا، بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادقا سەل قاراشتىن كېلىپ چىققان، تارىخقا نەزەر سالغان كىشىلەر بۇنى چۈشىنىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ پرىنسىپىنىڭ سىرتىدا تۈزگەن قانۇن- پرىنسىپلىرى ئۇلارنى ھەرگىزمۇ بەختلىك قىلالمايدۇ بەلكى دۇنيا- ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ، بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ پرىنسىپىغا قارشى چىقىپ ئۇلارغا ئۇرۇش ئىلان قىلىپ دۇنيانىڭ پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىنى جازانىخورلۇق پرىنسىپى بىلەن باشقۇرغانلىقنىڭ، دۇنيانى دىندىن يۇقىرى بىلگەنلىكنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدىن يىراق بولغانلىقنىڭ ئاقىۋىتى . ئاللاھ قۇرئان- كەرىمدە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ جازانىنىڭ بەرىكىتىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ بەرىكىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر بىر ناشۈكۈر( يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ» . يەنە مۇنداق دەيدۇ:« ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر جازانە قىلىشتىن تەۋبە قىلساڭلار، قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر».

ئى دۇنيا خەلقى! ئاللاھ سىلەرگە ياخشى بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇ پەيغەمبەر سىلەرگە كامىل شەرىئەت ۋە ساغلام ئەقىدە ئىلىپ كەلدى، دىندا مۇستەھكەم تۇرساڭلار سىلەرنىڭ ئىككىلى دۇنيادا بەخت - سائادەتمەن بولۇشىڭلارغا كېپىللىك قىلدى. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دىنىنى تونۇڭلار، پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىڭلار، كۆرسەتكەن پرىنسىپى بويۇنچە ئىش قىلساڭلار، دۇنيا- ئاخىرەتنىڭ خارلىقى- رەسۋالىقىدىن ساقلىنىپ نىجاتلىققا ئېرىشىسىلەر.

ئاللاھ تائالا بىزنى ناھايتى بۈيۈك بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت، ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز. ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن،  سىنىڭ سېخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن، ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زۇلمىدىن ساقلىغىن .

ئى ئاللاھ! مۆمىن ئەر ئاياللارنى، مۇسۇلمان ئەر ئاياللارنى، ھايات قالغان ۋە ۋاپات بولغان ئەر ئاياللارنى كەچۈرگىن، مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىغىنى ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن . ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ غەم - قايغۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىگە شىپالىق بەرگىن، بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە يامانلىقنى مەقسەت قىلغانلارنى ئۆز جىنى بىلەن مەشغۇل قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھىلە مىكىر باتىللىرىنى تارمار قىلغىن، مۇسۇلمانلارغا ھەقنى چۈشىنىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىدىغان چۈشەنچە ئاتا قىلغىن، بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەر بىلەن تائەت- ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن، بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىن دۇنيا ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن. بىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىغىنى ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، مۇسۇلمان ياشلىرىنى توغرا تەلىم- تەربىيە ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلشقا،   گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك پىتنە- پاسات ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىغىن .

ئى ھەممىدىن بىھاجەت ۋە ماختالغۇچى ئاللاھ! بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، شەھەرلىرىمىز ۋە تۇپراقلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، بىزنى رەھمەت- مەغپىرىتىڭ بىلەن سۇغارغىن، گۇناھىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگىن، ياشانغان ئاجىزلار، ئورۇقلاپ ھالسىزلانغان چارۋىلار ۋە ئۇششاق بالىلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن .

ئى ئا للاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھنى كۆپ يادىتىڭلار، ئەتتىگەن كەچ تەرەپلەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، بىزنىڭ ئاخىرقى تىلىگىمىز بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 9 )
Go to the Top