سۈرە نەھلىدىن قىممەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: سۈرە نەھلىدىن قىممەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 10/10/1429ھـ 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېھتىياجى بولىدىغان پۈتۈن نەرسىلەر زىكىر قىلىنغانلىقى، خۇسۇسەن سۈرە نەھلىدە زىكىر قىلىنغان نېمەتلەر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىدە ئاللاھنىڭ بارلىقى، يەككە-يېگانە ئىكەنلىكى، كائىناتتىكى ئىشلارنى ئۆز كامالى قۇدرىتى بىلەن كونترول قىلىدىغانلىقىنى ساغلام ئەقىل ئىگىسى بولغان بىر ئىنساننىڭ ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-10-15
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/179456
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
سۈرە نەھلىدىن قىممەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەر
979 KB
: سۈرە نەھلىدىن قىممەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەر.doc
2.
سۈرە نەھلىدىن قىممەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەر
121.2 KB
: سۈرە نەھلىدىن قىممەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەر.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

سۈرە نەھلىدىن قىممەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەر

 

 

2008- يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم قىممەتلىك ھىكمەت، نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سۈرە نەھلىدە بولسا، ئاللاھ بەندىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىنى ئالاھىدە زىكىر قىلغان بولۇپ، بىزلەرنىڭ بۇ ھەقتە توختىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھنىڭ كىتابى   ھىدايەت نۇرى ئېنىق، جەۋھىرى قىممەتلىك، دەلىل - ئىسپات ھۆججەتلىرى روشەن، كۈچلۈك  نەسىھەت ۋ ە ئاجايىپ ھېكمەتلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا سۆزلەرنىڭ ئەڭ راستى ۋە ئەڭ شېرىنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، قۇرئان كەرىم زىكىر قىلىنغاندا ماقامىغا ھۆرمەت قىلماي بۇ ئۇلۇغ نېمەت ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتماي تۇرالمايمىز. بىز قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرىدىن بىر سۈرىنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈپ باقايلى. بۇ سۈرە ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بەرگەن كۆپلىگەن نېمەتلىرى زىكىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن نېمەتلەر سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ نەھل سۈرىسىدۇر. بۇ سۈرىدە ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىقىغا ماددىي دەلىللەر كۆپ زىكىر قىلىنغاندۇر. بۇ سۈرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى ئاخىرقى كۈنلىرى، مۆمىنلەر بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىدا سۈركىلىش ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان مەزگىللەردە نازىل بولغان. مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا تەھدىت سېلىپ بىزنىڭ ئازابىمىزدىن نەگىمۇ قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر؟! دەپ تەھدىت سېلىۋاتقان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا دىن ئايەت نازىل بولۇپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى مۇشرىكلارنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مونو ئايەت نازىل بولغان:

« أتى أمرالله فلا تستعجلوه » (ئاللاھنىڭ ھۆكمى كېلىشى مۇقەررەر ئالدىراپ كەتمەڭلار!) دېگەن تەھدىتنى ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان ياۋۇزلىقىغا قارىتا بەرگەن.

ئاللاھ تائالا سۈرە نەھلىدە تۈرلۈك -تۈمەن نېمەتلەرنى زىكىر قىلدى. سۈرىنىڭ بېشىدىلا ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بەرگەن ۋەھىي نېمىتىنى، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسلەتتى. ئۇندىن كېيىن ئاسمان-زېمىننى نېمەت قىلىپ ياراتقانلىقىنى زىكىر قىلدى . ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقانلىقى، سپېرمىدىن يارىتىلغانلىقىنى زىكىر قىلدى. ھايۋانلارنى ياراتقانلىقى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرغانلىقى، تاغلارنى ياراتقانلىقى، دېڭىز ئوكيانلار، دەريالارنى ياراتقانلىقى، يوللارنى يارىتىپ ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقى، ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىگەنلىكى، ئىنسانلار يۇلتۇزلار ئارقىلىق بارىدىغان يوللىرىنى ئاسانلىق بىلەن تاپالايدىغانلىقى، كائىناتتىكى ئاجايىپ ئىنچىكە تۈزۈمنىڭ بارلىقىنى زىكىر قىلىپ سۈرىنى ئاللاھ يەنە: ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناشنى خالىساڭلار ساناپ تۈگىتىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس، ئاللاھ سىلەرگە رەھىمدىل ۋە مەغفىرەتلىكتۇر  دېگەن ئايەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

بىلىڭلاركى، قۇرئان كەرىم ھىدايەت، پاساھەت-بالاغەت، ئىلىم-ئىرپان، ۋەز-نەسىھەت مەنبىئىدۇر. نەھل سۈرىسى يەنە نېمەتلەر قاتارىدا سۈتتىن ئىبارەت ئىچىملىك، مۆجىزە خاراكتېرلىك ھەسەل، ئۆز-ئىچىمىزدىن جۈپلەرنى يارىتىپ، ئەر-ئايال جىنسىنى پەيدا قىلىپ، ئۆز-ئارا ئۇنسى-ئۈلپەت، مۇھەببەت پەيدا قىلىپ، نەتىجىدە بالا-چاقا، نەۋرە-چەۋرىلەرنى بېرىپ، ئۇندىن كېيىن ئىلىم نېمىتىنى بېرىپ، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن بارلىق سەۋەپلەرنى يارىتىپ بەرگەنلىكى بولسا، ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن بولمايدىغان نېمەت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇ ئاساستا بارلىق ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشى كېرەك. ئاللاھ سۈرە ئاخىرىدا يەنە نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلارنىڭ مىسالىنى كەلتۈرۈپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى زىكىر قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كافىر بولغانلارنىڭمۇ زىكرىنى كەلتۈردى. دۇنيانىڭ مەۋجۇدىيتىگە تەھدىت بولىدىغان  تەبىئىى ئاپەتلەر، بۈيۈك مۇسىبەتلەر بولسا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىللەر بولۇپ، ئىنسانغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ، ئىنسانلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھدىن باشقا يەنە بىر كۈچ مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۆزىدىن ھەرخىل تەبىئىى ئاپەتلەرنى توسۇپ قالغان بولاتتى. سۇ ئاپەتلىرى، يەر تەۋرەش، بوران چاپقۇن ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھېچ بولمىغاندا ئاپەتلەرنىڭ يۆنىلىشىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋەتكەن بولاتتى.

ئاخىرىدا شۇ بۇ سۈرىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدىن شۇ خۇلاسە چىقىدۇكى؛ ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تەڭ كىلىدىغان دۇنيادا يەنە بىر كۈچنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، كائىناتتىكى پۈتۈن ئىشلار ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقى، ئىنسان ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئىلىپ ئاللاھنى تونۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى قاتارلىق مۇھىم ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ بۇ سۈرىنىڭ تەرجىمە ياكى تەپسىرىنى ئوقۇپ چىقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

Go to the Top