اعملوا لدار الآخرة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: اعملوا لدار الآخرة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي 3/10/1429هجري ، وبين فضيلته في خطبته آثار الطاعات لله-تعالى- في حياة الإنسان، وأن الدنيا تصلح بصلاح الأعمال، و سبب دخول الجنة والنجاة من النار هو القيام بأركان الإسلام وما يتبعها، وذكر أوصاف الجنة ونعيمها واوصاف النار وعذابها، وذكر فضل صيام الست من شوال.
تأريخ الإضافة: 2008-10-10
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/179329
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار
1009 KB
فتح: ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار.doc
2.
ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار
161.1 KB
فتح: ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار.pdf
نبذة موسعة

 

 

ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار

 

 

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 03- كۈنىدىكى جۈمەخۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

بىرىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ھەممىدىن غالىب، نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىلغۇچى، بەندىلەرنى جازالاشقا ئالدىرىماستىن كەچۈرۈم قىلغۇچى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. «ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھغا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھغا قايتۇرۇلىدۇ، ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر».ھەدىد سۈرىسى 4، 5، 6 - ئايەتلەر.

پەرۋەردىگارىم ئاللاھنى ماختايمەن، شۈكرى ئېيتىمەن، ھەممىدىن بۈيۈك ئالى بولغان ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق يەككە- يىگانە دەپ، ئالەمگە رەھمەت، دۇنياغا نۇر قىلىپ ئەۋەتىلگەن يولباشچىمىز ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن.

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، ساۋابقا ئېرىشىپ بەخىتلىك بولۇشنىڭ ئاساسى.

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ئۈچۈن ھازىر ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيادىن باشقا ئەبەدىي نېمەتلىنىدىغان ياكى تائەبەد دەرتلىك ئازابلىنىدىغان ئاخىرەت دىيارى تەييارلانغان، ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىش يېقىندا بولىدۇ، كىچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى بىلەن جانلىقلار بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى غايىسى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ، ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ». ئەررەھمان سۈرىسى 25، 26- ئايەتلەر.

ئۆلۈمنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ، مۆمىن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ تۇرىدۇ، پاجىر- پاسىقلار ھەرخىل ئارزۇ- ئارمانلار بىلەن ياشاپ ئەجىلى پۈتكەندە يىقىلىدۇ.

ئاگاھ بولۇڭلاركى! ئەمەللەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بىلەن دۇنيا ئىسلاھ قىلىنىدۇ، ئەمەللەرنىڭ ناچار - قەبىھلىكى بىلەن ھاياتلىق دۇنياسىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئەر -ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا ئەلۋەتتە قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاپ بېرىمىز» نەھلى سۈرىسى 97- ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئەگەر ھەقىقەت ( يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى» مۆمىن سۈرىسى 71-ئايەت.

دۇنيا، ھەرخىل سىناقلار بىلەن سىنىلىپ ئۆز ئەمىلىنى ياخشىلىققا يۈزلەندۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن نېمەت بولسا، نەپسى - خاھىشىنىڭ شەھۋەتلىرىگە ئەگەشكەنلەرگە نىسبەتەن دەرد-خاپىلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ» نەجمى سۈرىسى 31- ئايەت.  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشقا يول قويماڭلار»پاتىر سۈرىسى 5-ئايەت.

دىققىتىڭلاردا بولسۇنكى! دۇنيادا بىر جەننەت بولۇپ بۇنىڭغا كىرگەنلەر ئاخىرەتتىكى جەننەتكە كىرەلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىپ بۇيرۇقىنى ئۇرۇنداپ، چەكلىمىسىدىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« سىلەر دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمىلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر» زۇخرۇپ سۈرىسى 72-ئايەت.

ئاخىرەتتە دوزاخقا ئاللاھقا چوڭچىلىق قىلىپ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي نەپسى - خاھىشىنىڭ شەھۋەتلىرىگە ئەگەشكەنلەر كىرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دوزاخ ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن پەردىلەنگەن، جەننەت كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان نەرسە بىلەن پەردىلەنگەن». بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ جەننىتىنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى خالىس نىيەت ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىش بىلەن تەلەپ قىلىڭلار، كىمىكى ئەمەللەرنى خالىس نىيەت ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق قىلمايدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاپ كەتكۈچىدۇر، ئاللاھ تائالا ئۆز جەننىتىگە رىغبەتلەنگۈچى، ياخشى ئەمەللەرنى بەسلىشىپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن جەننەتنى ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنى سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەك سۈپەتلەپ بەردى، ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« دىققەت قىلىڭلار! جەننەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلغۇچىلار بارمۇ؟، ھەقىقەتەن جەننەتتە ھىچ قانداق خېيىم - خەتەر بولمايدۇ، كەبىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! جەننەت دېگەن نۇرلار جىلۋىلىنىپ، رەيھان گۈللەر تەۋرىنىپ، ئېسىل قەسىرلەر قەد كۆتۈرۈپ، مېۋىلەر پىشىپ، سۇلار ئېقىپ، گۈزەل پەرىزاتلار تەلمۈرۈپ تۇرغان، ئېسىل كىيىملەر، ھەرخىل ئالى نېمەتلەر بىلەن بىزەلگەن، ئەبەدىي - ئەبەد تېنچ - خاتىرجەملىك قاپلىغان جايدۇر دېدى. ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ! بىز جەننەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلغۇچىلارمىز دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: « ئاللاھ خالىسا» دەڭلار دېدى. ئۇلار بىردەكلا: ئاللاھ خالىسا دېدى».

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز يارەسۇلۇللاھ! بىزگە جەننەت ۋە جەننەتنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدىن سۆزلەپ بەرسىلە دېدۇق؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« جەننەتنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىر قىشى( يەنى كىسەكلىرى) ئالتۇندىن، يەنە بىر قىشى كۈمۈشتىن، تامنىڭ سۇۋاقلىرى مىسك ئەمبەردىن، شېغىل تاشلىرى مەرۋايىت ۋە ياقۇتلاردىن، توپىلىرى زەپەردىن، كىمىكى جەننەتكە كىرىدىكەن نېمەتلىنىدۇ، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، كىيىم - كېچەكلىرى دائىم يېڭى ۋە ھەمىشە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ» بۇ ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىيدىن رىۋايەت قىلىنغان.

جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« جەننەت ئەھلى جەننەتتە يەيدۇ- ئىچىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدۇ ۋە بۇرۇننى تازىلاش بولمايدۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ تائامى ئىپاردەك خۇش- بۇي كېكىرىش بىلەن ھەزىم بولىدۇ، خۇددى ئۇلار تەبئىي نەپەسلەندۈرۈلۈپ تۇرغىنىدەك ئۇلارغا تەسبىھ، تەكبىر ئىلھام قىلىنىپ تۇرىدۇ». مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئەتتىگەن ياكى كەچتە ئاللاھ يولىدا چىقىش دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ جەننەتتىكى قامچا بويى مىقداردىكى ئورنى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر، ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولغان ئايال دۇنياغا بىر نەزەر تاشلايدىغان بولسا ئىدى، دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر نۇرغا چۆمۈپ، خۇش- پۇراققا تولۇپ كېتەتتى، ئىنساننىڭ جەننەت ھۆرلىرى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر». بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 14 كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى:« سىلەر خۇددى مۇشۇ تولۇن ئاينى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلاردەك، ئۆز رەببىڭلارنى كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىيىنچىلىق تارتمايسىلەر» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن دوزاختىن ئەڭ كېيىن چىقىپ جەننەتكە ئەڭ كېيىن كىرىدىغان ئادەمنى بىلىمەن، ئۇ بىر كىشىكى دوزاختىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ، ئاللاھ ئەززەۋەجەللە ئۇنىڭغا بارغىن جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ، ئۇ جەننەتكە كەلسە ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ قايتىپ كېلىپ، ئى رەببىم جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ- دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بارغىن جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ، ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ قايتىپ كېلىپ، ئى رەببىم جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ- دەيدۇ، ئاللاھ بارغىن جەننەتكە كىرگىن، ساڭا دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئون ھەسسىدەك رەھمىتىم بولسۇن دەيدۇ، ئۇ بەندە سەن ھەممىنىڭ ئىگىسى تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن- دەيدۇ، ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈلۈپ ھەتتا ئېغىز چىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مانا بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى دەيدۇ». بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

مانا بۇ ھەق بولغان ساۋاپ ۋە سەمىمى- راس ۋەدە، مەڭگۈ تۇرىدىغان نېمەتلىك ماكاندۇر، بۇ ئىلگىركى سەلەپ - سالىھلار ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنى ۋە مېلىنى سەرپ قىلىپ، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈپ، ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن سۈپەتلىنىپ، ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلىنىپ، مۇھەببەت- نەپرىتى ۋە خەيرى- ئېھساننى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە جەننىتىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن خالىس قىلىپ، ھىممىتىنى بوشاشتۇرماي، ئەمىلىنى ئۈزۈلدۈرمەي، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ، ئىرادىسىنى كۈچلەندۇرۇپ، ئۆز پەرۋەردىگارىنى دائىم زىكىر قىلىپ تەلەپ قىلغان جەننەتتۇر.

ھاياتلىق دۇنياسى مەغرۇرلاندۇرۇپ ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالغانلار، ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى جازالاشقا ئالدىرماسلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ مۇھىم ئەمەللەرنى زايا قىلىپ گۇناھ قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلار، ئاللاھ دۇنيا نېمەتلەرنى ئاتا قىلسا ئۆزىنى بەختلىك دەپ گۇمان قىلغانلار، توغرا يولنى لازىم تۇتۇڭلار، ھۇشۇڭلارنى يىغىپ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇڭلار، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىش ناھايتى تىز، قەبرە ۋە ئۇنىڭ زۇلمەتلىرى بەك يېقىن، ئۆلۈم پەرىشتىسى ھەرگىز سىنى قويۇپ باشقىلارغا ئۆتمەيدۇ، سەن بىلەن جەننەت ياكى دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ كېلىشىلا قالدى.

ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىڭلار، ئاخىرەتتىكى خارلىق ۋە دەرتلىك ئازابتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭ ئازابلىرىنى سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەك سۈپەتلەپ بەردى، سىلەرنىڭ ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى زىكىر قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە دوزاخ ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى:« دوزاخ ئەھلىدىن ئەڭ يەڭگىل ئازابقا دۇچار بولغان كىشى ئۈچۈن بۇغۇچلىرى ئوتتىن بولغان بىر جۇپ ئاياغ كىيدۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ مېڭىسى چۆگۈن قاينىغاندەك قايناپ كېتىدۇ، ئۇ كىشى كۆڭلىدە مەندىنمۇ بەكراق ئازابلىنىۋاتقان ئادەم يوق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابتا ئازابلىنىۋاتقان ئادەمدۇر» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت  قىلغان. ئەمما دوزاختا قاتتىق ئازابلىنىدىغان گۇناھكارلار ئۈچۈن بەتبۇي ئاچچىق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ، ئۇ يېمەكلىك كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ، بۇنىڭ تىكەنلىرى قورساقلىرىغا كىرمەيدۇ، كىكىرتەكلىرىدىن چىقمايدۇ، ئۇلار ئۇسساپ ئۇسسۇزلۇقتىن بويۇنلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكىدەك بولغاندا دوزاختىكى پاسىق گۇناھكارلارنىڭ بەدىنىدىن ئاققان قان ـ يىرىڭدىن ئىبارەت سىېسىق ئىچىملىك ۋە قايناق بۇس چىقىپ تۇرغان يۇقىرى ھارارەتلىك بۇلاق سۇلىرى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە تىز ئوت ئالىدىغان تۆمۈر كېيىم بىلەن ئوت ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدا جىگەر باغرىلىرى تىتىلىپ مۇستەھكەم چوڭ تاغلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھەر خىل ئەلەملىك ئازابلارنى تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىلىدۇ». ئەئراف سۈرىسى41- ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنى ئۈستىدىن قاتمۇ-قات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇ-قات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ قاتتىق ئازاب بىلەن ئاللاھ بەندىلەرنى قورقۇتىدۇ، ئى بەندىلىرىم ئازابىمدىن قورقۇڭلار» (زۇمەر سۈرىسى 16- ئايەت.

دىققىتىڭلاردا بولسۇنكى! ئىسلامنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنى ئادا قىلىش جەننەتكە كىرىش ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى، رامىزان روزىسىمۇ ئىسلامنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى، رامزانلىق نام - ئەمەل پۈتۈكلىرى تامام بولدى، كىمىكى پۈتۈكلىرى رامزاندا روزا تۇتۇش ۋە كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇش بىلەن تاماملانغان بولسا ئاللاھتىن داۋاملىق تائەتتە مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە شۈكۈر ئېيتىشنى تىلەش بىلەن ئاللاھغا ھەمدۇ- سانالار ئېيتسۇن، چۈنكى ياخشىلىقنىڭ ساۋابى دېگەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياخشىلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كىمىكى ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسا ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن، چۈنكى تەۋبىنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇق، گۇناھ - مەسىيەتنىڭ جازاسى ئۇنىڭدىن كىيىنكى گۇناھ - مەسىيەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە(يەنى ئەتتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا)ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ، بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر» ھۇد سۈرىسى 114- ئايەت.

تائەتتىن كىيىنكى گۇناھ-مەسىيەت تائەتنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىدۇ ياكى ساۋابىنى ئازايتىدۇ« ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار،سەجدە قىلىڭلار(يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار،)، يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى ( يەنى خىش- ئەقرىبالارغا سىلە- رەھىم قىلىش، يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۈد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار» ھەج سۈرىسى 77- ئايەت.

ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە بەك مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر، ھەممىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئاللاھنى ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە - يىگانە دەپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلار نىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئىسلامنىڭ يىمىرىلمەس مۇستەھكەم ھالقىسىغا چىڭ ئېسىلىڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىندەك كىلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، ئۇ جەننەت ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزلى ئىگىسىدۇر»ھەدىد سۈرىسى 21-ئايەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ» تەھرىم سۈرىسى 6- ئايەت.

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دوزاختەك ساقلىنىشقا تېگىشلىك ۋە جەننەتتەك تەلەپلىرى يۇقىرى ئورۇننى كۆرمىدىم»  بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ئى مۇسۇلمانلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن ھالالمۇ ۋە ھاراممۇ ئوچۇق- ئاشكارا، بۇنىڭ ئارىسىدا شەكلىك ئىشلار بولۇپ بۇنى كۆپچىلىك كىشىلەر بىلمەيدۇ، كىمىكى شەكلىك ئىشتىن ساقلانسا ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شەكلىك ئىشتىن ساقلانمىسا ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ» بۇ ھەدىسنى تىرمزى رىۋايەت قىلغان.

جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنى قىلىش ئارقىلىق جەننەت ئەھلىدىن بولۇڭلار، دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، مۇسۇلمان دائىم ئاللاھقا دۇئا قىلىپ جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ۋە دوزاختىن يىراق قىلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. چۈنكى دۇئا دېگەن ئىبادەتنىڭ يىلىكى ۋە مۇسۇلماننىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ تۈگەنچىسىدۇر. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: يا رەسۇلۇللاھ! مەن، سەن ۋە مۇئاز پىچىرلاپ دۇئا قىلغاندەك دۇئا قىلالمايمەن، لېكىن مەن: ئاللاھتىن جەننەتنى سوراپ دوزاختىن پاناھلىنىمەن دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« بىزمۇ شۇ مەزمۇندا دۇئا قىلىمىز دېدى».

دىققىتىڭلاردا بولسۇنكى! كىمكى شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقاندەك ساۋاپ بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئالتە كۈنلۈك روزىنى تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:« كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى:« « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ماڭا بىرقېتىم دۇرۇت ئېيتسا، بۇ دۇرۇتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون ھەسسە رەھمەت قىلىدۇ».

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلغىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، دىنىڭغا، كىتابىڭغا ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتىگە ياردەم بەرگىن، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى بىرلەشتۈرگىن، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۆز - ئارا ھەقكە ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىدىغان قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىگە ئۆزۈڭ كۇپايە قىلغىن، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن، مۇسۇلمانلاردىن قەرىزدارلارنىڭ قەرزىنى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن، سىنىڭ رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازاۋى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن، بىزدىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن ۋاپات بولغان كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىپ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتكىن. بىزنى ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن، بىزنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى، ئاشكارا يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى، بىز بىلمىگەن سەن بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن. سەن ھەممىدىن ئەۋۋەل ۋە كىيىن سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن، ئى ئاللاھ! بىز سەندىن تەقۋالىق، ھىدايەت، ئىپپەت ۋە بىھاجەتلىكنى سورايمىز، ھالال نېمەتلىرىڭ بىلەن ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن. ساڭا ئىتائەت قىلىش بىلەن گۇناھ- مەسىيەتتىن ساقلىغىن، ئۆز پەزلىڭ بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. دىلىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز سەن ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن ۋە مېھرىبانسەن.

ئى ئاللاھ! بىزنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇدەك ۋاقىتمۇ تاشلاپ قويمىغىن، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلار بىلەن دىنىڭغا ۋە كىتابىڭغا ياردەم بەرگىن، سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن.

ئى كەرەملىك ئاللاھ! بىزنىڭ دىلىمىزنى ئېچىۋەتكىن، ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، خاتالىقلىرىمىزدىن ئۆتىۋەتكىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ. سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كېيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، ناھايتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.

 

 

 

Go to the Top